روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1230|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كەلگۈدەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كەلگۈدەك
(ساتىرا)
يۇقىرىدىن مۇپەتتىش تەكشۈرگىلى كەلگۈدەك،
سان-ساناقنى يالغاندىن يوللىغىلى كەلگۈدەك،
دوكىلاتنى ئاشتىغا ياسىغىلى كەلگۈدەك،
قورساق بېقىپ يۇقىرىنى گوللىغىلى كەلگۈدەك.

تەييارلىقلار پۇختىغۇ راسلاپ بولدۇق سورۇننى،
ئىشقا سالدۇق مۇپەتتىش ئۇخلاپ قالغان ھۇرۇننى،
بەش يۇلتۇزدىن راسلىدۇق ئۇخلايدىغان ئۇرۇننى،
سامان قورساق باشلىقنى قوللىغىلى كەلگۈدەك.

مېۋە-چىۋە دەپ قاپسىز ئادەمگىياھ تەييارغۇ،
لەببەي بىلەن تۇرىمىز بىز راستىنلا چاكارغۇ،
سىزنى ئۇبدان كۈتۈشكە خانىمچاقلار تەييارغۇ
شۇ ساپاسىز باشلىقنى داڭلىغىلى كەلگۈدەك.

ياساپ قويدۇق ئۇخلىماي مەكتەپ ئىچى سىنىپنى،
ئېيتىشقىمۇ ئادەم بار سىز ياندۇرغان قۇسۇقنى،
ئەيىپ ئەمەس كوپ ئىچىش ئۇ بۇزىدۇ تۇسۇقنى،
ھېلە بىلەن بىزلەرنى كوملىغىلى كەلگۈدەك.

ئاڭلاشتىنلا ئەيمىنەر مۇپەتتىشنى، ئاتاقنى،
كۆز بوياپلا ياپىمىز ۋاختى كەلسە چاتاقنى،
ھىچ بولمىسا ئەپلەيمىز شوپۇر دىگەن چاپاقنى،
قىز چوكاننى ئاسانلا ئوۋلىغىلى كەلگۈدەك.

دەپتەر-قەلەم بويالدى ساختا ئوستى سان سۈپەت،
كەلسە چۇقۇم يارايدۇ بىز تاللىغان جۈپ ئۆلپەت،
پۇقرا تارتار دەردىنى كەلسە يەنە شۇ كۈلپەت،
ھۇقۇق بىلەن بۇرتىنى مايلىغىلى كەلگۈدەك.

چارچاپ كەتتى كۆپ ئىشلەپ ئىشخانىدا ئۆزىچە،
باشلىق بولماق تەس ئىمىش ئاشۇلارنىڭ سۆزىچە،
پۇقرالارنىڭ دەردىگە ئۇخلىماسمىش كېچىچە،
شۇ ھۇقۇقنىڭ كۈچىنى سۈردۈرگىلى كەلگۈدەك.

دوستخان سالماي ئالدىغا مۇز قاپاقلار ئېچىلماس،
نازۇ-نىممەت تەيياردۇر بۇلارغا يوق تېپىلماس،
سىگارت دەمسىز ھاراقمۇ بۇ داستىخان يېپىلماس،
ئۆزلىرىگە كۈچ-ماغدۇر توپلىغىلى كەلگۈدەك.

ئاشقازىنى بەك چوڭمىش،قورساقلىرى ناغىردەك،
ھىچ بىر ئارام بەرمەيدۇ، بۇلۇپ بىزلەر پايپېتەك،
ماشىنىسى لىق تولسا ئاندىن خۇشال قايتقۇدەك،
سۈپەت نىمە بىلمەستىن يايرىغىلى كەلگۈدەك.

جەرىمانە پۈتۈكلۈك،كىم ۋايسىسا يىغلىسا،
باشلىقلارنى ئويلىماي كىمدۇر بالدۇر ئۇخلىسا،
ئاچ بۆرىدەك ئالىيار قورساقلىرى تويمىسا،
باشلىقىمنى چۈيۈندەك تاۋلىغىلى كەلگۈدەك.

سۆزىمۇ يوق زەرىچە، باردۇر نىمە قىممىتى،
دەم ئالماستىن ئىشلەشلەر شۇ باشلىقنىڭ ھىممىتى،
ئادىل بۇلۇش پاك بۇلۇش شۇ باشلىقنىڭ زىننىتى،
يانچۇغىنى تولدۇرۇپ قاسسىغىلى كەلگۈدەك.

تىڭشىغىلى ۋاقىت يوق  ئۇ ئاۋامنىڭ سۆزنى،
يەنە بوياپ ئۈتەركەن يۇقىرى-تۆۋەننىڭ كۆزىنى،
ھۇقۇق دىگەن شۇ ئىمىش خان ئاتامنىڭ تۈزىمى،
پەيلى بىلەن بىزلەرنى بابلىغىلى كەلگۈدەك.

بىلمەستىنلا كىم ياخشى،كىملەر سىمىز كىم ئۇرۇق،
خىزمىتىدە يۈز نۇمۇر بۇلار ئىكەن شۇ تۇلۇق،
ئۆز-ئۆزەمگە دىدىم خەپ ئوڭشالماسمۇ بۇ خۇلۇق،
شۇ ھۇقۇقنڭ كۈچىدە يايلىغىلى كەلگۈدەك.

ھەق-ناھەقنى كۆرمەيدۇ شۇنچە ئۆتكۈر كۆزلىرىڭ،
پۇقرا ئۈچۈن ئوغىكەن سىنىڭ قىلغان سۆزلىرىڭ،
يۇندا يالاپ ھەر كۈنى قىزارمايدۇ يۈزلىرىڭ،
كوچىدىكى لالمىدەك يالىغىلى كەلگۈدەك.

نىمە بولسا بولمامدۇ شۇ خەلىقنىڭ تەغدىرى،
شەخسى مەنپەت ئۇيىدا بەگ غۇجامنىڭ كەپتىرى،
بىر كۈن تۇشۇپ قالارمۇ ۋېجدانىمنىڭ دەپتىرى،
غۇرۇرىنى قۇسۇققا مىلىگىلى كەلگۈدەك.

لەنەت ساڭا مۇپەتتىش غادايمىغىن ئۆزۈڭچە ،
ھۇقۇق دىگەن ساڭىلا باقى ئەمەس كەچكىچە،
ھارام بايلىق سىڭمەيدۇ سەن لەھەتكە كەتكۈچە،
بىكاردىنلا جىلە قىپ ئۆلتۈرگىلى كەلگۈدەك.

2014-1-12

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
نەۋرۇز + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-1 00:05:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن ، رەھمەت .
ۋاقتى: 2014-6-1 00:10:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز. ئۇستاز شائىر مۇھەممەدچان راشىدىننىڭ  مۇشۇ تېمىدا بىر شېئىرى بار.  ئوقۇغان بولغىيتىڭىز؟
ۋاقتى: 2014-6-1 00:42:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت ياخشى يىزىپسىز شىئىرنى، ھازىرمۇ شىئىردا دىيىلگەندەك، يۇقۇرغا خۇشامەت قىلىپ تۆۋەندىكى پۇقرالارنى ئىزىدىغان، نەپسانىيەتچى
پارىخور، چىرىك ئەمەلدارلا ساماندەك، خۇددى يۇقارقى يامان ئىللەتلەر ئۇلارنىڭ قىن-قىنىغا سىڭىپ كەتكەندەك.
قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.
ۋاقتى: 2014-6-1 11:40:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل ھەقىقەتنى يېزىپسىز رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2014-6-1 22:44:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋاقدىشىم !
قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ بۇ يازمىڭىز تولىمۇ مۇۋاپپىقيەتلىك چىقىپتۇ. روھلان سىزنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل يازمىڭىز بىلەن تېخىمۇ روھلانسۇن.....
ۋاقتى: 2014-6-1 23:40:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر مىسرا ھەر بىر كۇبلىت ئۆزگىچە مەنالار بىلەن تۇيۇنۇپتۇ. نەچچە رەت ئۇقۇپمۇ تويماۋاتىمەن ما يازمىڭىزغا .
ۋاقتى: 2014-6-2 00:10:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسىل شېئىر بوپتۇ
ۋاقتى: 2014-6-2 10:37:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقپتۇ داۋاملىق تىرشىڭ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 23:44

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش