روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2658|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

پۇلنىڭ گېپى (ھەجۋىي غەزەل)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
[align=center][align=center][align=center][align=center][align=center][align=right][align=left][align=center]پۇلنىڭ گېپى


(ھەجۋىي غەزەل)
                                    
  مۇھەممەتجان راشىدىن  

نېمە بولدى بۇ خوتۇنلار ،كەچكىچە پۇلنىڭ گېپى ،
تاڭ سەھەردىن كەچ سائەت تۆت-بەشكىچە پۇلنىڭ گېپى .

چايغا بارسا ئاچ يانار ، شۇ ئاغزى سۆزدىن بوش ئەمەس ،
بولدى خۇپتەن ياتقىلى تۈن يەشكىچە پۇلنىڭ گېپى .

نان يېقىپ قىززىق تونۇردا ئۇنتۇماس شۇ گەپنى ھەم ،
كارى يوق مېھمان بىلەن چاي ئەتكىچە پۇلنىڭ گېپى .

ئۆتتىمۇ شۇ پۇل مىرەز يا ئۇرنىغا بىسمىللىنىڭ ،
تېنچ -ئامانلىق سورىشىپ سۆزلەشكىچە پۇلنىڭ گېپى .

قالدى خىزمەت قايرىلىپ ، پۇل چىقتى ئۈستەل ئۈستىگە ،
ئىشقا چىقساڭ داڭ چېلىپ ، تا كەچكىچە پۇلنىڭ گېپى .

پۇلنى باغلايدۇ كىيىمگە ، نەق باھاسى بىر سەۋەب ،
تارتىشىپ قۇرساقلىرى ئەسنەشكىچە پۇلنىڭ گېپى .

ئەزبىرايى سۆز ھارامدۇر ئىلمۇ-ئېرپان ھەققىدە ،
ئالتە سانغا چوت سېلىپ ، جەملەشكىچە پۇلنىڭ گېپى.

ئەر بىلەن بولغاي جىدەلنىڭ بارچىسى پۇل ۋەجىدىن ،
تىللىغاندا مەيلىغۇ ، كۈنلەشكىچە پۇلنىڭ گېپى .



تارىم تورىدىن ئېلىندى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

دىۋان
ۋاقتى: 2011-6-13 15:25:21 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاي پۇل ، يەنە پۇل  ، يەنە شۇ پۇل ، پۇل دىگەن شەيتاننىمۇ ئۇسۇلغا سالامىش ھە ....

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

روھلان ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ
كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-8-20 15:27

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش