كۆرۈش: 47124|ئىنكاس: 22

‹‹مىليون گۈل››گە چۈشكەن ئىنكاسلار توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1804
تۆھپە
1101
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 05:22:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرنەچچە ئاي بۇرۇن ئىشلىنىۋاتقان مىليۇن گۈل ناملىق كىنو توغرىلىق ئاڭلىغان بولساممۇ ،ئانچە كۆڭۈلشىمەپتىكەنمەن.ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا بىر دوستۇمنىڭ ياتىقىدا بىرىنچى ئىككىنچى قىسىمىنى كۆرۈدۈم.
بۇ كېنو ماڭا تۈركىيەنىڭ كوردلار ۋادىسى دىگەن كىنوسىنى ئەسلەتتى،ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن بۇرۇنقى كىنولاردىن پەرقلىندىغانلىقىنى ھېس قىلدىم،مەيلى نېمىلا بولمىسۇن بۇ ئۇيغۇر كىنو ساھەسى ئۈچۈن يېڭىلىق بوپتۇ دەپ ئويلىدىم.
توردا مىليۇن گۈل كىنوسىنىڭ رىژىسسورى ئابلىز ئابدىرىشتىنىڭ تۈركىيەگە قىلغان زىيارىتى بېرىلىپتۇ، ئاستىدىكى  ئىنكاسلارغا دېققەت قىلدىم، قارىسام كۆپىنچىسى ئىنكار ئىنكاسلار ئىكەن،كۆرۈرمەن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كۆرگەنلىرىمىز توغرىسىدا پىكىر قىلىش ،تەنقىد قىلىشقا ئەلۋەتتە ھەممىمىز ھوقۇقلۇق.
ئەمما ھەر قايسىمىزنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەت ئۆزىمىزنىڭ خاھىشىلا بوپ قېلىشى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارايمەن.
شۇ كىنونى ئىشلىگۈچىلەر خەلقىمىزگە يېڭىچە بىر تۇيغۇ ئاتا قىلىمەن دەپ قانچىلىك جاپا چەكتى بىلمەيمىز لېكىن غۇۋا بولسىمۇ ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن، بۈگۈنكى دۇنيادا يېڭىلىق يارىتىش كويىدا جاپا چېكىۋاتقان ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئەمگىكىنى ئازىراقمۇ ئىتراپ قىلماسلىق خاتا، بولۇپمۇ بىز ئۈچۈن تېخىمۇ خاتا!!
ھۆرىيەت كىنو سىتودىيىسى (مۇشۇنداق ئاتىسام توغرىدۇ ھە،مەنمۇ مۇشۇنداق ئاڭلغان)ئەمدى بىرىنچى قەدەمنى باسقاندا ھەر قايسىمىزنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىسە ،قانداق بولۇشى كېرەك، ئۇلار كىنونى  سىز ئۈچۈن ،مەن ئۈچۈن ئىشلىمىدىمۇ؟ پۇل ئۈچۈن ئاق  قىپتۇ كۆك قىپتۇ دەيسىز،ئەگەر بىردىنبىر مەقسەت پۇل تېپىشلا بولسا ئىدى،پۇل تېپىشنىڭ باشقىچە يوللىرىمۇ كۈرمىڭ ئىدى، ئۇلار ئۆز كەسپىدە يېڭلىق يارىتىشنى مەقسەت قىپتۇ،نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ مەقسىدىنى خاتا چۈشەنسەك ئۇۋال قىلغان بولىمىز، قاتتىقىراق ئېيتساق ئۆز پۇتىمىزغا پالتا چاپقان بولىمىز، دېمەككى ھەرقايسىمىزنىڭ بۈگۈنكى پوزىتسىيىمىز ھۆرىيەتنىڭ ئىككىنچى قەدىمىنىڭ قانداق بېسلىشىنى ،ۋە ياراتقان ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ.
قارىسام بۇ كىنو تۈركىيە فىلىملىرىگە ئاز تولاتەقلىد قىلىنىپتۇ،لېكىن بۇ ئۆزىمىزنىڭ ،مەيلى قانچىلىك ناچار بولسىمۇ ،سىز گە يارىمىسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ!،قايسى ساھەنىڭ تەرەققىياتى شۇنداق تۆۋەن پەللىدىن باشلانمىغان؟شۇ كىنونى ياراتمىغان سىز  ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈ كىنو ئىشلىمەسلىكىنى ئارزۇ قىلامسىز؟،بەلكىم دىنى نۇقتىدىن شۇنداق ئويلارسىز.گەپ ئەسلى  نەرسىدە ئەمەس ئادەمدە.
ئۆزىمىزگە قاراپ باقىدىغان بولساق،نەچچە يىللاردىن بىرى ئاۋۋال پاكىستان ھىندىستان كىنولىرىنى، ئاندىن ياپۇنىيە كورىيە كىنولىرىنى كۆرۈپ ،قىزلىرىمىز ھىندىستانلىققا، كورىيەلىكلەرگە ئاشىق بولۇپ يۈردى.
يېقىنىدىن بىرى تۈركىيەنىڭ قىزىپ كەتتى، بۇ جەرياندا بىزدىمۇ شۇنداق كىنولار بولسا دىگەن ئارزۇ سىلەردە بولغانمۇ يوق،بىلمەيمەن.مۇھىمى بىز شۇ كىنولادىن شۇ مىللەتنى ،دۆلەتنى چۈشەندۇق،باھا بەردۇق، باشقىچە ئېيتساق خەق شۇ كىنولىرى بىلەن(ئەلۋەتتە پەقەت كىنو بىلەنلا ئەمەس)بىزگە تۇنۇلدى، ئۆزىنى تۇنۇتتى،ھەتتا بەزى كىنولار كىشلەرنىڭ ئىدىيسىگە تەسىر قىلىپ ئوخشاش قاراشتىكى كىشىلەر توپىنى شەكىللەندۇردى، دېمەك خەقنىڭ كىنوسى بىزنى مەلۇم يۆنىلىشكە يېتەكلىيەلىدى.
دۆلىتىنى مىللىتىنى سۆيىدىغان بىر نورمال ئادەم ئۆزى تەۋە بولغان توپنىڭ جاھانغا تۇنۇلۇشىنى ناھايىتى تەبىئىيلا ئارزۇ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە بىر مىللەتنىڭ تۇنۇلۇشى شۇ مىللەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپتىن ماس ھالدا تەرەققىي قىلىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ، لېكىن  ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەرەققىيات تەسىرى بىردەك بولمايدۇ.
ئەمدى ئۆزىڭىزنىڭمۇ سىز ھەۋەس قىلغان چەتئەلنىڭكىدەك نادىر كىنولىرىڭىز بولسا،باشقىلارمۇ دۇنيادا ئۇيغۇر دەپ بىر مىللەت بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ قىز ئاياللىرى نۇمۇسچان ،سىلىق -سىپايە، لېكىن غەيرەتلىك كېلىدىكەن، ئەرلىرى باتۇر قورقماس،جەسۇر،ۋەتەن سۆيەر ئىنسانلاركەن،دەپ چۈشەنسە نېمىشقا بولمايدىكەن.
ئۇيغۇرنىڭ ئۆرىپ -ئادىتىنىڭ،مەدەنىيتىنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ھەممىز پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىمىز، بۇ ئەلۋەتتە جاھان ئەھلى تەرىپىدىن تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىتراپ قىلىنىشى كېرەك. مانا بۇ مىللەتنىڭ شان شەرىپى،ئۆز نۆۋىتىدە ھەر قايسىمىزنىڭ شان شەرىپى.
بىلسەك، شان-شەرەپ تۇيغۇسى كۈچلۈك دۆلەت،مىللەت ،شەخىس ،ھېچقاچان پەسكەشلىكنى ئۆزىگە راۋا كۆرمەيدۇ.شۇ توپقا تەۋە ھەربىر ئەزامۇ ھەم ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا يۈزلىنىدۇ.
ۋەتىنڭىزنىڭ ،مىللتىڭىزنىڭ شان شەرىپى ئاخىرىدا سىز تەۋە بولغان توپنىڭ داۋاملىق يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
شۇڭا ئۆزىمىزنىڭكىنى قەدىرلەيلى، شۇندىلا بىز تەۋە بولغان توپ ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلىدۇ.
بىزلەردە شۇنداق قاراش بار جۇڭگودا ئىشلىگەن دىسە،چەتئەلنىڭ بەك ياخشى ئىدى دەيدىغان، شىنجاڭدا ئىشلەنگەن دىسە،ئىچكىرىنىڭ ياخشى ئىدى دەيدىغان.بۇنى بوۋىلىرىمىز  يېقىندىكى موللام جا موللام،يىراقتىكى موللام داموللام دىگەن كىنايە بىلەن سۈپەتلىگەن.
ئەسلى بىزئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوللىشىمىز كېرەك.شۇندىلا خەقلەرگە ھەۋەس قىلىپ ئۆتىدىغان تارىخمىزغا خاتىمە بېرەلەيمىز.خەقنىڭكىگە كۆز قىزارتقاندىن ئۆزىمىزنىڭكىنى مۇكەممەللەشتۈرسەك كۆپ ئەۋزەل ئەمەسمۇ....

قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
415
تۆھپە
134
UID
1050
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 13:41:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى مۇھاكىمە قىپسىز....


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
لالە
تىللا
398
تۆھپە
149
UID
828
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 16:47:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى توغرا ھەم جايىدا گەپ بوپتۇ. ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىز قەدىرلىسەك، ئاندىن باشقىلار بىزنىڭكىنى قەدىرلەيدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان، ئېتىبار بېرىدىغان بولىدۇ.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
سۈمەييە
تىللا
177
تۆھپە
67
UID
3351
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 18:32:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ناھايىتى خۇش بولدۇم سىزدىن ،رەخمەت شۇنچىلىك پىكىر يۈرگۈزگۈنىڭىزگە.....بىزمۇ ئىلھام ئىلىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس.


Rank: 4

ئىسىمى
FAShiS
تىللا
197
تۆھپە
106
UID
475
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 21:39:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس گەپ قىلسام مەن ئۇ كىنونى كۆرمەپتىكەنمەن .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
467
تۆھپە
279
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 23:30:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىنونى قەدىرلەش كىرەك ، بۇرۇنقى غىرىپ سەنەم ، بەخىت ناخشىسى ، رەنانىڭ تويى ، مەمەت ھەققىدە پاراڭ ،پۇل ، داپ ، نۇنچى ئىشلەنگەن نەسىرىدن ئەپەندى ، تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن ........... قاتارلىق بىر قانچە قىنودىن باشقا كىنولىرىمىزنىڭ كۆرۇش ئەھمىيتى يوق ، خۇددى ئاۋۇت پالاكەت دىگەندەك كىنولار !


Rank: 2

تىللا
58
تۆھپە
14
UID
4810
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 14:11:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى كىنو جۇمۇ ،مەن ئۇلارنى  قوللايمەن


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1054
تۆھپە
514
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 17:13:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپنى دېسەم خاپا بولماڭلار ،كۆپ ئۈمۈد يوقمىكىن .. بۇ ھەقتە ئايرىم تېما يازىمەن..


ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 6Rank: 6

تىللا
981
تۆھپە
435
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 20:34:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ قەدرىنى ئۆزىمىز قىلمىساق،باشقىلار ھۆرمىتىمىزنى قىلمايدۇ،مىليۇنگۈل فىلىمىنى مەنۆ 4قىسىم كۆردۇم سۆيۇندۇم


Rank: 2

ئىسىمى
ئادىل
تىللا
101
تۆھپە
42
UID
125
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 23:48:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاڭسەن ، قىزىل كۆۋرۈكتە توۋلاپ ساتىدىغان 3 سوملۇق دىسكىلارغا كۆنەپ كەتتۇق ، يەكشەنبە كۈنلىرى توخسۇن بازىرىدا 10 سومغا 15  دىسكىلارنى سېتىۋېلىشلىرىمىزچۇ تېخى ....



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:38, Processed in 0.080140 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991