يۈز خەتلىك فېليەتوللار
شوتا
تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە مەن شوتىنىڭ خاراكتېرىنى تونۇپ يەتتىم: شوتا كىم ئىشەنچلىك بولسا شۇنىڭغا تايىنىدىكەن، بولمىسا يەردە سوزۇلۇپ يېتىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
كۈلكىدىكى پەرق
تۆۋەندىكىلەر باشلىقنىڭ سۈرلۈك چىرايىنى كۆرۈپ ئۆگىنىپ قالغان. ئەگەر بىرەر باشلىق قول ئاستىدىكى بىرسىگە قاراپ كۈلسە، قول ئاستىدىكى بۇ كىشى نەزەرگە ئېلىندىم، دەپ قاتتىق خۇش بولۇپلا قالماي، يەنە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مەستلىكىنى قوزغايدۇ. باشقىلار: «ھە، بۇ نەرسە ئۆسىدىكەندە!» دەيدۇ.
يۇقىرىدىكىلەر قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەمىشە ئوچۇق چىراي بىلەن كۈلۈپ مۇئامىلە قىلىشىغا ئۆگىنىپ قالغان. ئەگەر قول ئاستىدىكى بىرەرسى باشلىقىغا مۇنداق قىلمىسا، بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بولىدۇ: بىرسى، قول ئاستىدىكى بۇ ئادەم ئەمدى ئۇ باشلىقنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىمەسلىك نىيىتىگە كەلگەن؛ يەنە بىرسى، ئۇ ئادەم باشلىقنىڭ باشلىقىنى ئۆزىگە ئارقا تىرەك قىلغان.
كەمسىتىش
توغرا نەزەر بىلەن قارىماسلىق ساغلام بولمىغان بىر خىل روھىي ھالەت. شۇ سەۋەبتىن: ئاق تەنلىكلەر باشقا تەنلىكلەرنى كەمسىتىدىغان، شەھەرلىكلەر يېزىلىقلارنى كەمسىتىدىغان، خىزمىتى بارلار خىزمىتى يوقلارنى كەمسىتىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ... مۇنداق كىشىلەر باشقىلارغا غەلىتە نەزەر بىلەن قارايدۇ، كۆڭلىدە ھەمىشە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بولىدۇ، ئاغزىمۇ جىم تۇرماي ھەمىشە باشقىلارنى چۈشۈرىدۇ. ئەمما، سەللا ئېھتىيات قىلمىسا ئۆزىمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-16 10:04