مەن ۋدەمدىن تانمىدىم
بىر جانانغا سۆز بەرگەن ئۇنى ئىزدەپ بارمىدىم،
ۋەدەممۇ بار تېخى ئۈز، شۇ ۋەدەمدىن تانمىدىم،
ئېگىرىممۇ تۇقۇقلۇق، يار يولىدىن يانمىدىم،
شېرىن جاۋاب ئالمىغاچ ئاتقا قامچا سالمىدىم.
شاھ مەشرەپ دەپ بىلگىنە، كەلگىن دېسەڭ يار بۇدا،
دۇتتار، تەمبۇر،ر اۋاپنى ماڭا تەييار قىلغىنا،
غېرىپ بۇلۇپ چۆلۈڭدە ئۆلۈپ قالسام مەن رىزا،
ساچلىرىمنى ئۆرۈم قىپ، سەندىن ھەرگىز چانمىدىم.
چىقماق بولدۇم سەپەرگە ھەمدۇ سانا ئوقۇپلا،
غەزەللەرنى ياڭرىتىپ ساڭا قوشاق توقۇپلا،
جۇلدۇر كېپەن تونۇم بار، ساپايىمنى سوقۇپلا،
چىققىن باغدىن نازلىنىپ، يار ئىشقىڭغا قانمىدىم.
نەچچە تەشتىم تاغنىمۇ ئىرادەم بار پەرھاتتەك،
تالاي ئاقتىم سۇدىمۇ- چۆلدە قالغان بېلىقتەك،
كۆز ياشلىرىم قۇرىماس جۈپسىز قالغان كىيىكتەك،
يۈرەك زەرداپ يارلىنىپ، يار يولۇڭدىن قالمىدىم.
دۇتتار سالدى نەچچە رەت چۈرۇم-چۈرۇم كىيىمنى،
يەر يېرىلدى ئاھىمدىن نېرى قىلدى ئۆلۈمنى،
ئايمۇ ئۈنسىز ياش تۆكتى- ئاڭلاپ قېلىپ كۈيۈمنى،
ساڭا سادىق زەخمەكمەن، ئىرادەمدىن يانمىدىم.
مەيلى ئۇرساڭ ساچىڭدا ساڭا كۆيگەن كۆزۈمگە،
گەر خالىساڭ مىقلىغىن يۈرۈكۈمنى يۈرەكگە،
غېرىپ چۆلىدە قويساڭمۇ كىم ئۆلۈپتۇ كۆيەككە،
مەن سىنىڭكى قۇلۇڭمەن، سەندىن ھەرگىز تانمىدىم.
خۇرجۇنۇم بار مۈرەمدە، گاھى ئاتلىق- پىيادە،
بىر سىنىلا كۈيلەيمەن،
ناخشامدا ھەم نەزمەمدە،
سەن مېنىڭكى نىشانىم كەلگۈسۈمدە- ئەتەمدە،
ماڭاي دېسەڭ يولۈڭمەن، پەقەت ساڭا قانمىدىم.
تىرىك قاچتى ئالدىمدىن- ئۆلۈك توستى يولۇمنى،
مۇزغا ياقتىم يۈرەكنى- باسالمىدىم ئوتۇمنى،
دوزاختىنمۇ قورقمايمەن بىرلا تۇتساڭ قولۇمنى،
سەنسىز رايىم بولمىغاچ جەننەتكىمۇ ماڭمىدىم.
ئارىمىزدا دەريا يوق پەقەت مەيلىڭ بولسىلا،
دىل رىزاسى تارتمايمەن سىنى بىر رەت كۆرسەملا،
ئامانەتنى يەتكۈزسەم ئۆز قولۇڭغا بەرسەملا،
بىلىپ قالغىن ئەي جانان مەن ۋەدەمدىن يانمىدىم.