روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2912|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سىز قانداق قىلىپ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەش ،كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيىلەش تەلىپىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلاردا توغرا دۇنيا قاراش كىشىلىك قاراش قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇش تەربىيىسى بەرمەكچى
8 T) U" J5 M) `) m  a  [$ Pمۇھاكىمە   - f0 _) Z" J# F4 dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

$ I, R( J- f  Y7 Y2 P  ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تەربىيەلەش مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىتى، دەۋرنىڭ تەلىپى. ھازىر پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى تېز بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ مەدەنىيەت كۆپ خىللىشىۋاتىدۇ، تۈرلۈك ئىدىيەلەر ئۆزئارا گىرەلىشىۋاتىدۇ ۋە توقۇنۇشىۋاتىدۇ. شۇڭا، مائارىپ بۇ خىرىسلارغا يۈزلىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مائارىپنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئېلىمىز مائارىپى خەلقنىڭ مائارىپتىن نەپ ئېلىش تەلىپىگە تېخى تولۇق ماسلىشىپ بولالمىدى، ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكە قارىغاندا ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكە، پەزىلەتكە قارىغاندا نومۇرغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ.
& w7 e" w" G" y3 I$ R8 Sئەخلاقىي تەربىيە مەكتەپلەردە يالغۇز سىنىپ مۇدىرىنىڭلا ئىشى بولماستىن، بەلكى بارلىق ئوقۇتقۇچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا سىنىپ مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ چوڭ.9 V/ b; F/ l: S- f# ?4 Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇنداقتا سىنىپنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، يېتەكچىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇستازى، دوستى ھېسابلانغان سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىمۇ؟ ئوقۇغۇچىلار سىنىپ مۇدىرىغا ئەڭ چوقۇنىدۇ،سىنىپ مۇدىرىنى ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسىغا تەڭ ئورتاقلىشىشنى خالايدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەش ،كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيىلەش تەلىپىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلاردا توغرا دۇنيا قاراش كىشىلىك قاراش قىممەت قارىشى تۇرغۇزغىلى بۇلىدۇ؟
/ r& E/ x1 C- X1 .ئوقۇتقۇچى دەرىس ئۆتۇشتىن باشقا يەنە  ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى كېرەك. ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشى، كەمسىتمەسلىكى، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىگە ئايرىماسلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەيدىغان، غۇرۇرىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىقى كېرەك.
! r( {) ^" S! L. Y( N4 u# S: e: y2 . ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە سىنىپ پائالىيىتىنى تەشكىللەتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇش، مۇستەقىل ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
6 T2 y% O( f: |  H& p5 \. n3.يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلاردا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ۋە قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان ئىرادە تۇرغۇزۇشى كېرەك.
/ a1 w! B1 [2 R) @! j) g& I 4. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنى شۇ پائالىيەتتە ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتتە دۇنيانى، جەمئىيەتنى، ئۆزىنى تونۇپ، ھەمساۋاقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلاردا بۇ ئارقىلىق خىزمەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشتەك ئىجتىمائىي پەزىلەت يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
+ f/ y3 m# a2 N2 ]0 w# S& x: {5.  مائارىپچىلارغا تونۇشلۇق بولغان مۇنداق بىر ھېكمەت بار، گېرمانىيەدىكى بىر مەشھۇر زات ‹‹بىزنىڭ جەڭگاھتىكى غەلىبىمىز ئاللىبۇرۇن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پارتىسىدا بەلگىلىنىپ بولغان›› دېگەن. مېنىڭچە بۇ ناھايىتى توغرا ھۆكۈم. ئاساس مائارىپ بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشكە ئاساس سالىدۇ. ھازىر ئوقۇغۇچىلارغا سالغان ئاساسىمىز ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدا بۇ ئاساسىنى قانداق سېلىش، ئاساس مائارىپنىڭ يادرولۇق رولىنىڭ نېمىلىكىنى تونۇش ھازىرقى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
9 C: @; B3 m; t7 Q6. ھازىرقى ئاساس مائارىپ يۈكسەك تارىخىي بۇرچنى ۋە ئىسلاھ قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىپ، كەلگۈسىدىكى ھاياتىغا ماس كېلىدىغان ئورتاق قىممەت قارىشىنى تېپىپ چىقىشىنى مەقسەت قىلىشى كېرەك.4 C& P6 l8 U8 O" ^9 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7. ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز خاسلىقىنىڭ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ماس كېلىدىغان مائارىپ ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش لازىم.
% ^' V5 D' L( O+ H8.كەسپىي باشقۇرغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنى بويۇنتۇرۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەڭ قەدەمدە ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلارنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا كۆرۈشى زۆرۈر.% p0 Q5 r3 R. n& ?' nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
9.مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئادەم تەربىيەلەشتۇر. ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، قانداق ئادەم تەربىيەلەش ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قۇرۇلغاندىكى نامى ‹‹ئىرادىلىكلەر مەكتىپى›› ئىكەن.ئەينى چاغدىكى مائارىپ دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىرادە تىكلىشىگە ۋە سۆز – ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كىشىلىك قىممەتنى يارىتىدىغان مائارىپ ئىدى. ئەلۋەتتە، ھازىرقى مائارىپمۇ شۇنداق، ئوقۇغۇچىلارنى ئەقىل – پاراسەتلىك قىلىپ تەربىيەلەپلا قالماي، مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىسىگە ئالالايدىغان، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان، ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلالايدىغان پۇقرا قىلىپ تەربىيەلەش، شۇنداقلا مۇستەقىل روھ ۋە مۇكەممەل ئادىمىيلىكنى بىرلەشتۈرۈش مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرچىدۇر.
; I; N3 e) e: g10.ھازىرقى مائارىپ ئىسلاھاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېيتقاندا، بارلىق ئاساس مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى روياپقا چىقىرىش يولى ۋە مائارىپ يولىنى بىلىش تەلىپى قويۇلۇۋاتىدۇ. مۇشۇ تەلەپ بويىچە دەرسلىك ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن پەن ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە ئۆتۈپ، پۈتكۈل تەربىيەلەش مۇساپىسىدا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى قوزغىتىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ نىشانىنى بەلگىلىشىمىز، يەنى قىممەت قارىشىدىكى يېتەكچىلىك، دەرسلىكتىكى يېتەكچىلىك، ئومۇمىي مۇلازىمەتتىكى يېتەكچىلىكنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىمىز؛ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا، ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇشىغا، يېڭىلىق يارىتىشىغا، دۇنياۋى تۇيغۇغا ئىگە بولۇشىغا يول ئېچىپ بېرىشىمىز لازىم.: k  b  I/ z% o  v5 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

2 T* H, A% I& S# \$ t, n$ D
! i: E- j2 |: V% i$ |* k' Z
: b* h. S+ W7 J
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-18 12:09:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ،ئەخلاق ئارقىق ئادەم تەربىيلەش مۇھىم،بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق دىگەن ئىدى:‹‹مۇئەللىم سىز ماڭا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۇگەتتىڭىز،ئادەمنىڭ قىممىتىنى بىلىش بەك مۇھىم››مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۇرۇش زورۇردۇر.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-6 04:03

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش