كۆرۈش: 39202|ئىنكاس: 49

تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مىكروبىلوگىنىڭ سىناق نەشرى ئېچىۋېتىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
628
تۆھپە
338
UID
44

جاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ تۈۋرىكىفىلمچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 14:09:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1–مارت چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئاخبارات مەركىزىدە سەككىز يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە يەنە بىر شانلىق ئابىدە تىكلەندى . بۈگۈن يەنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ، جۈملىدىن بارلىق تورداشلار ئۇزاقتىن بۇيان تەلپۈنگەن ـــ مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگ تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگنىڭ سىناق نەشرى ئېچىۋېتىلدى .


IMG_7245副本.jpg


   مۇراسىمغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ خەنمىن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غەيرەت سالىيوف ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تەڭرىتاغ تورىنىڭ باش مۇھەررىرى جۇ جيەنخۇا  قاتارلىق رەھبەرلەر، تەڭرىتاغ تورىنىڭ بارلىق خادىملىرى ۋە بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى . خۇ خەنمىن ، غەيرەت سالىيوف ، جۇ جيەنخۇا قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ‹‹تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگى سىناق ئېچىۋېتىلدى ›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن ئايلانما شارچىنى قوزغىتىشى بىلەن مەملىكىتىمىزدىكى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىدىغان تۇنجى ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگ ‹‹ تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگى ›› رەسمىي دۇنياغا كەلدى .

IMG_7262副本.jpg


    تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگىنىڭ ئېچىلىشى ئۇيغۇر تورچىلىق ئىشلىرىدىكى كاتتا نامايەندە بولۇپ ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سادالىرىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلىشتىكى يېڭى كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ.

IMG_7272副本.jpg


     ‹‹قەلب سادايىڭىزنى دۇنيا ئاڭلىسۇن !›› تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگىنىڭ شۇئارى ، شۇنداقلا بارلىق تورداشلارغا جاكارلىغان يۈرەك ساداسى بولۇپ ، تورداشلار ئۆزىنىڭ ھېس–تۇيغۇلىرىنى ، ئارزۇ–ئارمانلىرىنى، يۈرەك تىۋىشلىرىنى، ئەتراپتىكى شەيئىلەر ھەققىدىكى چۈشەنچە ، كۆز قاراشلىرىنى ، مەلۇم بىر تېما ياكى بىرەر ئىجتىمائىي مەسىلە ھەققىدىكى ئىلمىي مۇنازىرىلەرنى ۋە باشقا بارلىق ئىلمىي ، ساغلام بولغان يازمىلارنى يوللاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قەلب ساداسىنى پۈتۈن دۇنياغا ياڭراتسا بولىدۇ .

IMG_7276副本.jpg


       قەدىرلىك تورداش كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ، مائۇسنى يېنىككىنە چەكسىڭىزلا سىزنىڭ قەلب سادايىڭىز تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ ، سىزگە ئۆزىڭىز ئويلاپ باقمىغان خۇشاللىقلارنى ئاتاقىلىدۇ

IMG_7301副本.jpg


http://www.barmu.cn
ياردەم مەركىزى http://www.barmu.cn/help_center


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
247
تۆھپە
101
UID
4041
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 14:41:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ.بىۋاستە دېيەلمىگەن ئىچ سىرلىرىمىزنى مىكرو بلوگ ئارقىلىق جامائەتچىلىككە ئاشكارلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمىزنىڭ ئۆزى بىر ياخشى پۇرسەت!


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5568
تۆھپە
2456
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 15:40:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىك مۇنبەردىكى ئەزالىق نومۇرى بىلەن مىكروبىلوگقا كىرەلەيدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ مىكروبىلوگقا كىرىپ، يېڭى دەۋردىكى ئەڭ يېڭى تارقىتىش ۋاستىسىنى سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز .


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
532
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 15:47:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ سىناپ باخساق بولغۇدەك.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
651
تۆھپە
354
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 15:51:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگنىڭ ئېچىلىشى ياخشى ئىش بۇلۇپتۇ.


Rank: 4

تىللا
309
تۆھپە
156
UID
3123
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 16:00:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ خەۋەرنى كۆرۈپ خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتكىلى تاس قالدىم جۇما! ئەينى ۋاقىتتا سىنا تورى مىكرو بلوگىنى ئىچكى قىسىمدا سىناۋاتقاندا، بىر دوستۇمنىڭ تەكلىپ نومۇرى بىلەن تىزىملىتىپ، مىكرو بلوگنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولغان، ھەم بىر نەچچە دوستۇمغا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئەگەر ئۇيغۇرچە مىكرو بلوگمۇ ئېچىلىپ قالسا نېمە دېگەن پەيزى ھە؟ دېگىنىمدە ئۇلار ماڭا تەنبىھ بېرىپ، ئۇيغۇرچە مىكرو بلوگنىڭ ئېچىلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇخلىماي چۈش كۆرمە! دېگەندە بەكلا ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدىم. مانا ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ كۈنمۇ يېتىپ كەلدى دېسە...


ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە!

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1904
تۆھپە
556
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 16:24:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!

مىكرو بلوگدا گوڭۇر-موڭۇر پاراڭ سېلىشنى باشلاپ كەتتۇق.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
166
تۆھپە
74
UID
248
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 19:50:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ مىكرو تور بىتىم بار بوپتۇ- دە ئەمدى.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5568
تۆھپە
2456
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 20:49:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇتەللىپ قاسىممۇ مىكروبىلوگقا ئەزا بولدى .


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 6Rank: 6

تىللا
697
تۆھپە
372
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 21:11:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كىردىم لىكىن مىكروبىلوگدىن قانداق پايدىلىنشىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدىم،،،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:00, Processed in 0.085029 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991