روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1742|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم
مۇتەللىپجان قاۋۇل

يۇرەلمەسمەن ھەرگىزمۇ كۈلۈپ،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.
ئىشقى ئوتۇڭدا كىتەرمەن ئۆلۈپ،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

پىراقىڭدا كۆيۈپ يۈرسەممەن،
پەرۋا قىلماي يۈرىۋەردىڭ سەن.
كۆز ياشلارغا چۆكۈپ كىتەرمەن،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

يوللىرىڭغا قاراپ ئۆتەرمەن،
مەجنۇن كەبى سىنى كۈتەرمەن.
بۇدۇنيادىن جىمجىت يۈتەرمەن،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

پاك قەلبىڭگە ئاشىقمەن نىگار،
دىلىم ساڭا ھەردەم ئىنتىزار.
يۈرەك يىغلار ئەلەمدە زار-زار،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

ھەر بىر سۆزۈڭ قەلبىمگە نەقىش،
سەنسىز ماڭا باھار گويا قىش.
نىسىپ بولماس ماڭا شاد كۈلۈش،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

ماڭا ھەمرا ھەر قاچان ھىجران،
سەن كۆڭلۈڭنى بەرمىسەڭ جانان.
تەنھالىقتا قىينىلار بۇجان،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

تەنھا كەلگەن تەنھا كىتەرمەن،
يالغۇزلۇقتا زەرداپ يۈتەرمەن.
شامدەك گويا ئىرىپ ئۆچەرمەن،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ،
ئېقىپ چۈشەر سەن يارنى ئويلاپ.
كىلەر بىر كۈن ئەزرائىل يوقلاپ،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

سەن مىنىڭكى مەڭگۈ بايلىقىم،
يايرايدىغان گۈزەل يايلىقىم.
ئاھ ئەلۋىدا دەيمەن ئامرىقىم،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

ئالدىنقى: ئانامدەك
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-4 18:00:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرنى ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ، ئىلگىرلەش زور .
بولۇپمۇ :
تەنھا كەلگەن تەنھا كىتەرمەن،
يالغۇزلۇقتا زەرداپ يۈتەرمەن.
شامدەك گويا ئىرىپ ئۆچەرمەن،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ،
ئېقىپ چۈشەر سەن يارنى ئويلاپ.
كىلەر بىر كۈن ئەزرائىل يوقلاپ،
يار سۆيگۈڭگە ئىرىشەلمىسەم.

قاتارلىق كوپلېتلىرى بەكرەك ياخشى چىقىپتۇ .
ۋاقتى: 2015-2-4 18:34:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇتەللىپ قاۋۇل ئىسىملىك بۇ قەلەمكەش يازغان شېئىرلار خېلىلا ياخشى ئىكەن.
ۋاقتى: 2015-2-5 02:02:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېر ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ، رەھمەت، ياخشى شىئېرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن !
ۋاقتى: 2015-2-5 14:47:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇتەللىپجان شېئىرنى چۈشىنەلەيدىكەن. شۇڭا مۇرەببەسىمان يېزىلغان بۇ شېئىردا بەلگىلىك شېئىرىي پۇراق بار. كۆپ ئوقۇپ، كۆپ يېزىپ...بەرسە، ئىزچىللىق داۋاملاشسا چوقۇم ئۈنۈمىنى كۆرەلەيدۇ.
  ئەمما تىلىمىزدىكى شەخس ۋە كىشىلىك ئالماشلىرى بۇ شېئىرنىڭ ھۈجەيرە-ھۈجەيلىرىگە سىڭىپ كەتكەن. بىر قارىسىلا ئالماشتىن پۈتۈلگەن نەزمىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. شېئىردا تەكرارلانما سۆزلەر كۆپ ئىشلىتىلسە، مەلۇم بىر خىل خۇرۇچنىلا كۆپ سېلىپ ئەتكەن تاماقتەك بولۇپ قالىدۇ.
ۋاقتى: 2015-2-6 17:29:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز. بىر ئوقۇسا ئادەمگە ئىستىتىك زوق بېرىدىكەن. بىر ئوقۇسا خوددى ناخشىدەك تەسەللى بېرىدىكەن.
ۋاقتى: 2015-2-7 18:56:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، مۇرادىڭىزغا يېتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-6-2 05:06

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش