روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2307|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كىتىپ قالما مىنىڭدىن بالدۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كىتىپ قالما مىنىڭدىن بالدۇر
گۈلبوستان موللىمىن(سىھىر)

ھايات شىرىن سەن بولغاچقىلا،
كىتىپ قالما مىنىڭدىن بالدۇر.
جۇدالىقتا يېرىلار يۈرەك ،
ئەگەر كەتسەڭ مىنىڭدىن بالدۇر.

سۆيگۈ تاتلىق سەن بولغاچقىلا،
جېنىم سەنسىز يۇلتۇزلار خىرە.
قوياي بېشىم كەڭرى يەلكەڭگە،
كىتىپ قالما مىنىڭدىن بالدۇر.

ئايرىلىشنىڭ ھىجرانى يامان ،
زەپ قىينايدۇ سەن بولمىساڭ يار.
قويىۋەتمە قۇلۇمنى ھەرگىز
كىتىپ قالما مىنىڭدىن بالدۇر

ئوتكەن كۈننى ئەسلىمەي يۈرۈش،
سەنسىز مىنۇت ھەم نەپەس ئېلىش،
ۋاپا نىمە بىلمەي ھەم يۈرۈش،،،،،
مۇخالىپتۇر مۇھەببتىمگە،،،،،،،،،
سەن بىلەن تەڭ كىتەي دۇنيادىن ،،،
كىتىپ قالما مىنىڭدىن بالدۇر.

2015-يىل 10-فېۋرال.
ئاقسۇ شەھەر  گۈلبوستان موللىمىن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-10 13:33:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىھىر خانىم تېما تاللاش ۋە شىئېرى تىل ئىشلىتىش ، تىلنىڭ ئويناقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە ھېسياتنى تەبىئى ئىپادىلەشتە خېلى نەتىجىلىك كىتىۋاتىسىز. بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.شىئېرىڭىزدا ئىپادىلىنۋاتقان ھېسيات بىلەن سىزنىڭ  بۇ شىئېرىڭىز بەئەينى بىر ناخشا بوپتۇ. قايتا -قايتا ئوقۇدۇم. شۇڭا ئازراق تەكلىپ پىكىر بەرگۈم كەلدى. چۈنكى ماختاشلا بولۇپ تەكلىپ بولمىسا بولماس.
شىئېرىڭىزنىڭ بىرىنچى كۈبلىت تۆتىنچى مىسراسى ھەر بىر كۈلىبتنىڭ ئاخىرغا ئېلىنىپتۇ. ئەمما ئالدىنقى 1-2-3-مىسرالار قاپىيەلنىپ كەتكەن بولسا گۈل ئۈستىگە گۈل كېلەتتىكەن.
مومكىن بولسا تۆتىنچى كۇبلىتنى قايتا ئىشلەپ كۈرۈڭ. بولسا ئىككى كۇبلىتقا ئايرىۋەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقارمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.

بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەت ھاياتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. سالامەت بولۇڭ

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە نەۋرۇز ئ‍ەپەندىم،،،،،مەن چۇقۇم بۇ تېمىنى قايتا ئ‍ىشلەيمەن،،،،كۆپرەك تەلىم بىرەرسىز  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-10 17:28
ۋاقتى: 2015-2-10 14:42:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ پىكرى ئورۇنلۇق. سېھىر خانىمنىڭ تىل ئىشلىتىش جەھەتتە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھا سۆز

رەھمەت نۇرلان ئ‍ۇستاز،،،،،چۇقۇم تىرىشىمەن ،مەن سەل ئالدىراپ قاپتىمەن بۇ تىمىنى يوللاشقا،،،،،  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-10 17:34
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 13:33
سىھىر خانىم تېما تاللاش ۋە شىئېرى تىل ئىشلىتىش ، تىلنى ...

رەھمەت سىزگە نەۋرۇز ئ‍ەپەندىم،،،،،مەن چۇقۇم بۇ تېمىنى قايتا ئ‍ىشلەيمەن،،،،كۆپرەك تەلىم بىرەرسىز
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 14:42
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ پىكرى ئورۇنلۇق. سېھىر خانىمنىڭ تىل  ...

رەھمەت نۇرلان ئ‍ۇستاز،،،،،چۇقۇم تىرىشىمەن ،مەن سەل ئالدىراپ قاپتىمەن بۇ تىمىنى يوللاشقا،،،،،
ۋاقتى: 2015-2-10 21:40:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز، تىخمۇ تىرشىڭ.

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە ،،،،،سالامەت بۇلۇڭ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-11 09:34
ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 21:40
ياخشى يىزىپسىز، تىخمۇ تىرشىڭ.

رەھمەت سىزگە ،،،،،سالامەت بۇلۇڭ
ۋاقتى: 2015-2-11 10:07:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ....ۋاھ    ئەتتىگەندە   ئەجەپ بىر ھۇزۇر ئېلىۋالدىم  دىسە   

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە ،،،،،بۇنى قايتا ئىشلەيمەن شۇ چاغدا يەنە پىكىر بىرەسىز  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-11 12:18
ۋاقتى: 2015-2-11 11:39:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتىمنىڭ مەناسى ئۆزۈڭ،
يۈرىكىمنى ياشنىتار سۆزۈڭ،
جىسمىمغا كۈچ بېرىدۇ كۆزۈڭ،
كېتىپ قالما مېنىڭدىن بالدۇر.

شېئىرىي ھېسلىرىڭىز ماڭىمۇ تەسىر قىلدى. ئاللاھىم بىزلەرنى ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كۆرگەنلىرىمىزدىن ئايرىمىسۇن. ئامىن!

باھا سۆز

نىمانداق پەچەت مىسرالار ماۋۇ،،،،يۇقاپ كەتتىڭىز،،،،  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-11 12:19
نىمانداق پەچەت مىسرالار ماۋۇ،،،،يۇقاپ كەتتىڭىز،،،،  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-11 12:19
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-11 12:18:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەيرانە يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 10:07
ۋاھ ....ۋاھ    ئەتتىگەندە   ئەجەپ بىر ھۇزۇر ئېلىۋالدىم  دى ...

رەھمەت سىزگە ،،،،،بۇنى قايتا ئىشلەيمەن شۇ چاغدا يەنە پىكىر بىرەسىز

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-4 03:56

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش