روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1365|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كىچىك مۇھەببەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىچىك مۇھەببەت
ئېغىر ئازاب ، كۈلپەت جەۋرىلەر ،
مۇڭ ئىچىدە چىللاپ قەۋرىلەر ،
تەنھا ئۆتمەس لىكىن دەۋىرلەر ،
ماڭا بېرىپ ئۈمىد - سەۋىرلەر ،
كۈلەر تاتلىق كىچىك مۇھەببەت .

تاڭ بىلەن تەڭ غەملەر ئاتقاندا ،
تىڭىرقاشتا قوياش پاتقاندا ،
دەرتلىك يۈرەك مۇزدەك قاتقاندا،
ئازاب بېسىپ يىغلاپ ياتقاندا ،
مىنى كۈتەر كىچىك مۇھەببەت

شىھىد كەتكەن ئوماق ئايالىم،
شۇندىن بۇيان زەپىران ھالىم،
پەقەت ھەمراھ گۈزەل دۇئارىم،
ئوماق ئۇسۇل ، تەڭكەش دۇتتارىم،
مىنى سۆيەر كىچىك مۇھەببەت.

كۆز يېشىمىز قوشۇلۇپ ئاققان ،
ئويچان كۆزلەر كۆكلەرگە باققان ،
گۈزەل ئارزۇ قاناتلار قاققان ،
چۈچۈك سۆزلەپ دىلنى ئويغاتقان،
ھەدىيەرىم  كىچىك مۇھەببەت.

ھاياتىمدا كۈلپەت ئۇنتۇلدى ،
تاشلاپ كەتكەن ئۈلپەت ئۇنتۇلدى ،
مەنمەن ، كىبىر ، سۈلكەت ئۇنتۇلدى،
نامەرتلەرگە ھۆرمەت ئۇنتۇلدى ،
ئاللاھ بەرگەن كىچىك مۇھەببەت.

ئازابلىرىم ئېكەكلەپ جاننى
ئۈمىدلىرىم ئۈزەر ئارقاننى
نامەرتلەرگە قىسىپ بوياننى
ئەجرىم بىكار ، تىلەپ يەپ ناننى
قىسمىتىم شۇ چوقۇم چىدايمەن
ئاللاھ مىنى ياراتقان ئەركەك
تەلمۈرىدۇ كىچىك مۇھەببەت
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-15 15:50:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  شېئىر  شېئىرىيەتنىڭ  يېڭى  بىر  تۈرىنى  بارلىققا  كەلتۇرۇپتۇ .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-15 15:58:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2014-6-15 17:59:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ !  ساقلىۋالدىم ....   
ۋاقتى: 2014-6-15 23:35:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە، شېئىرنىڭ ماۋزۇسىغا قارىتا قوبۇل قىلالماسلىق ئويىدا بولساممۇ، ئەمما شېئىرنىڭ مەزمۇنىنى تولىمۇ ياقتۇردۇم. قەلىمىڭز بەرىكەتلىك بولسۇن.
ۋاقتى: 2014-6-16 10:59:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىھىد كەتكەن ئوماق ئايالىم،
شۇندىن بۇيان زەپىران ھالىم،
پەقەت ھەمراھ گۈزەل دۇئارىم،
ئوماق ئۇسۇل ، تەڭكەش دۇتتارىم،
مىنى سۆيەر كىچىك مۇھەببەت.

شىئېر تولىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەمما ماڭا نۇرغۇن تەرەپلىرى تۇتۇق بىلىندى. مەسلەن يۇقارقى مىسرالار ....دىگەندەك. بۇ قارىسام مەرسىيەگىمۇ ئوخشاپ تۇردۇ بىر قارىسام ئۇنداق ئەمەس.....
ئاپتۇر بۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرسە بوپتىكەن. ئەمما ئاپتۇرنىڭ يۈرۈك يارىسى تاتلىندىغان ئىش بولسا ئۆز پىكىرىمدە قالاي.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-16 13:56:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت دىگەن بۇ ئاتالغۇ يالغۇز قىز - ئوغۇللار ئارسىدىكى ئاتالغۇ ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرمەكچى ئىدىم ،
بىر دوستۇم بار ئىدى ، ئاتا - ئانىسى بالدۇرلا قازا قىلىپ كىتىپ يىتىملىكتە چوڭ بولغان ، كىيىن توي قىلدى ، ئايالىمۇ تۇغۇت ئۈستىدە قازا قىلىپ كىتىپ بىر قىزى بىلەن بىللە ياشاۋاتىدۇ ، بەك مۆئمىن يۇۋاش ئادەم ، بوزەك قىلدىغانلارمۇ شۇنى تاپىدۇ ، ئىشى ئىلگىرى باسمايدۇ ، توي قىلىۋال دىسەك پىشانەم تەتۈر ، باشقىلارنىمۇ نەس باستۇرغۇم يوق دەپ ئۇنىمايدۇ ، دۇنيالىقتا كۆڭلىنى خۇشال قىلدىغان ئۈچ ياشلىق بىر قىزىلا بار .... ، مەن شۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ بۇنى يازغان ، راستىنى دىسەم ئۆزەممۇ ئانچە چۈشىنەلمەي تەنقىدىي پىكىرلىرىڭلار ئارقىلىق مۇكەممەلرەك قىلاي دىگەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-16 22:45

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش