روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2205|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

شاماللاردىن كىلەر كۈنلىگىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىھىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 12:47  


شاماللاردىن كىلەر كۈنلىگىم

گۈلبوستان موللىمىن(سىھىر)

شاماللاردىن  كىلەر كۈنلىگىم،
يۈزلىرىڭنى سىيپاپ ئۆتسە گەر.
يامغۇردىنمۇ  كىلەر كۈنلىگىم،
چاچلىرىڭغا تامچىسا ئەگەر.


شاماللاردىن  كىلەر كۈنلىگىم،
قۇلىقىڭغا شىۋىرلىسا گەر.
چىغىر يولدىن كىلەركۈنلىگىم،
يىنىك دەسسەپ ماڭساڭ ئەي دىلبەر.

شاماللاردىن  كىلەر كۈنلىگىم،
خالىغانچە ھىدىڭنى ھىدلار.
قىزىل گۈلدىن كىلەر كۈنلىگىم ،
قۇلىقىڭغا قىسىۋالساڭ يار.

كۈنلەپ كۈندىن ،ئايدىن سىنى يار،
تىلەپ كەتتىم ،يۇرىما جاھان .
بۇسۇغاڭدا تۈنەي ھەر كىچە،
ھەمرا بۇلۇپ ساڭا ھەر قاچان.

2015-يىل11-فېۋرال
گۈلبوستان موللىمىن  ئاقسۇ شەھرى






ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-11 20:29:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ تىلى يىنىك، مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ. يەنىمۇ تىرىشىڭ.

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە نۇرلان ئ‍ۇستاز،،،،،سالامەت بۇلۇڭ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-12 18:49
ۋاقتى: 2015-2-11 20:32:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك «سېھىر» خانىم، بۇ كۈنلەردە ئالدىراش بوپ كېتىۋاتىمەن، شۇ سەۋەبتىن سىزدەك مۇنبەرداشلىرىمنىڭ تېمىلىرىغىمۇ تۈزۈك كۆز يۈگۈرتۈپ بولالمىدىم، ھازىر قىسقىغىنە ۋاقتىمدا مەزكۇر شېئىرىڭىزدىكى «كۈنلەش» مەزمۇن قىلىنغان، كۈچلۈك مۇھەببەتلىك ھېسقا تولغان شېئىرىڭىزدىن ھوزۇر ئېلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بۇ شېئىرىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتۇ. بارىكاللا! قەلىمىڭىزگە دەرت كەلمىگەي. ئارام كۈنلىرىڭىزگە شادلىق، تېنىڭىزگە سالامەتلىك تېلەيمەن.

باھا سۆز

شىئ‍ىرىمنىڭ سىزگە ياققانلىكىدىن بەكمۇ مەمنۇن بولدۇم ،،،،،رەھمەت سىزگە جام ئەپەندىم ،،،،سالامەت بۇلۇڭ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-12 18:50
ۋاقتى: 2015-2-11 23:53:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹كۈنلەش›› ماھىيەتتە مۇھەببەتنىڭ يارقىن سىماسى. ئۇ يۈرەكتىن بەلكىم نۇر تېزلىكىدىنمۇ تېز ھالەتتە ئېتلىپ چىقىدۇ. سىز ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز ئۇنى ھەر يات جىنىسلىق  ئادەمدىن  كۈنلىگىڭىز كېلىدۇ. ئەلۋەتتە سىز يوق ھەر قانداق تاماق ئۈستەللىرىدە ھەم ھەر قانداق يەردە ئۇنىڭ سىماسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بىر ئازاپ.....
سىھىر خانىمنىڭ بۇ شىئېرى نۇرلان ئەپەندى دىگەندەك تىلى يىنىك ھالەتتە تولىمۇ تەبىئى سۆزلەر بىلەن يېزىلىپتۇ. كۈرۈنۈپ تۇرۇپتىكى سىھىر خانىم تل ئىشلىتىشتە بولسۇن ۋە ياكى ھېسيات ئىپادىلەشتە بولسۇن قەدىمى راۋان كىتىۋاتىدۇ. قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولسۇن سىھىر خانىم.

باھا سۆز

ھەر بىر تېمام يوللانغاندا بەكمۇ ئ‍ەستايىدىل ئ‍ىنكاس قالدۇرسىز نەۋرۇز ئ‍ەپەندىم،،،،،بۇ ئ‍ىنكاسلىرىڭىز ماڭا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-12 18:56
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 20:29
شېئىرنىڭ تىلى يىنىك، مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ. يەنىمۇ تىر ...

رەھمەت سىزگە نۇرلان ئ‍ۇستاز،،،،،سالامەت بۇلۇڭ
جام يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 20:32
ھۆرمەتلىك «سېھىر» خانىم، بۇ كۈنلەردە ئالدىراش بوپ كېت ...

شىئ‍ىرىمنىڭ سىزگە ياققانلىكىدىن بەكمۇ مەمنۇن بولدۇم ،،،،،رەھمەت سىزگە جام ئەپەندىم ،،،،سالامەت بۇلۇڭ
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 23:53
‹‹كۈنلەش›› ماھىيەتتە مۇھەببەتنىڭ يارقىن سىماسى. ئۇ يۈ ...

ھەر بىر تېمام يوللانغاندا بەكمۇ ئ‍ەستايىدىل ئ‍ىنكاس قالدۇرسىز نەۋرۇز ئ‍ەپەندىم،،،،،بۇ ئ‍ىنكاسلىرىڭىز ماڭا زور مەدەتلەرنى بىرىدۇ،،،،رەھمەت سىزگە نەۋرۇز ئ‍ەپەندىم،،،،،سالامەت بۇلۇڭ
ۋاقتى: 2015-2-28 15:19:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنىمۇ پەچەت يېزىۋىتىپسىز!
ئەگەشكۈم بارۇ ئەگەشكۈم بار.....
ئابدۇللانىڭ مەجنۇنتال ناخشىسى ياڭراۋاتىدۇ قۇلقىمدا.

قانداق ئەگىشەي.....



يار ھېدىنى ئېلىپ كەلدىم دەيدۇ شاماللار،
بىلسەڭ ئاشۇ شامالدىنمۇ كۈنلىگىم كېلەر.
قىزغىنىمەن سېنى ئايدىن ، قۇياش، چولپاندىن،
ئاھ سۆيىمەن! بۇ سۆيگۈمنى بىر ئاللاھ بىلەر.

باھا سۆز

ۋاي ۋاي ،،،مەن كەچ بازىردا قالدىمغۇ جېنىم،  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-28 15:50
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-28 15:50:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 15:19
بۇ شېئىرنىمۇ پەچەت يېزىۋىتىپسىز!
ئەگەشكۈم بارۇ ئەگەشك ...

ۋاي ۋاي ،،،مەن كەچ بازىردا قالدىمغۇ جېنىم،

باھا سۆز

بۇ گەپنى قايتا - قايتا، قايتا - قايتا ، يەنە قايتا- قايتا ئوقۇساممۇ چۈشىنەلمەي ئولتۇرۇپ كەتتىم.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-28 16:26
ۋاقتى: 2015-2-28 16:26:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 15:50
ۋاي ۋاي ،،،مەن كەچ بازىردا قالدىمغۇ جېنىم،

بۇ گەپنى قايتا - قايتا، قايتا - قايتا ، يەنە قايتا- قايتا ئوقۇساممۇ چۈشىنەلمەي ئولتۇرۇپ كەتتىم.

باھا سۆز

ئەگەشمە شىئىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،،،،شۇڭا دەپ قويدۇم ،بۇ ئاقسۇچە گەپ جېنىم  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-28 19:22

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-4 02:55

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش