روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2868|ئىنكاس: 20
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مەن ۋە باھار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىھىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 18:29  

مەن ۋە باھار

گۈلبوستان موللىمىن(سىھىر)

ئوتتۇز تۆت باھارنى كۈتىۋالدىم مەن،
ئۇزۇتۇپ ئوتتۇز ئۈچ جۇت شىۋېرغاننى.
يازدا مەن ئېچىلدىم قىزىل گۈل كەبى،
ۋە لىكىن تۇيدۇرماي ئۆتكۈزدۈم كۈزنى.

ئوتتۇز تۆت باھارنى كۈتىۋالدىم مەن،
گاھىدا بىر يىلدەك ئۆتتى بۇ يىللار.
تاۋلاندىم تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىدا ،
بەك قاتتىق ئاغىردى ئەمما بۇ دىللار.

ئوتتۇز تۆت باھارنى كۈتىۋالدىم مەن،
ئوتتۇز تۆت ئەتتىرگۈل كەلدى سەھەردە.
تۇيىماي قالدىمغۇ قانداق ئۆتتى يىل،
بۇ ھايات بەك گۈزەل قىسقا ئەسلىدە.

ئوتتۇز تۆت باھارنى كۈتىۋالدىم مەن،
كەلدىغۇ ھاياتنىڭ ئالتۇندەك پەسىلى.
ئۆتمۈشنى ئەسلىدىم سېغىنىش بىلەن،
تۈنۈگۈن بۈگۈندىن گۈزەلكەن ئەسلى.

2015-يىل 22-فېۋرال ئاقسۇ شەھەر
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
دەششەت ئەمەس ياخشى يزلىپتۇ

باھا سۆز

باھايىڭىزغا رەھمەت ،،،،سالامەت بۇلۇڭ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-24 21:12
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
ۋاقتى: 2015-2-24 18:52:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، ماڭا يارىدى. مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە يازغان مۇنداق مىسرالىرىم ئېسىمدە:
يىگىرمە ئىككى باھار ئۆتتى،
ئەمما، سوقتى قىشنىڭ جۇدىنى.
بەرقى ئۆڭمەي، تۆكتى ئۈششۈتۈپ،
ياش ھاياتنىڭ رەڭدار گۈلىنى.

باھا سۆز

رەھمەت ئ‍ىنىم،،،،ئ‍ەمما ئ‍ادەم تۇرمۇشقا ،شۇ تۇرمۇش ئ‍ىچىدىكى ئ‍ازاپلارغىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ يۈزلىنىش كىرەك،،،،  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-24 21:15
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
ۋاقتى: 2015-2-24 19:08:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتلىقنىڭ باھار لىرىكىسى ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ،34باھاردىكى گۇللەر بىر دەستە گۈلگە ئايلىنىپ ،ھاياتىڭىزغا خۇشپۇراق چاچقۇسى،باھار لىباسى يەنە 134 يىللىق باھارىڭىزغا سەلتەنەت بەرگەي.

باھا سۆز

سىزگە يارىغان بولسا يامان ئ‍ەمەس چىققان ئ‍وخشايدۇ بۇ تېمام،،،،رەھمەت سىزگە كۆسەنى ئ‍ەپەندىم سالامەت بۇلۇڭ !  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-24 21:19
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
ۋاقتى: 2015-2-24 19:08:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتلىقنىڭ باھار لىرىكىسى ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ،34باھاردىكى گۇللەر بىر دەستە گۈلگە ئايلىنىپ ،ھاياتىڭىزغا خۇشپۇراق چاچقۇسى،باھار لىباسى يەنە 134 يىللىق باھارىڭىزغا سەلتەنەت بەرگەي.
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
ۋاقتى: 2015-2-24 19:39:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتۇز ئۈچكە ئېيتىپ قويدۇڭ خوش،
ئوتتۇز تۆتنى ئۆتكۈزمىگىن بوش.
باھار بولسۇن ھەر بىر كۈنلىرىڭ،
تۇتقانلىرىڭ ئالتۇن بولسۇن قوش.

سېھىر خانقىزنىڭ شېئىرىغا ياندىشىپ قويدۇم، قەلىمىڭىزنىڭ يەنىمۇ ئۆتكۈر بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە نۇرلان ئ‍ۇستاز،،،،،ئ‍اللا تىلەكلىرىڭىزنى ئ‍ەمەلگە ئ‍اشۇرغاي،،،،،،سالامەت بۇلۇڭ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-24 21:23
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
ۋاقتى: 2015-2-24 19:55:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېرىڭىزنى ئوقۇپ تۇغۇلغان كۈنىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھايات كارتىنىڭىز قىسقا بىر مىكرو كىنودەك كۆز ئالدىمدا نامايەن بولغاندەك بولدى. بۇ شىئېرىڭىزنى  تۇغۇلغان كۈن مۇبارەكنامىسى بولۇپلا قالماي 33يىللق ھايات مۇساپىڭىزنىڭ خولاسىسى دىسەكمۇ بولغۇدەك. بۇ شىئېرىڭىز مەيلى يېزىلىش ئۇسلۇبى بولسۇن، مەيلى ھېس-ھاياجان ھەم تۇغۇلغان كۈن بىلەن ھايات خولاسىسىنىڭ ئورگانىك بىرىكىش بولسۇن ۋە ياكى تېما قۇيۇش جەھەتتە بولسۇن بۇ يازمىڭىز باشقا يازمىللىرىڭىزدىن بۆلەكچە پەرىقلىندىكەن دەپ قارايمەن.
ھايات ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدۇ. ئاقىل ئادەم ھاياتدىن ھېساپ ئېلىشنى ، ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتى ئۆستىدە قىسقا خولاسە قىلشىنى ۋە كەلگۈسىگە قانداق قەدەم ئېلىشنى بىلىدۇ. سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىز دەل مۇشۇ نوقتىنى چىقىش قىپتۇ. بولۇپمۇ شىئېر يازىدىغان ياكى شىئېريەتكە قىززىقىدىغان ئادەملەردە بۇ ياخشى ئادەت بۇرۇنلا شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ دەپ قارايمەن.
بۇندىن كىينكى ھايات مۇساپىڭىز تېخىمۇ بەخىتلىك ، سالامەت ئۆتكەي.

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە نەۋرۇز ئ‍ەپەندىم،،،،ئ‍ەسلى ئ‍ىككى كۈن بۇرۇن چىقارماقچى ئ‍ىدىم ،ئ‍ەمما بەزى بىر سەۋەپلەر تۈپەي  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-24 21:34
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
aska0077 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 18:04
دەششەت ئەمەس ياخشى يزلىپتۇ

باھايىڭىزغا رەھمەت ،،،،سالامەت بۇلۇڭ
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
Hiyalparas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 18:52
ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، ماڭا يارىدى. مېنىڭمۇ ئۆ ...

رەھمەت ئ‍ىنىم،،،،ئ‍ەمما ئ‍ادەم تۇرمۇشقا ،شۇ تۇرمۇش ئ‍ىچىدىكى ئ‍ازاپلارغىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ يۈزلىنىش كىرەك،،،،شۇنداق قىلغاندىلا ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنسى بىلەن ياشىغىلى بۇلىدۇ،،،،،ئ‍ىرادىلىك بۇلۇڭ،،،،،سالامەتلىك ھەم خوشاللىق سىزگە يار بولسۇن
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
كۇسەنى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 19:08
ھاياتلىقنىڭ باھار لىرىكىسى ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ،34باھا ...

سىزگە يارىغان بولسا يامان ئ‍ەمەس چىققان ئ‍وخشايدۇ بۇ تېمام،،،،رەھمەت سىزگە كۆسەنى ئ‍ەپەندىم سالامەت بۇلۇڭ !
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-3-18 02:18

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش