روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 5060|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تاماقتىن كېيىن بۇ 8 ئىشنى قىلماڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تاماقتىن كېيىن بۇ 8 ئىشنى قىلماڭ

; @- n2 X. k* h! O* a- s+ j& Y8 n9 ~, N0 o' `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ساغلام بولمىغان يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنىڭ قورقۇنۇشلۇق كېسەللىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئەمما تاماقتىن كېيىنكى بەزى ئادەتلىرىگە ھەمىشە سەل قارايدۇ، ھەتتا ئۇنى بىلمەيدۇ، بۇنداق كۆزگە ئىلمىغان ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ساغلاملىقىڭىزنىڭ ( ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى) جان ئالىدىغان « قاتىل » غا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن......
" |& z; i  ]) ?. X$ h. e& c   1- تاماقتىن كېيىن مېۋە- چېۋە يېيىش ( مېۋە- چېۋە، يېمەكلىك) : نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تاماقتىن كېيىن مېۋە- چېۋە يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ بىر خىل خاتا تۇرمۇش ئادىتىدۇر. يېمەكلىك ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن، ھەزىم بولۇشقا بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇ، ئەگەر تاماقتىن كېيىنلا مېۋە- چېۋە يېسە، ئالدىدا يېگەن يېمەكلىك تەرىپىدىن تۇسۇۋېلىنىپ، مېۋە- چېۋىنىڭ نورمال ھەزىم بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارسا، قۇرساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش ياكى قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  V* s8 E# e3 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    2-  تاماقتىن كېيىن قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىش : تاماقتىن كېيىن چاي ئىچىش ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇۋېتىپ، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، چاينىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا تاننىك كىسلاتاسى بولىدۇ، تاماقتىن كېيىن چاي ئىچكەندە، ئاشقازاندا ھەزىم بولۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئاقسىل تاننىك كىسلاتاسى بىلەن بىرلىشىپ ئاسان ھەزىم بولمايدىغان چۆكمە ھاسىل بولۇپ، ئاقسىلنىڭ شۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. چاي يەنە تۆمۈر ئىلمېنىتلىرىنىڭ شۈمۈرۈلۈشىگە توسالغۇ بولىدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ھەتتا تۆمۈر كەملىك خارەكتېرلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چقىرىشى مۇمكىن.
# B: _/ D2 ^3 Y. p/ R% @    3-  تاماقتىن كېيىن تاماكا چېكىش : تاماقتىن كېيىن تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن 10 ھەسسە كۆپ بولىدۇ! بۇلار تاماق يېگەندىن كېيىن ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارى كۆپەيگەنلىكتىن، تاماكا تەركىبىدىكى زىيانلىق تەركىبلەر زور مىقداردا شۈمۈرۈلۈپ، جىگەر، چوڭ مېڭە شۇنىڭدەك يۈرەك- قان تومۇرلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، بۇ جەھەتتىكى كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.2 r1 O0 d9 r+ z- p9 gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    4-  تاماقتىن كېيىن يۇيۇنۇش : تاماقتىن كېيىن يۇيۇنغاندا، بەدەن سىرتىدىكى قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدۇ، ئاشقازان، ئۈچەيدىكى قان مىقدارى بۇنىڭغا مۇناسىپ ئازىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش كېلىپ چىقىدۇ.6 J# j; r3 i2 v6 t* p4 }" d, g! mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   5-  تاماقتىن كېيىن بەلباغنى بوشىتىۋېتىش : ئىنتايىن نۇرغۇن كىشىلەر تاماقنى كۆپرەك يېگەندىن كېيىن ئۆزىنى سىقىلغاندەك ھىس قىلىپ ھەمىشە بەلباغنى بوشىتىۋېتىدۇ، بۇنداق قىلغاندا قۇرساق سەل ئازادە بولغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما قۇرساق بوشلىقى ئىچكى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپ، ئاشقازاننىڭ پەسكە ئولتۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلسا، ئاشقازان پەسكە ئولتۇرۇپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.
$ J" u5 m0 n5 y* X/ {1 _( E    6-  تاماقتىن كېيىن يول مېڭىش : تاماقتىن كېيىن « يۈز قەدەم ماڭ» غاندا « 99 » ياش ياشىيالمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەرىكەت مىقدارى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ شۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلاردا يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش، قان- تومۇر قېتىشىش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تاماقتىن كېيىن يول ماڭغاندا كۆپىنچە قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
! ~5 w9 d5 f* V, t5 r    7-  تاماقتىن كېيىن ناخشا ئېيتىش : ئەل ئارىسىدا « قۇرسىقى توق پو ئاتىدۇ، قۇرسىقى ئاچ ناخشا ئېيتىدۇ » دېگەن گەپ بار، بۇ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان. تاماق يەپ تويغاندىن كېيىن ئاشقازاننىڭ سىغىمى ئاشىدۇ، ئاشقازان دىۋارى نېپىزلەيدۇ، قان ئېقىم مىقدارى ئاشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ناخشا ئېيتقاندا كېرىگەت تۆۋەنگە ئولتۇرۇشۇپ، قۇرساق بوشلىقىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ-دە، يېنىك بولغاندا ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان بىلەن ئۈچەي ماس كەلمەسلىك قاتارلىق باشقا كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.
' H* I5 {4 x2 D/ {  n! j* G+ w    8-  تاماقتىن كېيىن ماشىنا ھەيدەش : شوپۇرلار تاماق يەپ بولۇپلا ماشىنا ھەيدىسە ئاسانلا ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ. تاماقتىن كېيىن ئاشقازان، ئۈچەينىڭ يېمەكلىكلەرنى ھازىم قىلىشىغا زور مىقداردا قان كېرەك بولغانلىقتىن، چوڭ مېڭە ئورگانىزىملىرىغا ۋاقتىنچە قان يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەشغۇلات سەۋەنلىكى كۆرۈلىدۇ.
9 C8 N5 d4 r. O& l" V* b                                                                                         مەنبە:توغراق تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
بۇ بەك ياخشى ساۋاتلار ئىكەن
ۋاقتى: 2015-5-19 17:30:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلۋىلىشقا تىگىشلىك بىلمكەن ، رەھمەت
ۋاقتى: 2015-5-21 21:03:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يوللاپسىز  بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىملەركەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 07:10

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش