كۆرۈش: 4964|ئىنكاس: 0

ئەسقەرنىڭ سوئاللىرى (بالىلار ھېكايىلىرى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
287
تۆھپە
61
UID
6163
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 16:29:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەكسەنپۇتنىڭ پۇتى

(ھېكايە)


  ـــ ھۇ كالۋا! ماڭ چىقىپ سىنىپ مەسئۇلىڭنى باشلاپ كىر!
ئەسقەر بايا كىتاب تەگكەن بېشىنى سىلىغىنىچە سىنىپتىن چىقىپ سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدى. لېكىن ئۇ ئىشخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپلا توختاپ قالدى، چۈنكى ئۇ بايىقى ئىشلارنى سىنىپ مەسئۇلىغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيۋاتاتتى. ئەسلىدە ئىش مۇندق بولغانىدى.
    ئەسقەر بۇ يىل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ پات – پات «تۇلۇمدىن توخماق چىققاندەك» سوراپ قويىدىغان غەلىتە سوئاللىرى بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىنى سۆيۈندۈرسە يەنە بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تېرىكتۈرۈپ قوياتتى. چۈنكى بالىلىق تەسەۋۋۇرغا باي بۇ شاكىچىككە باشقا دوستلىرىغا نورمال بىلىنگەن نۇرغۇن نەرسىلەر غەلىتە تۇيۇلاتتى. توخۇلارنىڭ بىردەملا تۈگۈلۈپ يېتىپ ئورنىدىن تۇرغاندا پەيدا بولۇپ قالغان تۇخۇملار، ئاسماندىكى بۇلۇتلارنىڭ سۈرۈلۈشلىرى،  يىپىنى بىر تارتسا ئۆچۈپ، بىر تارتسا يانىدىغان لامپۇچكا...بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بالىلىق دۇنياسىدىكى قىزىقىش تۇيغۇلىرىنى توختىماي غىدىقلايتتى. ئۇ ھەتتا بەزىدە ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى قانداق تۇغقانلىقىدىن تارتىپ سوراپ كېتەتتى. بۈگۈن تەبىئەت دەرسى ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئوقۇتقۇچى كىتابتىكى ھايۋانلارنىڭ رەسىمىنى تونۇشقا بۇيرۇدى. بۇ رەسىملەرنىڭ ئىچىدە سەكسەنپۇتنىڭ رەسىمىمۇ بار ئىدى. ئۇ سەكسەنپۇت دېگەن ھايۋاننىڭ ئىسمىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغاچقىمىكىن، بۆلەكچلىلا قىزىقىپ قالدى. «ئادەمنىڭ ئىككىلا پۇتى بار، قوي، كالا دېگەندەك ھايۋانلارنىڭمۇ تۆت پۇتى بار، بۇ سەكسەنپۇت دېگەن زادى قانداق ھايۋاندۇ؟ ئۇنىڭ راستىنلا سەكسەن دانە پۇتلىرى بارمىدۇ يا؟ توغرا، بۇرۇن دادام بىلەن نۇردۇن سەكسەن خالتا دېگەن بوۋاينىڭ دۇكىنىدىن دورا ئالغانىدۇق. لېكىن ئۇ ۋاقىتتا دۇكىنىنىڭ ئالدىغا لىققىدە خالتا تىزىۋالغان بوۋاينىڭ خالتىلىرىنى ساناپ باقماپتىكەنمەن. ئەمدى ماۋۇ سەكسەنپۇت دېگەننىڭ راستىنلا توپتوغرا سەكسەن دانە پۇتى بارمىدۇ ياكى پۇتلىرى بەك كۆپ بولغاچقا خۇددى نۇردۇن بوۋاينى سەكسەن خالتا دەۋالغاندەك بۇنىمۇ سەكسەنپۇت دەۋالغانمىدۇ؟...» ئۇ ئويلىغانسېرى قىزىقىپ، مۇئەللىمدىن سوراپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى. ۋە ئاستاغىنا قولىنى كۆتۈردى. بالىلارغا رەسىمدىكى ھايۋانلارنى چۈشەندۈرۈۋاتقان ئايال ئوقۇتقۇچى گېپىنىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىدىن نارازى بولغاندەك دېدى:
ـــ ھە، ساڭا يەنە نېمە بولدى؟
ـــ مۇئەللىم، بىر سوئالىم بار ئىدى. ماۋۇ سەكسەنپۇتنىڭ پۇتلىرى راستىنلا سەكسەنمۇ ياكى...
شۇ چاغدا سىنىپتىكى بىر نەچچە ئوقۇغۇچى خىرىلداپ كۈلۈۋەتتى. بۇنىڭدىن ئەرۋايى ئۇچقان ئوقۇتقۇچى تېخىمۇ تېرىكتى.
ـــ ھەي كالۋا. مەن دەرس سۆزلەۋاتسام سەن نېمىلەرنى خىيال قىلىپ ئولتۇردۇڭ؟ ئۆزۈڭچە باشقىلارغا كۈلكە قىلىپ بېرەي دەۋاتامسەن؟ تولا قالايمىقان سۆزلىمەي كىتابىڭغا قارا!
  ئەسقەر باشقا گەپ قىلماي كىتابىغا قارىدى، مۇئەللىم بولسا دەرسىنى داۋاملاشتۇردى. لېكىن بايىقى سوئال ئەسقەرنىڭ كاللىسىدىن زادىلا نېرى كەتمىگەنىدى. ئەسقەر كىتابتىكى سەكسەنپۇتنىڭ پۇتىنى ساناپ كۆرمەكچى بولدى. ئۇ مۇئەللىمگە ئاستا قاراپ قويۇپ ساناشقا باشلىدى. ئۇ بىر تەرەپتىكى پۇتلارنى ساناپ بولاي دېگەندە ئېلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولىغا قېرىندىشىنى ئېلىپ ساناپ بولغان پۇتلارغا چېكىت ئۇرۇپ ماڭدى. شۇ تاپتا ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇغانىدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا ھازىر بايىقى غەلىتە سوئالغا جاۋاب تېپىشتىن باشقا ھېچنەرسە كىرمەيتتى. ئۇ تازا بېرىلىپ ساناۋاتقاندا بېشىغا بىر نەرسىنىڭ تېگىشى بىلەن چۆچۈپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇ پۈتۈن دىققىتى سەكسەنپۇتنىڭ پۇتىنى ساناش بىلەن بولۇپ كەتكەچكە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمىگەنىدى. مۇئەللىم ئۇنىڭ سەكسەنپۇتنىڭ پۇتلىرىنى ساناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق تېرىكتى بولغاي، قولىدىكى كىتاب بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا «پاققىدە» بىرنى سالدى. بالىلار نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە ئوقۇتقۇچى قايناپ سۆزلەپ كەتتى:«مەن دەرس سۆزلەۋاتسام سەن سەكسەنپۇتنىڭ پۇتىنى ساناپ ئولتۇرىسەنغۇ كالۋا!» مۇئەللىمنىڭ گېپى تۈگىشى بىلەن سىنىپتىكى بىر نەچچە كەپسىزلەر خىرىلداپ كۈلۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم تېخىمۇ تېرىكىپ ئۇنى سىنىپ مەسئۇلىنى باشلاپ كېلىشكە بۇيرۇپ سىنىپتىن چىقىرىۋەتكەنىدى. ئۇ سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپلا كاللىسىغا يەنە شۇ سوئال كىرىۋالدى. «ئەگەر مۇئەللىم تىللىمىغان بولسا مەن ساناپ بولۇشقا ئازلا قالغانىدىم. ھەي، بىردەم كۆرمەي تۇرسىچۇ؟ سوئالىمغا يەنە جاۋاب تاپالمىدىم – دە. ئۇ شۇنداق ئويلاپ تۇرۇشىغا ئىشخانىغا كىرىۋاتقان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى سورىدى:
  ـــ بۇ يەردە تۇرۇپسەنغۇ ئەسقەر؟
  ـــ شۇ ئاينۇر مۇئەللىمنى ساقلاپ تۇرغان.
  ـــ ھە، ئەمىسە بۇ يەردە تۇرماي ئىشخانىغا كىرىپ ساقلا.
  ئەسقەر ئىشخانىغا كىرگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ھېلىقى سوئالغا جاۋاب تېپىشنى ئويلاۋاتاتتى. ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئۈستىلىدىكى تەبىئەت كىتابىنى ئېچىپ يەنە ئىختىيارسىز ساناشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ئەسقەرنىڭ تەبىئەت مۇئەللىمى بىلەن سىنىپ مەسئۇلى پاراڭلاشقاچ ئىشخانىغا ماڭدى.
  ـــ ئەسقەر سىزنى قانداق خاپا قىلدى؟ ـــ سورىدى سىنىپ مەسئۇلى ئاينۇر مۇئەللىم.
  ـــ ئۇنى بىر دېمەڭ، ئىشخانىغا كىرگەندە دەپ بېرەي.
  ئىككەيلەن شۇنداق پاراڭلاشقاچ ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى. لېكىن بۇ چاغدا بۇ ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆرگىنى بېشىنى ساڭگىلىتىپ يىغلامسىراپ تۇرغان ئەسقەر بولماستىن، بەلكى ئۈستەلگە ئېسىلىپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن سەكسەنپۇتنىڭ پۇتىنى ساناۋاتقان ئەسقەر بولدى. بۇ چاغدا ئەسقەرنىڭ تەبىئەت ئوقۇتقۇچىسى يا كۈلۈشنى، يا تېرىكىشنى بىلەلمەي مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇ بىردىنلا بىر ئىشنى خاتا قىلغاندەك ھېس قىلدى – دە، چىرايىغا دەرھال كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئاينۇر مۇئەللىمگە:
  ـــ ياق ئەسقەر مېنى خاپا قىلمىدى. ئۇ شۇنداق ئەقىللىق، زېرەك بالا. ماڭا قارا ئەسقەر، سەكسەنپۇتنىڭ سەكسەن تال پۇتى يوق. ئۇنىڭ پۇتلىرى كۆپ بولغاچقا تىل ئادىتىمىز بويىچە شۇنداق ئاتىلىپ قالغان. خۇددى «سەكسەن خالتا» دېگەنگە ئوخشاش. چۈشەندىڭمۇ؟ـــ دېدى.
  ئەسقەر ئىشخانىدىن ئۆزى پەرەز قىلغاندەك دەشنەم ئىشتىپ ئەمەس بەلكى ناھايىتى خۇشال چىقتى. چۈنكى ئۇ سوئالىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپقانىدى. ئۇ سىنىپقا كىرىپ تەبىئەت كىتابىدىكى ھېلقى سەكسەنپۇتقا قارىدى. ئۇ سەكسەنپۇت ئەسقەرگە خۇددى:«سەن ئاخىر تاپتىڭ، لېكىن ئېسىڭدە بولسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن سەن جاۋاب تېپىشقا تېگىشلىك سوئاللار بىزنىڭ پۇتلىرىمىزدىنمۇ كۆپ ھەم قىيىن» دېگەندەك قاراپ تۇراتتى.

تاغ يۆتكەمدۇ ئۆينىمۇ؟


    ئەسقەرنىڭ ئىككى ھەپتىلىك ئاغرىق دەم ئېلىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئۇ مەكتەپكە قايتىپ كەلدى. چۈنكى ئۇ يېقىندا «كەپتەر تۇخۇمىدىن چۆجە چىققاننى كۆرىمەن» دەپ ئۆگزىگە چىقىپ يېقىلىپ چۈشۈپ پۇتىنى يارىلاندۇرۇۋالغانىدى.
    ئۇ مەكتەپكە قايتىپ كەلگەن كۈنى تىل – ئەدەبىيات دەرسىدىن ئوچۇق دەرس ئۆتۈلەتتى. ئۇ ئوچۇق دەرسكە ئۈلگۈرۈپ سىنىپقا كىردى. ۋاھ، نېمانداق كۆپ ئادەملەر بۇ ! سىنىپنىڭ كەينىدىكى بوش يەردە مەكتەپ مۇدىرى، مەكتەپ ئىلمى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، يەنە ئەسقەر تونۇمايدىغان مائارىپ ئىدارىسىدىن كەلگەن بىر قىسىم خادىم ۋە رەھبەرلەر ئولتۇراتتى. مۇئەللىم ئەسقەرنى كۆرۈشى بىلەنلا ئۇنى چاقىرىپ بىر نەرسە دېيىشكە تەمشەلدىيۇ، يەنە توختاپ قالدى.
  ئارىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتمەي دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى. بۇچاغدا ئوقۇغۇچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ مۇئەللىمگە سالام بەردى. مۇئەللىم ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن دەرسنى باشلىدى:
  ـــ ساۋاقداشلار، بۈگۈن «يۈگوڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى» ناملىق تېكىستنى ئۆگىنىمىز. قېنى قايسى ساۋاقداش تېكىستنى راۋان، جانلىق ئوقۇپ باقىدۇ؟
  ھەممە ئوقۇغۇچىلار دېيىشىۋالغاندەك تەڭلا قولىنى كۆتۈردى. مۇئەللىم،ــ قېنى ساۋاقداش گۈلنۇر، سىز ئوقۇپ بېقىڭ،  ـــ دېدى. گۈلنۇر خۇددى تېكىستنى يادلىۋالغاندەك كىتابى ئاھاڭدا جاڭىلداپ ئوقۇپ بەردى. مۇئەللىم،ـــ ياخشى، ئولتۇرۇڭ،ـــ دېدى...
  دەرس شۇ تەرىقىدە داۋاملاشتى. لېكىن ئەسقەر تېكىستنى ئوقۇغانسېرى بىر مۈجمەل سوئال ئۇنى بىئارام قىلاتتى. «توغرا، مەن ‹يۈزمىڭ نېمە ئۈچۈن› دېگەن كىتابتا تاغنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ نەچچە مىڭ يىل ۋاقىت كېتىدۇ› دەپ كۆرگەنىدىم. ئۇنداقتا بۇ تاغ ھەرگىزمۇ يۈگۈڭ بوۋاي ئۆيىنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن  ئەمەس، بەلكى يۈگۈڭ بوۋاي ئۆيىنى تاغنىڭ كەينىگە سېلىۋالغان. ئۇنداقتا ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد تاغنى يۆتكەيمەن دەپ تاش چوقۇپ بىھۇدە ئاۋارە بولۇپ يۈرگىچە ئۆيىنى يۆتكىسىلا بولىدىكەنغۇ؟ بۇ  بوۋاي نېمانچە ئەخمەقتۇ؟ ساۋاقداشلار ۋە مۇئەللىم يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇنى ‹باتۇر، قەيسەر، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماس› دەپ ماختايدۇ؟...»
  ئۇ ئويلىغانسېرى بۇ سوئاللارنى مۇئەللىمدىن سوراپ باقماقچى بولدى. بۇ چاغدا ئۇ سىنىپنىڭ كەينىدە دەرس ئاڭلاۋاتقان بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇغانىدى. «توغرا، مۇئەللىمدىن سوراپ باقايچۇ! تەنقىدلىسە تەنقىدلەر. مەن سوئال سوراپ ئاڭلىمىغان تەنقىدلەرمىدى ئۇ!» ئەسقەر شۇنداق ئويلىدى – دە، غەيرەتكە كېلىپ قولىنى كۆتۈردى.
  مۇئەللىم ئەسقەرنىڭ قول كۆتۈرگىنىنى كۆرۈپ چىرايى دەرھال تۇتۇلدى – دە، كۆرمەسكە سېلىپ دەرسىنى داۋاملاشتۇردى. بىر ئازدىن كېيىن مۇئەللىم:«ساۋاقداشلار، سوئالىڭلار بارمۇ؟» دېدى. ئۇ بۇ سۆزىنى خالىماي دەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئوچۇق دەرسىنىڭ تەرتىپى بويىچە چوقۇم دېيىشى كېرەك ئىدى. ئامال يوقتە. بۇ چاغدا مۇئەللىم ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى.
  ـــ مۇئەللىم، مېنىڭ بىر سوئالىم بار ئىدى،
  ـــ قېنى سوراڭ، ـــ دېدى مۇئەللىم چىرايىغا زورىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ.
  ـــ مۇئەللىم، مەن «يۈزمىڭ نېمە ئۈچۈن» دېگەن كىتابتا «تاغ شەكىللىنىش ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ نەچچە مىڭ يىل ۋاقىت كېتىدۇ» دەپ كۆرگەن. دېمەك يۈگۈڭ بوۋاي ئۆي سېلىپ بولغاندىن كېيىن تاغ شەكىللەنگەن ئەمەس بەلكى، يۈگوڭ بوۋاي ئۆيىنى تاغنىڭ كەينىگە سېلىۋالغان. ئۇ شۇنچە جاپا تارتىپ نۇرغۇن ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ تاغنى يۆتكەيمەن دەپ يۈرگىچە ئۆيىنى يۆتكىسىلا بولمىدىمۇ؟ بۇ بىر مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئۈچۈن ئۇرۇنغان ئەخمەقلىققمۇ؟ شۇنداق  تۇرۇپ بىز يەنە نېمە ئۈچۈن بىز ئۇنى «جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماس، باتۇر» دەپ ماختايمىز؟...
  بۇ چاغدا دەرس ئاڭلاۋاتقان كىشىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا غۇل – غۇلا باشلاندى. ئوقۇتقۇچى بولسا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قېتىپلا قالدى.
  بىر سائەتلىك دەرس شۇنداق نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. ئوقۇتقۇچى قاتتىق خاپا بولغانىدى. ئېنقىكى ئۇ بۇ قېتىملىق ئوچۇق دەرستە لاياقەتسىز بولدۇم دەپ ئويلىغانىدى. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ئەسقەرنى ئىشخانىسىغا چاقىردى.
  ـــ ھۇ دۆت كالۋا! كىم سېنى ئوچۇق دەرستە قالايمىقان گەپ قىل دېدى؟ مەن بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن مىڭ تەستە تەييارلىغان دەرسنى سەن يوق قىلدىڭ. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئالدىدا مېنىمۇ يەرگە قاراتتىڭ. سەن نەچچە كۈندىن بېرى رۇخسەت سوراپ كەلمىگەندىكىن نېمىشقا دەرس ۋاقتىدا قىسىپ جىم ئولتۇرمايسەن؟...مەن ساڭا دەپ قوياي. بۇ تېكىستنى دەرھال 30 قېتىم كۆچۈرۈپ چىق. يەنە سۇدەك يادلا. ئەتە ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچلارنىڭ ئالدىدا يادلايسەن. بىر خەتنى خاتا يادلاپ قويىدىغان بولساڭ ئاتا – ئاناڭغا نېمە دەيدىكەنمەن قاراپ تۇر...
  ئەسقەر شۈمشەيگىنىچە ئىشخانىدىن چىقتى. ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگىنى مۇئەللىمنىڭ تەنقىدى ئەمەس بەلكى سوئالىغا جاۋاب تاپالمىغانلىق ئىدى. «كۆچۈرسەم كۆچۈرەي، لېكىن مېنىڭ نەزىرىمدە يۈگوڭ مەڭگۈ قەيسەر ئەزىمەت ئەمەس، بەلكى بىر ئەخمەق!» ئۇ شۇلارنى ئويلاۋېتىپ كۈلۈمسىرەپ قويدى – دە، سىنىپىغا قاراپ ماڭدى.

باھار قانداق كېلىدۇ؟


  ئىككىنچى مەۋسۇملۈك ئوقۇتۇش باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا باھار توغرۇلۇق ماقالە يېزىپ كېلىشنى تاپشۇردى.
  ـــ مۇئەللىم، باھار توغرۇلۇق ماقالىنى قانداق يازىمىز؟
  ـــ قانداق يازاتتىڭ، شۇ باشقا كىتابلارنى كۆرۈپ، باھارنى كۆزىتىپ قانداق بولسا شۇنداق يازىسەن. ئەمدى بۇنىمۇ ساڭا مەن يېزىپ بېرەمدىم؟
  ئەتىسى ئەسقەر ماقالىنى قانداق يېزىش توغرۇلۇق ئويلاندى. ئۇ باشقا كىتابلاردىن باھار توغرۇلۇق يېزىلغان تەسۋىر ۋە بايانلارنى ئاختۇردى:«باھاردا ئەتراپنى يېشىللىق قاپلايدۇ، قار – مۇزلار ئېرىپ، ھاۋا ئىللىيدۇ، قۇشلار توپ – توپ  بولۇپ ئۇچۇپ كېلىدۇ...» مانا بۇ باھار توغرۇلۇق ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بايانلار ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئەسقەر باھار مەنزىرىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئاندىن يازماقچى بولدى.
  ئەسقەر تالاغا چىقتى. بۇ ئۈچىنچى ئاينىڭ ئاخىرلىرى، يەنى كىتابلاردا يېقىملىق باھار تەسۋىرلەنگەن چاغلار ئىدى. ئەسقەر سىرتتىكى مۇھىت بىلەن ئۆزى كۆرگەن ۋە ئوقۇتقۇچىسى تەسۋىرلىگەن مەزمۇنلارنى سېلىشتۇردى: ئەمەلىيەتتە بۇ چاغدا قارلار تېخى ئېرىمىگەن، تالا شۇنچىلىك سوغۇق، يەر ئۈستىدە مۇز قاتقان بولۇپ، ئازراقلا دىققەت قىلمىسا ماڭغان ئادەم تېيىلىپ يېقىلىپ چۈشۈشى مۇمكىن ئىدى. دەل – رەخلەردە نەدىمۇ يېشىللىق بولسۇن؟ ھەممىسى ئاپئاق قار ئاستىدا خۇددى قىشلىق ئۈچەككە كىرىپ كەتكەندەك جىمجىت تۇرۇشاتتى. چىقىۋاتقان شامال كىتابلاردا تەسۋىرلەنگەن كىشىگە ھوزۇر  بېغىشلايدىغان ئىللىق باھار شامىلى بولماستىن، بەلكى كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان سوغۇق شامال ئىدى...
  ئەسقەر قايتىپ كىردى ۋە ماقالىسىنى باشلىدى:

مەن كىتابلاردىن باھارنى «ئىللىق باھار شامىلى كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ، دەل – دەرەخلەر يېشىل تون كىيىشىدۇ، قار – مۇزلار ئېرىيدۇ، قۇشلار توپ – توپ بولۇپ ئۇچۇپ كېلىدۇ...» دەپ كۆرگەنىدىم. لېكىن باھار ئۇنداق كەلمەيدىكەن. ھازىر باھار ئايلىرى بولسىمۇ، سىرتتا ھاۋا شۇنچىلىك سوغۇق، دەل – دەرەخلەر يېشىل تون كەيمەستىن، ئاپئاق قارنىڭ ئاستىدا تۇرىشىدۇ. يەر ئۈستى قېلىن مۇز تۇتقان... مېنىڭ باھارنى بەكمۇ تۇتۇپ باققۇم بار...

  ئەسقەر ماقالىسىنى يېزىپ بولغاندا رازىمەنلىك بىلەن دەپتىرىنى ياپتى. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مۇئەللىم ئەسقەرنى چاقىردى:
  ـــ ھەي، مەن ساڭا باھار توغرۇلۇق ماقالە ياز دېسەم، ماڭا نېمىلەرنى يېزىپ بەردىڭ؟ ئۆزۈڭچە دانا بولۇپ كەتكىنىڭمۇ بۇ ؟ ساپلا قىشنى تەسۋىرلەپ يېزىپسەنغۇ؟ چوپچوڭ تۇرۇپ تۆت پەسىلنىڭ پەرقىنىمۇ ئايرىيالمامسەن كالۋا...بۇ ماقالىنى قايتا ياز.
  ئەسقەر ئىشخانىدىن چىقىۋېتىپ ئويلىدى. «ياق، مەن قىشنى يازمىدىم، ئۆزۈم كۆرگەن باھارنى يازدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ماقالىنى قايتا يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق» ئۇ شۇنداق دېگىنىچە باھار مەنزىرىسىنى يەنە بىر تاماشا قىلىش ئۈچۈن سىرتقا قاراپ ماڭدى.


بالىلار بايرىمىدىكى سوۋغا   


  ئەسقەر بۈگۈن مەكتەپتىن بۇرۇنلا قايتىپ كەلدى. چۈنكى ئەتە بىرىنچى ئىيۇن بالىلار بايرىمى بولغاچقا مەكتەپ بالىلار بايرىمى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا ئوقۇغۇچىلارنى دەم ئېلىشقا قويۇۋەتكەنىدى.
  ــ قايتىپ كەلدىڭمۇ ئوغلۇم، - دېدىئەسقەرنىڭ ئاپىسى ئۇنى ئەركىلىتىپ تۇرۇپ، – ئەتە سېنىڭ بايرىمىڭ. داداڭ ئىككىمىز دېيىشتۇق، ئەتە سېنى باغچىغا ئاپىرىپ ئوينىتىدىغان بولدۇق. يەنە ساڭا بايراملىق پۇلمۇ بار، ئەتە نېمە ئالىمەن دېسەڭ ئېلىپ بېرىمەن.
-      ئاپا، مېنىڭ باغچىغا بارغۇم يوق.
  ئەسقەرنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىكى ئۆزگىرىشتىن سەل ئەجەبلەندى بولغاي قولىدىكى نەرسىلەرنى ئۈستەلگە قويۇپ  فەرۇقنىڭ يېنىغا كەلدى.
  - ساڭا نېمە بولدى بالام؟ نېمىشقا باغچىغا بارغۇڭ يوق؟ ھەر قېتىم داداڭ ئىككىمىز سېنى باغچىدا ئويناتساق شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كېتەتتىڭغۇ؟
  - ئەتە مېنىڭ باغچىغا بارغۇم يوق. ماڭا پۇل بەر.
  ئەسقەرنىڭ بۇ گېپى ئانىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئۇ ئوغلىنىڭ مۇشۇ چاغقىچە ئۆزىدىن ئوچۇقتىن – ئوچۇق پۇل سوراپ باقمىغىنىنى ئەسلىدى، يەنە كېلىپ ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن بالىنىڭ بۇنداق كەسىكىن تەلەپپۇزدا پۇل سورىشى ئۇنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى.
-      ساڭا زادى نېمە بولدى بالام؟ مەكتەپتە سېنى بىرەرسى بوزەك قىلدىما؟
باغچىغا بارماي پۇل سوراپ نېمە قىلىسەن؟
-«مۆجىزە» سېتىۋالىمەن.
ئانا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدى.  ئەسقەر يىغلامسىراپ تۇرۇپ گېپىنى داۋام قىلدى. – پارتىدىشىم فەرۇقنىڭ ئاپىسى راك كېسىلى بوپقاپتىكەن، لېكىن دوختۇرنىڭ دېيىشىچە پەقەت «مۆجىزە» بولسىلا ئەسقەرنىڭ ئاپىسى ساقىيىپ قېلىشى مۇمكىنكەن. ئەسقەر بالىلار بايرىمىدا ئاتا – ئانىسى بىلەن باغچىغا بېرىپ ئوينىيالمايدۇ. سوۋغاتقىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بارلىق پۇللىرىمغا «مۆجىزە» سېتىۋېلىپ ئۇلارغا ئاپىرىپ بەرمەكچى. ئەسقەرنىمۇ بىز بىلەن بىللە باغچىدا ئوينىسىكەن دەيمەن...
  ئانا كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى. ئۇ  ئەسقەرنى باغرىغا مەھكەم باسقىنىچە ئۈنسىز يىغلاپ كەتتى.
-      بولىدۇ بالام. بىز ئەتە ئەسقەرنىڭ ئاپىسىنى يوقلاپ بارايلى. فەرۇخقا سوۋغات ئېلىپ بېرەيلى، ئۇنىمۇ باغچىغا بىللە ئېلىپ بارايلى...
  بۇ چاغدا  ئەسقەرنىڭ سەبى چىرايىدا خۇددى ھېچقاچان ئېرىشىپ باقمىغان سوۋغاتقا ئېرىشكەندەك شادلىق جىلۋىسى ئەكىس ئەتتى.

ياقۇپجان ياسىن                                          

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 09:44, Processed in 0.077025 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991