روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 7684|ئىنكاس: 18
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

‹‹مالىم›› بىز (مۇخەممەس)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پەرھات تۇرسۇن شەيدائى
خەت يازىمىز كۈنۇ-تۈن ھارمايدىغان‹‹مالىم›› بىز
ناشتىلىققا ھەركۈنى بوريەيدىغان‹‹مالىم›› بىز
بەزمە، مەشرەپ، سورۇنغا چاپمايدىغان‹‹مالىم›› بىز
ئىككى ئېغىز ماختاشتا ياشنايدىغان‹‹مالىم›› بىز
ئەجرىمىزگە چۇشلۇق نەپ ئالمايدىغان‹‹مالىم›› بىز

مال دۇنيا يوق بىزدىكى ئاران بىر ساپ يۈرەكتۇر،
غورۇر، ۋىجدان، پەزىلەت بىزگە ئاددى بېزەكتۇر،
بىزلەر ئۈچۈن چوڭ سوۋغا ياشا دېگەن تىلەكتۇر،
مىللىتىمنىڭ كەلگۈسى پەقەت بىزگە كېرەكتۇر،
جەبىرى-جاپا، مېھنەتتىن تالمايدىغان‹‹مالىم›› بىز

خىزمەت بىلەن ئۆتكۈزدۇق كېچە-كۈندۈز، ئاخشامنى،
تەكشۈرىمىز تاپشۇرۇق ئۇنتۇپ ھەتتا ئاش-ناننى،
ئۆيمۇ-ئۆيگە سوكۇلداپ ئەكىلىمىز قاچقاننى،
كىملەر كۆرگەن بىزچىلىك بەخىتكە يول ئاچقاننى،
كۆرەلمەسلەر كوتۇلداپ تىللايدىغان‹‹مالىم›› بىز

ھەرجايدا بار نامەردلەر سېنى پايلاپ ياتىدۇ،
ئېپى كەلسە ئۇيالماي كەينىڭدىنلا چاقىدۇ،
چىماق سېلىپ تۇيدۇرماي پۇتلاپ تاشقا ئاتىدۇ،
يېتەلمىسە مەقسەتكە سېنى سۆكۈپ ساتىدۇ،
‹‹مالىم››تۇرۇپ‹‹مالىم››نى غاجايدىغان‹‹مالىم›› بىز

ئايلاپ-ئايلاپ كۆرمىدۇق پېتىرمانتا، پولونى،
قۇرۇق ناننى غاجىلاپ نىسى ئالدۇق‹‹موتونى››،
مائاشىمىز تۆت تەڭگە، ياماپ كەيدۇق‹‹ماۋكۇنى››،
بىزلەر بويتاق تېخىچە، تۇغدى تازنىڭ خوتۇنى،
ئىشتان ھەرگەز ئۇشۇقتىن ئاشمايدىغان‹‹مالىم›› بىز

مەكتەپ دېگەن بىر دۇنيا، ئۆزگە بىلمەس، چۈشەنمەس،
دۆۋە-دۆۋە خىزمەتنى كۆزى كۆرمەس، كۆرەلمەس،
يۈكى ئىغىر‹‹مالىم››نىڭ، دولى ئېگىز، بېشى پەس،
بۇنى سۆزلەپ بولمايدۇ، خەيىر ئەمدى بولدى-بەس،
خەقچە بولسا:‹‹ئاقنانچى، ئۆلمەيدىغان››‹‹مالىم›› بىز

بىرى كېلىپ تەييارلىق، نىچۈن ئاق بۇ بەت دەيدۇ،
بىرى كېلىپ ئىشىڭنىڭ تايىنى يوق سەت دەيدۇ،
بىرى كېلىپ ساماۋى ئۆلچەملەرگە يەت دەيدۇ،
قىلالمىساڭ خىزمەتنى يىت كۆزۈمدىن كەت دەيدۇ،
كۈندە يەتمىش لالما ئىت تالايدىغان‹‹مالىم›› بىز

تالاي دەپتەر تىزىلىپ كۈتەر بىزنى رەتمۇ-رەت،
ساختىلىققا كۆز يۇمۇپ يېزىلماقتا كۈندە خەت،
تۈك قالمىدى چوقىدا ئەسلى ئىدۇق بىز ‹‹پەچەت››
كۆپلىرىمىز ئاينىدۇق، تۇتىۋالدى بىزنى دەرت،
شۇڭىمىكىن قوشاقتا قاينايدىغان‹‹مالىم›› بىز

يوقلىمىدۇق ھېچكىمنى بىزدە دوست-يار يوقمىدۇ؟
لايدا ئەتكەن ھەيكەلمۇبىز، يېمىسەكمۇ توقمىدۇ؟
تىنىم تاپماي چاپىمىز كەينىمىزدە ئوقمىدۇ؟
كۆز كۆرەدە تاپمىدۇق ئۆي، بىزدە تۇرمۇش يوقمىدۇ،
شورپىشانە پەلەكتىن قاقشايدىغان‹‹مالىم›› بىز

ئون بەش مىنۇت كېچىكتىڭ جەرىمانە بەر دەيدۇ،
بۇرۇن قايتتىڭ بەش مىنۇت، مەكتەپ قانداق يەردەيدۇ،
رۇخسەت دەيسەن ئۇيالماي، يۈزى قېلىن سەت دەيدۇ،
سەكراتتىكى تۇرمۇشنى سورىمايدۇ، بىلمەيدۇ،
گەجگىمىزدىن ئۇر توقماق كەتمەيدىغان‹‹مالىم›› بىز

تەكشۈرۈشلەر قاينايدۇ، يۈرەك پوك-پوك كۈندە غەم،
قويغان-تۇتقان ئەستە يوق، ختىرىمىز ئەمەس قەم،
قايسى ئىشىم چاتاقكىن دەپ كالپۇكلاردا يوقتۇر نەم،
چېپىپ يۈرۈپ ئون بەش كۈن چىدىمايدۇ بىزگە چەم،
كۈرمىڭ ئەلەم-كۈرمىڭ غەم يالمايدىغان‹‹مالىم›› بىز

تەخەيلەرنى تېپىپتۇ،‹‹مالىم›› سەن نېمىش قىلدىڭ؟
موزايلارنى ئۈسۈپتۇ ‹‹مالىم›› سەن نېمىش قىلدىڭ؟
ئاخشام قارا بېسىپتۇ، ‹‹مالىم›› سەن نېمىش قىلدىڭ؟
زۇكام بولۇپ يېتىپتۇ، ‹‹مالىم›› سەن نېمىش قىلدىڭ؟
بىر بالىغا بىر جۈپتىن يەتمەيدىغارن‹‹مالىم›› بىز

دۇرۇس ۋە ھەق سۆزىمىز سىنىپتىلا ئاقىدۇ،
سىرتقا چىقساق يەرشارى بىزگە سوغۇق باقىدۇ،
ئەجرىمىزدىن ئەۋلادلار كۆكتە قانات قاقىدۇ،
تاماشانى كور كۆرۈپ، سۇلار سايغا ئاقىدۇ،
بىرەر بۇردا بىكار نان يېمەيدىغان‹‹مالىم›› بىز

ئارمانلارنى تاشلىدۇق، كۆندۇق تۈزۈم مەيلىگە،
ئاغرىپ قالساق ئىككى كۈن خىزمەت چۈشەر كەينىگە،
دوست-يارەننى قىچقىرىپ چىقالمىدۇق سەيلىگە،
خەيىر دېمەي نەئامال كاج پەلەكنىڭ پەيلىگە،
ئەمما ئەلگە باھارنى چىللايدىغان‹‹مالىم›› بىز

كۈندە قاتماس بىزلەرنى ھاپىز كۈيلەپ نەغمىگە،
بىزنى كاتتا ئەربابلار چاقىرمايدۇ بەزمىگە،
بىرى دەيدۇ بەك بېخىل ئوخشايدۇ نەق ئەزمىگە،
بىرى دېدى‹‹ئەپلەندى›› قېتىپ سېسىق نەزمىگە،
ئەمما ئۇلۇغ كەسىپتىن بەزمەيدىغان‹‹مالىم›› بىز

تونىمايمىز ئەمەلدار، پۇلدار ياكى يولدارنى،
بىلگىنىمىز سەبىيلەر، بىز تۇنۇيمىز شۇلارنى،
مەكتەپتىلا قېرىيمىز چىمەن ئەيلەپ گۈلزارنى،
ھېچكىم ئەتمەس گۈلىستان بىزچە ئانا دىيارنى،
بەش تىيىنغا گېپىمىز ئۆتمەيدىغان‹‹مالىم›› بىز

غاجاۋەرمەڭ بىزلەرنى كۆزىڭىزدىن يۈتەرمىز،
قانچە يوغان شام بولساقمۇ ھامان بىر كۈن ئۆچەرمىز،
مىللىتىمنىڭ روھىنى قان-تەر بىلەن پۈتەرمىز،
ئاددى-ساددا بولساقمۇ ھۆرمەت بىلەن كېتەرمىز،
يۈزلەپ ساپ دىل، قەلىبلەر ئەسلەيدىغان‹‹مالىم›› بىز
2009-يىلى نويابىر
خوتەن.قارقاش


ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى pida1399نىڭ مىكرو بلوگى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5تەجرىبە +40 ئىناۋەت +35 تەڭگە +24 بايلىق +16 تۆھپە +11 يىغىش سەۋەبى
TURAN01 + 9 + 9 ياقتۇردۇم
خەنجەر03 + 1 + 1 + 1 ھەقىقەتەن ياخشى يىزپس.
نىقاپ + 10 + 10 + 10 + 5 + 3
Tursun007 + 10 + 10 + 3 + 5 + 5 ياقتۇردۇم
ADiL + 19 + 5 + 2 + 5 + 3 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

دىۋان
ۋاقتى: 2011-6-17 18:37:21 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاھ! بۇ تېمىنى ‹‹پەرزەنت›› بىلەن‹‹تۇرسۇن007›› تالىشىپ قاپسىلەدە،ياخشى نەرسىنى كىممۇ تالاشمايدۇ
3-قەۋەت
ۋاقتى: 2011-6-17 18:39:47 | ئايرىم كۆرۈش
مۇئەللىملەرنىڭ تۇرمۇشى ئەينەن يېزىلغان شئېركەنغۇ! خۇددى بىزنىڭ مەكتەپنى يازغاندەكلا
4-قەۋەت
ۋاقتى: 2011-6-17 18:47:40 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يىزىلغان شئېر بولغاچقا ھەر پات-پات ئوقۇپ قويىمەن بۇ شئېرنى .
شۇڭا تەستىقلاشنى تالىشىپ قالغان ئوخشايمىز.
5-قەۋەت
ۋاقتى: 2011-6-17 18:57:12 | ئايرىم كۆرۈش
راس بەك ياخشى يېزىلغان شىئىركەن بۇ.
6-قەۋەت
ۋاقتى: 2011-6-17 21:00:20 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاي بەك ياخشى يېزىپتۇ ، ئۇقۇغانسىرى ئۇقۇغۇسى كىلىدىكەن ......
7-قەۋەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-6-17 22:16:00 | ئايرىم كۆرۈش
eliy039 يوللانغان ۋاقتى  2011-6-17 21:00
ۋاي بەك ياخشى يېزىپتۇ ، ئۇقۇغانسىرى ئۇقۇغۇسى كىلىدىكە ...

كەچۈرۈڭ ، خاتا چۈشىنىپ قاپسىز ، بۇ شىئىرنى مەن يازمىغان ، شائىرنىڭ ئىسمى شىئىرنىڭ ئەڭ ئۈستىدە
مەن پەقەت بۈگۈن توردىن ساقلىۋالغان ماترىياللارنى رەتلەۋېتىپ كۆرۈپ قېلىپ شۇنداق ياراپ كەتتىكى تازا كۈلۈپ قۇرساقلىرىممۇ ئاغرىپ كەتتى ، ئامال بولماي روھلاندىكى تورداشلارمۇ مەن تارتقان دەرتنى تارتىپ باقسۇن  دەپ مۇنبەرگە يوللىدىم  ،

بىرى كېلىپ تەييارلىق، نىچۈن ئاق بۇ بەت دەيدۇ،
بىرى كېلىپ ئىشىڭنىڭ تايىنى يوق سەت دەيدۇ،
بىرى كېلىپ ساماۋى ئۆلچەملەرگە يەت دەيدۇ،
قىلالمىساڭ خىزمەتنى يىت كۆزۈمدىن كەت دەيدۇ،
كۈندە يەتمىش لالما ئىت تالايدىغان‹‹مالىم›› بىز

بۇنداق ئىشلار شىنجاڭنىڭ نەرىدە يوق؟

يەرلىك شىۋە ، ئاددى تىل ، ماسلاشقان مەزمۇن ، ............
بۇنداق يۇقرى سەۋيەدىكى شىئىرنى پەقەت ئەدىبىياتچىلار كاللىسىغا قاتتىق تەسىر قىلغاندىلا ئاندىن يازالايدۇ ،
پۈتكۈل شىنجاڭ بويىنچە مۇشۇنداق ئاچچىق مەسخىرە ئارقىلىق كۆڭلىدىكىنى ئوچۇقلا دىيەلەيدىغان شائىرلار پەقەت خوتەن قارا قاشتىنلا چىقدىغان ئوخشايدۇ ، ئەھمەتشاھ قاراقاشىنىڭ « نەزەر مۇفتىمغا خەت » ناملىق ئەسىرى بىلەن بىر ئورۇندا تۇرالىغۇدەك دەرجىدە ئىكەن بۇ شىئىر
8-قەۋەت
ۋاقتى: 2011-6-17 22:26:01 | ئايرىم كۆرۈش
خۇدايىم توۋا ......................  قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆتكەنيا ...........................
مەن تىخى شائىر يەكەنلىك ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن .....................
9-قەۋەت
ۋاقتى: 2011-6-17 22:31:16 | ئايرىم كۆرۈش
كەچۈرۈڭ ، خاتا چۈشىنىپ قاپسىز ، بۇ شىئىرنى مەن يازمىغان ، شائىرنىڭ ئىسمى شىئىرنىڭ ئەڭ ئۈستىدە

مىنىڭمۇ كۆپ ئىشلارغا قۇرسۇغۇم كۈپۈپ تۇراتتى ، بۇنى كۈرۈپ خېىلى كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى ، شۇڭا ھاياجاندا دىققەت قىلماي قاپتىمەن ....
10-قەۋەت
ۋاقتى: 2011-6-18 00:55:41 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شېئىركەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

روھلان ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ
كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-7-23 18:02

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش