يۇلغۇن: ئۆزۈمگە ۋە ئۆزگىلەرگە دەيدىغانلىرىم‹14› ھايات دېمەك-ئىزلەنمەك دېمەك»دېگەن ھېكمەتنى ئۆزۈڭگە مىزان قىلىپ ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدەن .ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىختىكى قەيسەرلىكىنى چىداملىقىنى،جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى يىتىلدۈرگىن :ئۇ سېنى جۇشقۇنلۇققا،باتۇرلۇققا چاقىرىدۇ. ئىجادىي ئىقتىدار ۋە ئىجتىمائىي تۆھپەڭ بىلەن ھايات تارىخىڭنى مۇكەممەل قىلىپ يېزىشنى توختىماي داۋام قىل.بىزگە بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە نېمە بولدىكىن تاڭ،بىر قېرىندىشىمىز توغرىسىنى ئېيتقاندا بىر تىلدېشىمىز، دىندېشىمىز تەقدىر دېشىمىز،قىسمەتدېشىمىز قاتمۇ-قات توساقلارنى يېڭىپ غەلبىسىرى ئىلگىرلىسە ئۇنى كۆرەلمەيدىغان ،ياخشىلارنى خاراپ ،يانانلارنى ئەتىۋارلايدىغان مەلئۇنلۇق،تۈزكورلۇق باش كۆتۈرۈپ قالدى.بۇ دۇنيا شۇنداق دۇنيا،غەلبە مۇشكۈلاتلار ئىچىدە. غەلبە يوللىرىنىڭ قات-قات مۇسكۈلى، دۈشمەن تەھدىتنىڭ يېنىدا ساتقۇن. لەڭمىڭلاپ شەيدالار غەلبىنىڭ ئۇلى، ۋە لېكىن ئەرۋالار تېنىدە قۇزغۇن. روھىڭ ساغلام بولسۇن.ئۆزۈڭدىكى دۇنيا قاراش ،كىشلىك قاراش ۋە قىممەت قارشىنى ئەتراپىڭدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە تاكامۇللاشتۇرغىن ،روھىي ساغلاملىقنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى مەنىۋىي كۈچ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرغىن.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇرۇن ھىس قىلالمىغان ھەم ھىس قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئاجىزلىقىنى ھىس قىلىۋالسۇن،روھىي ساغلاملىقنىڭ زېھنى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ،ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كەلگەندىمۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۆز قىممىتىنى ئۆز يارتىش ئۈچۈن دادىل قەدەم تاشلىيالايدىغان ئىرادە، جاسارەت ئاتا قىلالايدىغانلىقىنى بىلىۋالسۇن.شۇنداق ،ئادەم ئۆز ھاياتىدا ھەر خىل ھەر ياڭزا ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ،چۈنكى ھايات يولى ئەزەلدىنلا تەكشى بولمايدۇ.ھەم تەكشى بولۇشى مۇمكىنمۇ ئەمەس،ساغلام روھ كىشلەردىكى ئەڭگۈشتەر، ساغلام روھ كىشلەردىكى تۈگىمەس بايلىق،ھەم قانداق بايلىقمۇ بۇ بايلىقنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.ساغلام روھ بىزگە مەنىۋىيىتىمىزدىكى پاڭقاشلارنى،تەشنالىقلارنى ئۆزىمىزدىكى روھىي ساغلاملىق بۇلاقلىرى ئارقىلىقلا قاندۇرالايدىغانلىقىمىزنى ھەقىقىي مەنسى بىلەن تۇنۇتىدۇ.يۈكسەك ئىرادە،مۇقەددەس ئېتقاد، ئىگىلمەس-سۇنماس جاسارەت،ئۇرغۇپ تۇرغان روھىي ساغلاملىق روھى جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىمىزنى داۋالايدىغان قۇۋۋەت ئوكۇلى،يانچۇقىلىرىمىزغا باغلام-باغلام پۇل سېلىۋېلىپ ئېسل قول تېلقۇنلىرىنى،ھالقا،ئۈزۈكلەرنى قوشلاپ سېلىپ بويۇلىرىغا ئالتۇن ،زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېسىپ، تېنىنىڭ قىممەتلىك جايلىرىنى يېرىم ئوچۇق قويۇپ غادىيىپ يۈرگەنلەرنى قانداقمۇ باي دېگۈلۈك ھەقىقىي بايلار ساغلام روھىنىڭ ئىگىلىرىدۇر،ئەڭ قۇرقۇنچلۇق نامراتلىق- مەنىۋىي جەھەتتىكى،روھىي جەھەتتىكى نامراتلىقتۇر،ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامراتلىق ئۇ ۋاقىتلىق بولىدۇ. |