ھاياتلىق ۋە نومۇس

نومۇس ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان ئەڭ نازۇك، مەنىۋى گۈزەللىكنىڭ جىلۋىگەر، لاتاپەتلىك، سۆيۈملۇك «قىزى»، ئۇ، ئىنسانلارغا رەھمەت قىلىنغان ئەڭ كاتتا ھىممەت.
شۇڭا ئىنسانلار نومۇسقا خىيانەت قىلسا، ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان كاتتا ھىممەتكە خىيانەت قىلغان بولىدۇ. نومۇستىن كىشىلەر پاكلاندى ۋە مۇكاپاتلاندى، نومۇسسىزلىقتىن بۇلغاندى ۋە جازالاندى. «ھايا - نومۇس بەندە ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، كىمدە ھايا - نومۇس بولىدىكەن، ئۇنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، كىمدىن نومۇس كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىكەن، ئۇنى سەتلەشتۈرىدۇ»، مانا بۇ ھېكمەت. دوستلانىڭ يازغۇچى يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ روھىي ساغلاملىق نەسىھەتنامىسى — «ھاياتلىق ۋە نومۇس» دېگەن كىتابىنى چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-21 10:28