روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2466|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كۆزلىرىم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۇسەنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 12:01  

كۆزلىرىم

ھاياتلىقتىن نىشان بار، پىلىلدايسەن كۆزلىرىم،
قىز چوكاننى كۆرگەندە، تىپىرلايسەن كۆزلىرىم.
شەھۋەت نۇرۇڭ چاقنايدۇ ياش ئەللىكتىن ئاشسىمۇ،
سەت قىلىقنى كۆرگەندە،ئۇيالمايسەن كۆزلىرىم.


بىراۋ كۈلسە جىلمىىپ شۇ قارچۇغۇڭ ئوينايدۇ،
گۈزەللەرنى كۆرگەندە قاراپ-قاراپ تويمايدۇ،
ناھەقچىلىك يامرىسا ئۇنى ئەسلا كۆرمەيدۇ،
شۇ سەۋەپتىن ئوڭنى-سول،كۈرەلمەيسەن كۆزلىرىم.


يېپىق تۇرسا كارىڭ يوق ئۇچۇق قالسا مارايسەن،
تۈك ئۈندۇرۇپ تۇخۇمغا يامان يەرنى مارايسەن،
گەر بولمىسا قاڭشىرىم بىر-بىرىڭنى تالايسەن،
شۇ سەۋەپتىن بىر جايدا، تۇرالمايسەن كۆزلىرىم.


ئاغىرىپ قالسام ئەگەردە، تىنىم بولسا سەكپارە،
ئەزرائىلنى ئىزدەيسەن، سەن نىمانچە ئاۋارە،
كۈرەلمەسلىك بار سەندە ئۈزۇڭ كىچىك بىچارە،
سوۋغا سالام تەما قىپ، يۇمۇلمايسەن كۆزلىرىم.


بىراۋ كەيسە ئەتلەسنى قىزىرىسەن ئۇنۇڭغا،
قىسقا كەيسە كۆينەكنى چاقىرىسەن تۇيۇڭغا،
بەدنىيەتلىك بار سەندە سېڭىپ كەتكەن خۇيۇڭغا،
يامان ئىشنى كۆرگەندە، قىزارمايسەن كۆزلىرىم.


ئەبجەش تىلدا سوزلىسە مەدەنىيەت دەپ ماختايسەن،
ئۆز تىلىڭنى سەت كۇرۇپ مەتو دەيسەن تىلايسەن،
مەدەنىيەتنى بىلمەستىن نەشتىرىڭنى قادايسەن،
شۇ سەۋەپتىن ئېغىزغا ،سۈيۈلمەيسەن كۆزلىرىم.

گۈزەل تۇرسا يېنىڭدا يىراقلارغا قارايسەن،
ئۆز مۇقامدىن ۋاز كېچىپ باشقىلارنى دورايسەن،
بۇلبۇل تۇرساڭ سەن ئەسلى قۇزغۇن بۇلۇپ سايرايسەن،
ئۇچۇق تۇرۇپ شۇنداق كور، بۇلۇپ قاپسەن كۆزلىرىم.

ئاتا-ئاناڭ بار چاغدا قارىمايسەن ئوز كۈرۈپ،
يوق بولغاندا يېنىڭدا قىزىرىسەن ياش تۈكۈپ،
قاچان بىلەر ئۈزىنى دەپ قېرىپ كەتتىم كوپ كۈتۈپ،
شۇ سەۋەپتىن لوپا ئەينەك،تاقاپ قاپسەن كۆزلىرىم،


بىراۋ ماڭسا ئالغا دەپ زەپەر قۇچۇپ ھاياتتا،
كۈرەلمەستىن ئۇنى سەن كۆز قىسىسەن ئاسمانغا،
گېزى كەلسە ئۇيالماي ئورا كولاپ تاپانغا،
ئاخىرى شۇنداق ئالغاي بۇپ،تۇرۇپ قاپسەن كۆزلىرىم.


ئۇدۇل تۇرۇپ ئەينەككە قارالمايسەن تىكىلىپ،
ئادالەتنى كۆرسەڭ گەر ماڭالمايسەن يىقىلىپ،
شۇم نىيەتنى ئويلاپسەن ئىشىپ كەتتىڭ كۆكىرىپ،
شۇ سەۋەپتىن چاپاققا،كۈنۈپ قاپسەن كۆزلىرىم.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +5 تەڭگە +5 يىغىش سەۋەبى
alxir + 5 + 5 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

كېيىنكى: مەن ۋە باھار
ئالدىنقى: كۈلگۈم كىلەر
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yanfun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 12:13  

ھەقىقەتەن  ياخشى يىزىلغان شېئىر كەن  لىكىن كۆزنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىدىن بىر  ئىككى كۇپلىت  قوشۇپ يىزىپ قويغان بولسىڭىز  زە   
ۋاقتى: 2015-2-24 12:36:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈسەنى ئەپەندىمنىڭ قولىغا دەرت كەلمىسۇن، قەلەم تۇلپارى چاپچىپ تۇرسۇن.
ۋاقتى: 2015-2-24 12:58:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ، شىئىرىڭىزنى سۆيۈنۈش ئىچىدە قايتا - قايتا ئوقۇدۇم ، بەك ياخشى چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە بەرىكەتلەر تىلەيمەن !
ۋاقتى: 2015-2-24 13:02:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئوقۇسا بىر زوق بار سىزنىڭ شىئېرلىرىڭىزدا. سىز خوددى مۇشۇ خىل شىئېر شەكلى ئۈچۈنلا تۇغۇلغاندەكلا قالتىس ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېزىۋېتىسىز بۇرادىرىم. شىئېرلىرىڭىزدا تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ماھارىتىڭىز ھەر ۋاقىت نامايەن. بارىكاللا قەلىمىڭىز ھارمىسۇن.

تەكلىۋېم، مىنىڭچە ئەمدى ئۆز ئىسمىڭىز بىلەن ئەسەر بېرىدىغان ۋاختىڭىز كەلدى. تېما ئاسىتىغا ئۆز ئىسمىڭىزنى ، شىئېر ئاستىغا ئىزاھات قۇشۇپ قويسىڭىز ئوقۇرمەنلىرىڭىز ھەقىقىي ئىسمىڭىزنى ، كەسپىڭىزنى ............بىلسە بولىدۇ دەپ قارايمەن. مەن تۇللۇقلاپ قۇياي دىسەم شەخىسى ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتمىسۇن دىدىم .

باھا سۆز

ئاددى يازمامغا يۈكسەك باھالارنى بەرگەن دوسلىرىمغا كوپ تەشەككۈرلەر بولسۇن.چۇقۇم بۇنۇڭدىن كىيىنكى يازمىللىرى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-24 16:48
ۋاقتى: 2015-2-24 13:19:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئابدۇرېھىمجان بىلەن ئوخشاش پىكىردە ، بېكار ئىسمىڭىزنى مۇشۇ يەردىلا يېزىۋېتىمەن دوستۇم ئە***جان
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-2-24 13:21:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن، بىر تەكلىپىم:《ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ》ھەرپلىرىنى تېخىمۇ توغرا ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ.
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاھ نىمىدىگەن ياخشى يېزىلغان شىئىر بۇ قۇلىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن
ۋاقتى: 2015-2-24 13:23:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرقاق سالماڭلا ھەي ئاتامانلا

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-16 02:41

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش