روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1658|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خۇشال بول ئەي ئايال بۈگۈن بايرىمىڭ-ئىزچىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خۇشال بول ئەي ئايال بۈگۈن بايرىمىڭ

چەكتىڭسەن ئەي ئايال ،ئەڭ ئېغىر جاپا
توققۇزئاي توققۇز كۈن كۆتىرىپ بالا .
تەۋەللۇت قىلغاندىن كىيىن يەنىلا ،
قالدىڭسەن ھەي تېخى پاتمان بالاغا .

يۇيىسەن كىيىمنى ،ئېتىسەن تاماق،
شۇندىمۇ بالىلار تاپىدۇ ئېۋەن ،
بەزىدە ئەر بىلەن بوپ قالار جاق –جاق ،
بىر ئۆمۈر ئىشلەپمۇ بولالماي لېۋەن.

تۇغسىلا بولمايدۇ بالىنى ئەلۋەت ،
مىھرىڭنى بىرىسەن ئۆزۈڭنى ئۇنتۇپ.
ھەممىنىڭ غېمىنى يەپلا ئۆتىسەن ،
ئۇلۇغسەن بىر يۈكسەك پەللىدە تۇرۇپ.

ئۆتمەيدۇ بۇ كۈنلەر ھەركۈنى راۋان،
ياخشىسى ئەزەلدىن بالاڭغا مەنسۇپ.
ئويلايسەن يەنىلا ئۆينى بالاڭنى ،
ئاغرىقتا ياتساڭمۇ زەرداپ قان قۇسۇپ.


دۇنيادا بولساڭمۇ جاپاكەش ئىنسان ،
سەن بولغاچ يۈرىيدۇ ،يىگىتلەر مەغرۇر ،
قىزلارمۇ جەلپكار شۇ قەدەر سىرلىق،
سىنىڭدىن شەرم ھايا بولغاچ يادىكار .

ئوغلۇڭنىڭ بىشىغا تەگسە بىرتال دان ،
بىشىڭغا ئۆرىلىپ چۈشىدۇ ئاسمان.
بىراق سەن كۆتىرىپ تۇرىسەن مەزمۇت ،
چۈنكى سەن ئاشۇنداق باھادىر ئىنسان.

ياشىدىڭ بىر ئۆمۈر گۈزەللىك ئىزدەپ ،
لىكىن سەن ئۇنىڭغا قېنىپ باقمىدىڭ .
بىراق سەن گۈزەللىك ئۈچۈنلا ئۆيدىن ،
بالىدىن ،ۋەتەندىن تېنىپ باقمىدىڭ.

ياشىدىڭ بىرئۆمۈر گۈزەللىك ئۈچۈن ،
تارىتىپ دۇنياغا خۇشپۇراق بىر ھىد .
پەخرىمسەن بىر ھىدلاي بۈگۈن كەل سېنى ،
مەس بوپ مەن كەتسەممۇ ئىشقىڭدا زاھىد.

خۇشال بول ئەي ئايال بۈگۈن بايرىمىڭ ،
ھەممىمىز سەن ئۈچۈن كۈلىمىز بۈگۈن .
ئۇنتۇغىن سەن چەككەن دەردنى ئازابنى ،
سەنمۇھەم بىرگە كۈل ،ئازابىڭ سۈرگۈن.

پەخىرلەن ئۆزۈڭدىن ،تۆھپەڭدىن ئايال،
سەن بىلسەڭ تەرىڭنى بىز ئۈچۈن ئەۋزەل.
بىزمۇ ھەم ئەي سېنى بىر گۆھەر بىلىپ،
سەن ئۈچۈن يۈرەكتىن ئوقۇيمىز غەزەل .







2016-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى تاڭ سەھەر
يازغۇچى ئەمەتجان سايىت --ئىزچىمەن


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursunniyaz + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئ‍اياللار ئ‍ۈچۈن يازغان ئ‍ېسىل شىئ‍ىرىڭىزغا كۆپ رەھمەت،بارچە جاپاكەش ئ‍اياللارنىڭ بايرىمىنى مەنمۇ بۇ شىئ‍ىرىڭىز ئ‍ارقىلىق تەبرىكلىۋالسام قانداق؟!
ۋاقتى: 2016-3-8 23:57:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2016-3-10 10:48:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت بەك ياخشى يىزىپسىز .يەنىمۇ تىرشىڭ
ۋاقتى: 2016-3-11 18:34:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت بەك ياخشى يىزىپسىز .يەنىمۇ تىرشىڭ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-29 00:10

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش