روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 22472|ئىنكاس: 40
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خوتۇنىنىڭ ئاشنىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خوتۇنىنىڭ ئاشنىسى
9 K4 `( f8 Q% v      ' I, ^$ V2 y3 b. N" ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاپتورى:ئەختەم ئۆمەر
- A6 i+ j2 c/ ]: @- j- l/ P' M  
% ?$ @& v( O" v- g. ~& j5 ~      (ھىكايە)

3 H6 y8 b0 ]4 [, B! m8 L    -ئىسىت سەندەك نېمىگە خوتۇن بولغىچە ئى كوچىدىكى مەدىكارغا خوتۇن بولساممۇ ، بېشىغا ئېلىپ خوتۇن قىلار ئىدى،-دىدى خوتۇنى  چىرايلىق قوللىرىنى ئېرىنىڭ تاتىرىپ قورۇلۇپ كەتكەن يۈزىگە شىلتىپ تۇرۇپ.
) C4 i) x: s* L' G5 I( n# D    - سەن...  سەن... ھېلى باكا بىر قۇيۇپ ئوتتۇز ئككى چىشىنى تۆكۈۋېتىمەن ماۋۇ كاسكىنىڭ، ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە دەيمەن،- ئېرى ئۇرىدىغاندەك مۇشتۇمىنى كۆتۈرۈپ دېۋەيلىدى.. D1 Y. x. u0 C; h7 ~7 Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    -بولسا بىرنى قۇيۇپ باقە قېنى، ئاناڭ شۈمەك سالغان بولغاندىكىن لەۋزىڭدە تۇرۇپ بىرنى سالە. سېنىڭ مۇشتۇڭ قانداق بولىدۇ بىر كۆرەي.بىرنى قويدۇرالماي كېلىۋاتىمەن ئىتتىكرەك قۇتۇلارمەن دەپ،- دېدى ئايالى چىرايلىق مەڭزىنى ئېرىنىڭ ئۆزىگە تەڭلەنگەن مۇشتىغا يېقىن ئەكىلىپ." \' ^$ U0 N% u. _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    -مانا ئەمەسما،بىرنى قويىمەن دەپ بولغىچە كۆكەمىلىك قىلىپ ئاران تۇرىسەن ئالەمنى مالەم قىلىپ مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈرگىلى ، ھەممىلا يەردە داد ئېيتىپ ئەرز قىلىپ يۈرەرسەن ھەقىچان؟: m- l! I- p* |+ J2 X$ X" F5 Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    -يا ئەرز قىلارمەن، يا قىلماسمەن، بىرنى قويمامسەن قېنى ئەر كىشى بولساڭ.
5 H- l5 c6 f' J5 T, |    -ئوبدان خوتۇن ، ئادەمنى ئۇنداق خاپا قىلما دەيمەن، باكا ئۇرسام ساڭىمۇ ماڭىمۇ پايدىسى يوق، ئۇرماي مۇشۇنداق چىرايلىق مەڭزىڭگە سۆيۈپ قوياي.
6 \5 ~1 J# j2 Y" h, _; t! o' q: z# D    ئېرى ئاغزىنى ئەكىلىشىگە ئاران تۇرغان خوتۇنى يەنە ئاغزىنى قويىۋەتتى:, t8 n3 P6 a& {4 Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    -تۈفى!يۈزى قېلىن ئوغرى، سەندەك نېمىنىمۇ ئەر كىشى دېگىلى بولامدۇ، يا پىياز ئەمەس، يا لازا . يا ئەرلەرگە خاس ۋىجدانىڭ بولمىسا سېنىڭ. ئەر كىشى دېگەن سەندەك لاۋزا-تېتىقسىز بولماس دۇنيادا، ئىسىت، ئىسىت...نېمىشقىمۇ تېگىپ قالغان بولغىيتىم بۇ لىڭتاسمىغا؟ كوچىدىكى ھارۋىكەشكە تەگكەن بولساممۇ ئېتىنى ئون قېتىم قامچىلىغاندا بولسىمۇ بىر قېتىم ئاچچىقى كېلەتتى.
. i2 X% S: V' ]   -نېمىشقا ھارۋىكەشكە تەگمەي ماڭا تەگكەن؟ ھە قاچان خىزمەت ئورنۇم يۇقۇرى بولغاچقا مائاشىمنى دەپ تەگكەن بولغىيتتىڭ-ھە، -ئەر غالىبلارچە  گىدەيدى.
( Q3 s, X/ c$ Y9 g2 m+ p' Q   - چىرايلىق ياسىنىپ گالستۇك تاقاپ ، چىمەندوپپا كىيىپ ، مەن ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرگەن زىيالىي، ئۇنۋانىم ئالىي ئىنژېنېر دېسەڭ تېگىپتىمەن. ھۆ ...ھۆ...زىيالىي ، ئىنژېنېر دېگەنمۇ سەندەك بولامدۇ، مەن ئۆلەي.
& ^( S! E" d* j8 `& m) `$ ?   -ھېلى باكا جۇما ، مېنى ھاقارەتلىمە.
- F; l3 r+ l, N0 A+ a1 S   ئەمدى رەسمىي ئاچچىقى كەلگەن ئەر ئۇرۇش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرۈپ بولۇپ ئۇرغىلى چىدىماي مۇشتۇمىنى، مۈرىسىگە پاتۇرۇپ ئىتتىرۋەتتى.
, @2 Y. W! c, H   -ۋايجان، ۋاي مەن ئۆلدۈم، ھەي قاتىل، ھەي يۇندىغور قاتىل، مېنى ئۆلتۈرۈپ يەمسەن، ۋايجان ئۇردۇڭما؟!...
0 \4 P& d' T- P5 P4 m# _; C   ئايال قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك چىرقىراپ، توۋلاپ ۋايجانلاپ كەتتى. سىرىتتا تۇرۇپ بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغانلار ، قوشنىلار:‹‹خوتۇن كىشىنىمۇ شۇنداق قاتتىق ئۇرغان بارمۇ، بۇنى قانداق ئەر كىشى دېگىلى بولسۇن ››دېيشىپ ئەرنى قارغاشتى. ئايالنىڭ بۇغۇلۇپ خىرقىراپ چىقىۋاتقان ئاۋازى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزەتتى.‹‹كىرىپ ئاجىرتىپ قويايلى. ئاچچىقىدا يامان يەرگە ئۇرۇپ سېلىپ بالانىڭ چوڭى چىقمىسۇن›› دېدى قوشنىسىنىڭ ئايالى تېپىرلاپ ئولتۇرالماي.
9 a2 b6 e8 r# e3 [$ l( w& e% A0 S  -غىت قىس. ئەر-خوتۇننىڭ ئىشىغا ئارلاشما،-دېدى ئېرى زەردە بىلەن.9 Z) S$ x) e5 W3 a5 w- zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ئايال كارىۋات ئۈستىدە تولغىنىپ قار -يامغۇر يىغلاۋاتقىنىدا ئەر ئۇنىڭ بېشىدا ھەم تاپا قىلغان ، ھەم يالۋۇرغان تەرزدە گەپ ئاچتى:
) a; z: g7 s2 X, v  ۋاي ئوبدان خوتۇن ،جېنىم خوتۇن ، مەن بىر خوش بولاي، بۇنداق سەت چىرقىرماڭلار ، قوشنىلار ئاڭلىسا سەت تۇرىدۇ. مېنىڭ ئىككى پۇللۇق يۈزۈم قالمايدۇ. مەن نەدە سىلىنى ئۇردۇم دەيمەن.$ W9 y, Q; J& |; J! \! N& k: u* T: Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  -تازا ئاڭلىسۇن ، ئاڭلىسۇن ، ھۆ ئۆلمەيدىغان سەت ئوغرى، قېلىن ئوغرى! سېنىڭ نەدە ئىككى پۇللۇق ئىناۋىتىڭ بارتى. ئۇرمىدىم دەپ تېنىۋالالمايسەن، تازا يىغلايمەن ، تازا...،- ئايال تېخىمۇ قاتتىق ھۆڭرەپ يىغلىغىلى تۇردى. ئۇلارنىڭ ئۈچ ياشلىق بالىسىمۇ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ ئانىسىغا تەڭكەش بولۇپ يىغلىغىلى تۇردى. شۇ چاغدا ئۆيگە ۋىجىك ، قارىمۇتۇق، مايمۇن چىراي بىر ئەر كىردى:
5 ^# a0 }2 F/ D8 {+ f  - ۋاي يەنە نېمە بولۇشتۇڭلار ئاداش؟-دېدى ئۇ خىجىل بولغاندەك ئوڭايسىز ھالەتتە تۇرۇپ. ئەر ئۆزىنى كاچاتلاپ كەتتى:
1 w( o9 t  |6 D* Y. O2 E/ I& M  -كۆر...كۆرمەمسەن، ئاداش، ما خوتۇننىڭ يوقىلاڭ ئىشقا ئادەمنىڭ سەپراسىنى ئۆرلىتىپ جېدەل قىلغىنىنى، مانداق ئىتتىرىپ قويسام مېنى ئۇردۇڭ دەپ...
1 X1 t5 ^. C; g8 C6 F  ھە ئۇرمىدىڭمۇ، لامزەللە؟مانداق ئىتتىرىپ قويدۇم دەۋاتىسىنا؟يوقىلاڭ ئىشقا جېدەل قىلىۋاتىدۇ دەيسىنا!سەن زىيالىي، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئىنژېنېرلىق ئۇنۋانىڭ بار. ئايلىق مائاشىڭ قېنى نەگە كېتىدۇ؟ھەر ئايدا مائاشىڭ قېنى دېسە، ئۇنى -بۇنى باھانە قىلىپ يوقىتىسەن. مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن. سەن ئۇ باشلىق، بۇ باشلىققا خوشامەت قىلىپ توخۇدىن-توخۇ، بېلىقتىن-بېلىق ، ھەتتا يەيدىغان نان، ئىشلىتىدىغان ئوتيېشىغىچە ئۆيىگە توشۇيسەن. كېچە-كۈندۈز قولتۇقىدىن چىقمايسەن. ئۆز ئۆيىمىزگە بىر پۇڭ خەجلىمەيسەن. بالام نېمە يەۋاتىدۇ،خوتۇنۇم ئۆينى نېمە بىلەن تۇتۇۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپمۇ قويمايسەن. سېنىڭ شۇنچىۋالا مائاشىڭ خوشامەتكە كېتىدۇ. ۋاي سەن خوشامەت قىلمىساڭ كۈن ئالالمامسەن، ئەمىلىڭنى ئېلىۋېتەمدا؟ناھايتى بىر گوروپپا باشلىقى ئىكەنسەنغۇ شۇ. ئەمىلىڭدىن ئېلىۋەتسىمۇ سەن ئىلىم ئەھلى، ئىنژېنېر بولغاندېكىن بىر كىشلىك كۈن ئالالايسىنغۇ!ئىدارەڭدىكى باشقىلار خوشامەت قىلمايدىكەن، يا ئۇلارنى ئىدارىسىدىن قوغلىۋەتمەپتۇ.بىر سىنت مائاشى كەملەپ كەتمەپتۇ. يەنە شۇلارمۇ بىر كىشىلىك جاھاندارچىلىق قىلىۋېتىپتىغۇ؟ھەممىسى ئالدىڭدا ھە-ھۆ دەپ قويغىنى بىلەن ، كەينىڭدىن مازاق قىلىپ كۈلىدىكەن، تىللايدىكەن. ساڭا ھار كەلمىسە، مەن ساڭا خوتۇن بولغاندىكىن مېنىڭ نۇمۇسۇم كېلىدىكەن. ھۈ...ھۈ..., y7 y* L; s" m' ]0 K$ iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئايال ئەمدى رەسمي ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى.كىرگەن مېھمان ئوتتۇردا تەڭلىكتە تۇرۇپ قالدى.
9 f9 p9 k. c9 Z: w8 i8 X2 d   -ماڭا قارىسىلا ،سىلە  ئاغىنىكەنلا ، مەن بىر جېنىمغا بۇ ئۆينى قانداق تۇتىمەن. قورسىقىدا ئۇمىچى بار دېسە راستمىكىن دەپتىمەن، ئالىي مەكتەپتىنمۇ مۇشۇنداق يا ئىلىم ، يا ۋىجداننىڭ سۇنۇقى يوق ناجىس چىقامدا ھە؟
3 @, |, D- [1 l7 z  مېھمان گەدىنىنى قاشلىدى." i% }4 o% c) Q# @8 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   -يەنە بۇ ئايلىق مائاشىنى ئېلىپلا جىڭ چۇجاڭ ئۈرۈمچىگە يىغىنغا بارىدىكەن، مائاشىمنى يوللۇق تۇتىمەن دەيدۇ. ماقۇل خوشامەت قىل، ئەمدى شۇنچىۋالامۇ قىلامسەن ؟! گېلىڭغا يەپراق خوشامەتچىلىك قىلمىساڭ، ماغدۇرۇڭدىن كېتىپ يېتىپ قالارسەن ھەقاچان.مائاشىدىن بېرىدۇ دەپ خىيال قىلما، ساڭا بېرىدىغان بىر سىنتمۇ يوق.كىمگە خوشامەت قىلغان بولساڭ شۇنىڭ يالىقىنى يالا. مائاشىمنى بالا بىلەن خەجلەيمەن. ساڭا بېرىدىغان بىر قاچا ئاشمۇ يوق.
/ j# h1 A* R  Q9 Z7 H; @0 E  -ھاي...ھاي...بۇ بەك ئېشىپ كەتتى،-دېدى مېھمان.# r/ W3 s2 y+ H: yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ئەر ئۆزىنىڭ ھىمات تاپقىنى ئۈچۈن دەررۇ بېشىنى كۆتۈردى ۋە مېھماننىڭ يېڭىدىن تارتىپ تۇرۇپ سورىدى:
" D7 a. R8 J" b: B7 H   -ئاداش،سەن مېنىڭ جان دوست ئاغىنەم، شۇنداقما؟
7 s: ~: T1 }( p( P3 r8 W  ئەر مېھمان بېشىنى لىڭشىتتى.
/ C$ K, S* ^7 p+ W3 u   -سەن خوتۇنغا چۈشەندۈرۈپ قويساڭ . مەن مۇشۇ قېتىم شۇ ئادەمنى بىر ئۇزىتىۋېلىپ ، ئۇنىڭدىن كېيىن دېققەت قىلسام بولمىدىمۇ؟ بۇنداق دېسەم باشقىچە ئويلاپ قالما. يېقىندا مېنى ئىنژېنېر بۆلۈمنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرمەكچىدى دېگىنە. ئەمدى باشلىق ماڭا خەيرخاھلىق قىلىۋاتقاندا بۇنچىلىك يارىشىقىنى قىلمىسام بولامدۇ دەيسەن.
; g- `! t1 T0 G4 h+ z5 _8 t  ئۇ بوينىنى قىسقان ھالدا سائىتىگە قاراپ چۈچۈپ كەتتى. # I; ?2 O' ?* ^' D9 Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  -ۋۇي ئايرۇپىلان ئۇچۇشقا ئەللىك مىنۇت قاپتۇ. سەن خوتۇنغا چۈشەندۈرگەچ ئوبدان بىر نەسىھەت قىلىپ قوي ،ئوبدان ئاداش. مەن سەندىن بىر خوش بولۇپ  قالاي. بۇ ئىشلىرىم بىلەن ھېچ كارى بولمايدىغان بۇ خوتۇننىڭ بۈگۈن ئۆزىچە بىكاردىن سۈركىشىپ جېدەل تېرىغىنىنى دېمەمسەن. ئەجەپ ۋاقتىدا كېلىپ ئەسقاتتىڭ ئاداش، بولمىسا بۇ خوتۇندىن قۇتۇلۇپ بولغىچە كېچىكىپ قالىدىكەنمەن. ماقۇل ئاداش، مەن ئۇزۇتۇپ قۇيۇپلا كېلىمەن.
/ a6 `  ~) Z# C- T0 b0 A   ئەر شۇلارنى دەپلا ئاغىنىسىنىڭ گەپكە ئۆمەللىگەن ئاغزىغا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قۇيۇپلا چاپىنىنى كىيىشىگە ئۈلگۈرمەي كۆتۈرۈپ ، يۇگۈرگەنچە ئىشىكنى گۈم قىلىپ يېپىپلا چىقىپ كەتتى. ئىشىك ئۆزلىكىدىن ئېتىلىپ قالدى. ئايال ۋارقىردى:) M: Q2 f4 }6 Z7 bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ھەي لامزەللە ، نەگە بارىسەن؟خېتىمنى بەر دەيمەن!8 a9 X8 l+ Q, B/ {1 x0 L, uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   بۇنىڭغا ئېرىنىڭ يۈگۈرۈپ پايپاسلاپ يىراقلاپ كەتكەن ئاياغ تاۋۇشىدىن باشقا جاۋاپ بولمىدى. ئايال چۇۋۇلغان چاچلىرىنى تۈزەپ ئەر مېھمانغا قاراپ پىخلداپ كۈلدى:2 y! W8 Y9 _: f. e# B) [& fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   - قانداق مەن نېمە دېگەن ؟!تاسلا قالدىلا كەلمىگىلى." w, ?8 Q( A, i/ l8 S5 jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   -يائاللا، رەسمىي بالاكەنسەن،ساڭا قول قويدۇم،-دېدى ئەر پېشانىسىگە بىرنى شاپلاقلاپ.
0 h& m8 O6 j1 B4 N$ Z9 ~- U8 m, p   ئايال بالىغا قارىدى. بالا يىغلاپ-يىغلاپ يەنە ئۇخلاپ قالغاندى. ئۇ بالىنى كۆتۈرۈپ ئچكىرىكى ئۆيگە ئەكىرۋەتتى.* ]  X( I* N# w: n2 S. Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئىككى ئاشىق-مەشۇق بىر-بىرىنى يەۋەتكۈدەك بېقىشقىنىچە چىڭ گىرەلىشىپ كەتتى.
+ o8 B  W: C0 [" ]) {; h' A$ k, @* a   - كاۋاپ قورۇپ قويغان ، ئاۋال يەۋالاملا؟9 l) i6 F9 S# Z7 Z+ h9 Y& u, eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   - قويە ئۇنداق بىر نېمەڭنى ، ھازىر سەندىن باشقىغا تاۋىم يوق،- دېدى ئەر.
% ^! l6 i. ?% y0 a6 P   - ئېرىمدىن شۇنداق بىر ئېغىز گەپ ئاڭلىسام كاشكى!
" ^) W2 q, q, Z4 \   ( ]0 J' Q! [6 D* I: R7 l( cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

2 q* B( u/ x" K$ v" j" v

باھا سۆز

ئەخلەت تىما. پايدىلىق قىممىتى يوق.  ۋاقتى: 2012-5-8 09:17

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +17 ئىناۋەت +14 تەڭگە +6 بايلىق +4 تۆھپە +2 يىغىش سەۋەبى
فەرياد + 2 + 2 + 2 + 1 يارايسىز
alogli + 5 + 5 + 1 + 1 يارايسىز
arkinjuma + 10 + 7 + 3 + 2 + 2 ياخشى تېما

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2011-8-4 17:40:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مىڭ بىر كېچە » ھېكايىلىرى ئىچىدە «خوتۇن كىشى ھىيلىگەرلىكتە شەيتاننىمۇ ئۇسۇلغا سالىدۇ » دىگەن بىر گەپنى ئاڭلىغان،قارىغاندا راست ئوخشايدۇ.{:soso_e127:}
ۋاقتى: 2011-8-4 18:08:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  خۇتۇن كىشنى بىر ئۇمۇر باقساڭمۇ ئاخىرادا سەن ماڭا نىمە قىلىپ بەردىڭ دەيدىغان خەخلە ئۇ!
; o; t  c) h2 b; z' H9 I+ dشۇڭا خۇتۇن 40يىلدىمۇ ئەل بۇلماس دەيدىغان گەپ بار
ۋاقتى: 2011-8-4 18:25:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qayan88 يوللىغان ۋاقتى  2011-8-4 18:08 & q1 ^( u2 _% i# C' {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خۇتۇن كىشنى بىر ئۇمۇر باقساڭمۇ ئاخىرادا سەن ماڭا نىمە ...

0 ~1 W: ~3 m7 l9 _+ T$ R9 G, Eقىرىق يىل ئەمەس، مەڭگۈ دەڭا. مەڭگۈ دىسەكمۇ يەنە چالىسى قالىدۇ.
ۋاقتى: 2011-8-4 18:42:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايناپ كېتىپسىلەرغۇ، ئەركەكلەر!   قاچان بىرەرسى شۇنداقراق بىر تېما يوللار دەپ ئاران تۇرۇپتىكەنسىلەر - دە ؟ مۇشۇ ھىكايىدىكى بىر ئايال بىلەنلا ئەتراپىمىزدىكى ئانىلار، ئاچا -سىڭىللار، ئاياللىرىمىز ،قىزلىرىمىزنىڭ ھەممىسى شۇنداق دەپ كەتمىگەنسىلەر؟!
ۋاقتى: 2011-8-4 19:12:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمنى ئوقۇپ ھەيران قالدىن.بۇ تېما بىلەنلا ھەممە خانىم -قىزلىرىمىزنى مۇشۇ تېمىدەك ھىلگەر، ئەخلاقسىز دىيىشكە بولمايدۇ.يەنىلا ئاخلاقلىق ئايالار كۆپ سانىقنى ئىگلەيدۇ.تېما ئېگىسىگە كۆپ رەھمەت.ھارمىغايسىز.
ۋاقتى: 2011-8-4 20:10:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمىتىم بار ماشىنام يوق،
0 q6 L# k% L0 W3 ^) s4 h# eخۇتۇنۇم بار ئاشنام يوق....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-8-4 20:49:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىدىن ئەرلەرنى ئىبرەت ئالامدىكېن دەپ يوللاپ قويسام،، ھەممە گۇنانى ئاياللارغا ئارتىپ قۇيۇپتۇغۇ؟ مېنىڭچە ئاياللارنىڭ يولدىن ئېزىپ كېتىشىدە ئەرلەرنىڭمۇ مەسئۇليىتى بارمىكېن دەپ ئويلايمەن. ‹‹خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار، ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلەر››دەيدىغان گەپ بارغۇ؟ ھىكايىدىكى ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ۋىجدانى،غۇرۇرى ... بولغان بولسا،ئۆزىنىڭ ئايالىنى يات بىر ئەر بىلەن بىر ئۆيگە تاشلاپ قۇيۇپ ، چىقىپ كەتمەس ئىدى. ئۆزىنىڭ ئايالىغا گېپىنى ئۆتكۈزەلمىگەن ئەرنى نېمە دەيمىز ئەمدى؟ " x. U3 r/ z3 `4 Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەرلەنىڭمۇ ئاياللارنى توغرا يولغا باشلاش، ئاياللارنى قوغداش، ئاياللارنى ھىمايە قىلىپ، خاتالىق ئۆتكۈزشىگە يول قويماسلىق مەسئۇليىتى بارمىكېن دەپ ئويلايمەن.

باھا سۆز

قوللايمەن: 5.0
قوللايمەن: 5
ناھايىتى ئورۇنلۇق .  ۋاقتى: 2012-9-11 18:44
تېتىملىق ئىنكاس  ۋاقتى: 2011-8-5 03:05

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +2 بايلىق +1 يىغىش سەۋەبى
ئوكيان + 2 + 1 ئورۇنلۇق ئىنكاس

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-8-4 23:00:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2011-8-4 20:49 * y9 c9 Q3 y3 y" vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ ھىكايىدىن ئەرلەرنى ئىبرەت ئالامدىكېن دەپ يوللاپ قو ...
: Y: N1 Q( L9 L8 e  B, Y: I- {* Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنمۇ ھەممە گۇنانى ئاياللارغىلا ئارتىپ قويغىنىم يوق،پەقەت ئاڭلىغىنىم ئېسىمگە كېلىپ يۇقارقى ئىنكاسنى يازغان،سىز دىگەندەك ئەرلەر ئەر كىشىدەك بولسا بۇنداق ئاياللارمۇ بولماس ئىدى،ئەمما «شامال چىقمىسا ،دەرەخ لىڭشىماس» دىگەن گەپمۇبار.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-8-4 23:11:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turguneli يوللىغان ۋاقتى  2011-8-4 23:00 5 X& h) c; {- J& ?6 r( cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنمۇ ھەممە گۇنانى ئاياللارغىلا ئارتىپ قويغىنىم يوق، ...
0 j4 o" m& @# Q$ o' vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شامالنى چىقارماسلىق، دەرەخنى  لىڭشىغىلى قويماسلىق ئەرلەرنىڭ قولىدىن كېلىدۇ

باھا سۆز

ئوخشاش ئويدا: 5.0
ئوخشاش ئويدا: 5
گەپنىڭ تېگىدە گەپ باردە ...  ۋاقتى: 2012-9-11 18:46

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 06:48

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش