روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3339|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كىم مەندەك قىلالايدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىم مەندەك قىلالايدۇ؟
(كىنايە)
ئەبەي ئىبراھىم

كىم مەندەك بۇلالايدۇ،تولدۇرۇپ قۇيالامدۇ؟
باشلىق سۇنسا يۇندىنى زەمزەمدەپ ئىچەلەمدۇ؟
ئۇزى داخ يەردە ياتسمۇ باشلىق ئۇچۇن ھەر دەم،
سېلىپ قاتمۇ-قات زىلچا باشلىقنى كۈتەلەمدۇ؟

قويغا ئوزگۈرۈپ گاھى،ئالايسا قاچالامدۇ؟
تۈلكە كەبى نايناقلاپ،يوغان داپنى چالالامدۇ؟
بىراۋ دىسە سەن بۈركۈت،ئىگىز شاخنى ئويلاشماي،
ئودەك كەبى ئىرغاڭلاپ،تېزەك بېشىغا قۇنالامدۇ؟

كىم مەندەك بۇلالايدۇ،ئىگىلىپ ياشالامدۇ؟
ئاتامغا سويمىغان قوينى باشلىققا سويالامدۇ؟
قاچان كەتكىن يىراق دىسە ئىتقا ئايلىنىپ شۇ چاغ،
سۈڭەك بەرگەن شۇ قولنى ھېيقماستىن باسالامدۇ؟

دۇتتارنى ئېلىپ بىراۋ،گۈلمەرەمگە توۋلىسا ،
شالىسىنى چېچېپ ھەريان ئالدىنى تۇسالامدۇ؟
بىزلەرگە ئەزىز تۈتيا،ئاتا-بوۋام مەھمۇدنى،
چۈپىرەندە مەدداھدەك گەپ بىلەن ئۇرالامدۇ؟

كىم مەندەك بۇلالايدۇ،ئوتقا سۇ قۇيالامدۇ؟
تورغا چىقىپ شۇنداق غەيۋەتنى قىلالامدۇ؟
كىم قىياغا ياماشساكىلىپ قۇۋەت دەرمانغا،
تاپىنىغا تۇزاقنى ھۇنەرۋەندەك قۇرالامدۇ؟

بىر كۈن تىللاپ مىللەتنى،تۈزەتمەستىن ئىللەتنى،
ئۇيغۇرلاردا ئالىم يوق،تەپتارتماي دىيەلەمدۇ؟
كىتاپ ئۇقۇپ قويسا گەر،لەززىتى يوقمىش مەنىسى،
چەتئەلىكنىڭ كاسسىغا مەن سۆيگەندەك سۈيەلەمدۇ؟

كىم مەندەك بۇلالايدۇ،لاي سۇدا ئاقالايدۇ؟
ئۆز پۇشتىنى بىكارغا ياۋلارغا ساتلامدۇ؟
مۇنبەرلەردە ئۇرۇش غەيۋەت،سۇخەنچىلەر دەستىدىن،
توشقانغىمۇ بىر تال تاش يۈرەكلىك ئاتلامدۇ؟

ئاپەتلىرىم ئاز ئەمەس،رەقىبىممۇ شۇنداقلا
ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە يەنە ئۇخلاپ ياتارمەنمۇ؟
بۇ ئالەمنى سېسىتتىم،ئۇ ئالەمگە بارسەم گەر،
شەيتان كەينىگە كىرىپ،ھەسەتخورنى تاپارمەنمۇ؟

ئەسكەرتىش:بۇگۇن بىر كۈن تور ئارلاپ چىقتىم،مۇنبەرلەردىكى ئەڭ ئاۋات تىمىلار يەنىلا بىر بىرمىزنى كەمسىتىش،كۆرەلمەسلىك،بۇرۇنقىلارنى ياراتماسلىق،ئۈزلۈك ۋە كىملىگىمىزدىن گۇمانلىنىش تۇيغۇسىدا يىزىلغان ئەسەر،خەۋەر ۋە زىيارەت خاتىرىسى بىلەن تۇشۇپ كەتكەنلىگىنى كۈرۈپ تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم،شۇ ۋەجىدىن تور دۇنياسىدىن قېچىپ چىقتىم دە-قۇلۇمغا قەلەم ئېلىپ بۇ كىنايىنى يىزىپ چىقتىم،بۇجەھەتتىكى قەلەم تەۋرىتىشىم ھەرگىزمۇ ‹‹مەن››بۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن،چۈنكى ئويغۇر زىيالىلىرى ئۈمىد پاراڭلىرىدا كورسەتكەندەك ماڭقۇرتلاردىن ئەمەس.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-24 19:20:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كۈسەنى ئۇستازنىڭ كىنايىسى بۇرۇنراق يىزىلىپ يوللانغان بولسا ياخشى بۇلاركەن، ئەڭ ئىنكاسلىق تىما شۇ خىلدىكى ۋە قاراپ تۇرۇپ كۆزىنى يۇمۇپلا شۇ ئىدىيەلەرگە خۇشامەتتە يىزىلغان تىمىلار بولدى...
ۋاقتى: 2015-2-24 19:28:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىنايىڭىز نومۇسسىز ئادەمىي ھايۋانلار ئۈچۈن رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇلغان شىپالىق قامچا بوپتۇ. گەرچە بەزى مىسرالىرى ئۇستاز مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا يازغان«سەن مەندەك بولالامسەن؟ ناملىق شېئىرلىرى بىلەن قوشگېزەكلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ.
  شېئىرىي پىكرىڭىز كەڭ دائىرىلىك بوپتۇ. بەدئىيلىكىگە يەنە بىر نەچچە رەت ئىشلەپ قويىدىغانمۇ گەپكەنتۇق...

باھا سۆز

سىزنىڭ ماڭا بەرگەن پىكرىڭىزنى قوللايمەن،  ۋاقتى: 2015-2-25 03:06
ۋاقتى: 2015-2-24 19:28:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىنايىڭىز نومۇسسىز ئادەمىي ھايۋانلار ئۈچۈن رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇلغان شىپالىق قامچا بوپتۇ. گەرچە بەزى مىسرالىرى ئۇستاز مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا يازغان«سەن مەندەك بولالامسەن؟ ناملىق شېئىرلىرى بىلەن قوشگېزەكلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ.
  شېئىرىي پىكرىڭىز كەڭ دائىرىلىك بوپتۇ. بەدئىيلىكىگە يەنە بىر نەچچە رەت ئىشلەپ قويىدىغانمۇ گەپكەنتۇق...
ۋاقتى: 2015-2-24 19:35:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىقى قەۋەتتىكى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىمەن.
كۈسەنى ئەپەندىمنىڭ ئىلگىركى ئەسەرلىرىگە قارىغاندا بۇ ساتىرانىڭ بەدىئىيلكى سەل تۆۋەن بولۇپ قاپتۇ. گەرچە تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى بولسىمۇ، بەدىئىىيلىك جەھەتتە يېتەرسىزلىك بار، دەپ ئويلىدىم ئۆزەمچە.

باھا سۆز

قۇبۇل قىلىمەن.  ۋاقتى: 2015-2-25 03:06
ۋاقتى: 2015-2-24 19:37:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇسەنى مۇشۇ خىلدىكى ئەسەرنى بەك ۋايىغا يەتكۈزسىز جۇمۇ. مىللەتتىكى ئىللەتلەر  قېنىڭىزنى قاينىتىپ قەلىمىڭىزدىن تۈكۈلۇپ تۇرىدۇ. دائىم چىقىپ تۇرۇڭ مونبەرگە . ئىجادى ھاياتىڭىز مەنىلىك ئۆتكەي.

باھا سۆز

رەخمەت سىزگە،سىزنىڭمۇ ھەم شۇ.  ۋاقتى: 2015-2-25 03:07
ۋاقتى: 2015-2-24 22:41:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يېزىلىپتۇ  ، قانداق  بوسۇن  قەلەم  تەۋرىتىپ  مۇشۇنچە  يېزىشمۇ  بىر  گەپ
ۋاقتى: 2015-2-25 00:10:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ قىرىندىشىمىز نىڭ تىرىشچانلىقى ئتىلغا ئ‍ىلىشقا ئ‍ەرزىيدۇ سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-25 03:03:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى قەۋەتتكى ئۇستازلار ئېيتقاندەك مەن ئەڭ ئالدىراپلا يوللىغان بىر خام ھالەتتكى ماتىرىيال ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يەتتىم،ئەرزىمەس يازمام ئۇچۇن ماڭا ئۇتۇق ۋە تۇلۇقلىما بەرگەن تورداشلار ۋە دوسلاردىن سەمىمى كەچۈرۈم سورايمەن،ئەدەبىيات بۇلۇپمۇ شىئېر ژانىرى سىلەر دىگەندەك ئالدىراپلا قەلەم تەۋرىتىدىغان سوز ئۇيۇنى ئەمەس ئىدى،ئۈزەمنىڭ كام ئەقىللىقىدىن خىجىلمەن.
ۋاقتى: 2015-2-25 13:55:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈسەنى ئەپەندىمنىڭ سەمىمىيلىكىدىن تەسىرلەندىم. ھەر بىر قەلەمكەش مۇشۇ روھتىن ئۆگەنسەك دەيمەن.
ئورۇنلۇق تەنقىد- ئادەمگە توغرا يول كۆرسىتىدۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-15 21:42

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش