روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1854|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كۈلگۈم كىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
        كۈلگۈم كىلەر
    مۇتەللىپجانجان قاۋۇل
ئاشىقىڭمەن دىدى يالغان قەسەم بىلەن،
يالغان ۋەدە بەرگەنلەرگە كۈلگۈم كىلەر.
بىراۋلارغا كۆڭۈل بىرىش ئاسان ئەمەد،
بىرلا كۆيۈپ كۆيگەنلەرگە كۈلگۈم كىلەر.

يۈرىكىنى يېرىپ بىر رەت كۆرگۈم كىلەر،
ۋۇجۇدۇدا سۆيگۈ بارمۇ بىلگۈم كىلەر.
ساداقەتنىڭ گۈلزارىنى خازان قىلىپ،
ئاڭا تىكەن تەرگەنلەرگە كۈلگۈم كىلەر.

بىر قەلىپكە سىغماس ھەرگىز بىر جۈپ يۈرەك،
قوش قېيىققا چۈشكەنلەرگە كۈلگۈم كىلەر.
ساداقەتتە بۈيۈكمەن دەپ ئۇيالماستىن،
يالغان ۋەدە بەرگەنلەرگە كۈلگۈم كىلەر.

كۈلگۈم كىلەر بىچارىلەر كۈلگۈم كىلەر،
خەنجەر بولۇپ يۈرىكىگە كىرگۈم كىلەر.
گۈلدىن گۈلگە قونۇپ يۈرگەن كىپىنەكتەك،
يارسىز قېلىپ ئۆلگەنلەرگە كۈلگۈم كىلەر.

ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم روھلانداشلار، ئۇزۇندىن بېرى دۇككاننىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىتىپ، روھلانغا جىق كىرىپ بولالمىدىم، بۈگۈن ئاخىرى ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تىمىنى يوللۇدۇم. ئەگەر بۇ شېئىر ئازراق بەدىئىي زوق ئاتا قىلغان بولسا ئىنكاسىڭلانى ئايىمىغايسىلەر.
يەنە بىرسى مىنىڭ ‹‹مەجنۇن››دىگەن تەخەللۇسۇمنىڭ ئورنىغا ياخشىراق تەخەللۇس ئويلىشىپ بەرسەڭلار. بەكمۇ مىننەتدار بۇلاتتىم.
كېيىنكى: كۆزلىرىم
ئالدىنقى: بىلەمسەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-23 22:12:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېرنى ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ؟بەك ياخشى يېزىلىپتۇ!

باھا سۆز

ياق بۇ دوستۇم مۇتەللىپجان قاۋۇلنىڭ شېئىرى، ئۆزەمنىڭ تىمىلىرىدىن ‹‹بەخىت دىگەن مانا شۇ›› دىگەن شېئىر مىنىڭ ق  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-23 22:54
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 22:54:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   majnun422 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 22:57  
مۇساپىر يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 22:12
بۇ شىئېرنى ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ؟بەك ياخشى يېزىلىپتۇ!


ياق بۇ دوستۇم مۇتەللىپجان قاۋۇلنىڭ شېئىرى، ئۆزەمنىڭ تىمىلىرىدىن ‹‹بەخىت دىگەن مانا شۇ››  ،‹‹يالغۇز››دىگەن شېئىرلار مىنىڭ قالغىنى دوستۇمنىڭ!
ئ‍ىملاغا دىققەت قىلىڭ، رەھمەت

باھا سۆز

ئىملاغا ئۆزىڭىزمۇ دىققەت قىلىڭ، بولمىسا باشلانغۇچتا قايتا ئوقۇڭ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-23 23:22
ئىملاغا ئۆزىڭىزمۇ دىققەت قىلىڭ، بولمىسا باشلانغۇچتا قايتا ئوقۇڭ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-23 23:22
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 23:22:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kirimulla يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 22:58
ئ‍ىملاغا دىققەت قىلىڭ، رەھمەت

ئىملاغا ئۆزىڭىزمۇ دىققەت قىلىڭ،  بولمىسا باشلانغۇچتا قايتا ئوقۇڭ

باھا سۆز

توۋا قېرىندىشىم، ئۇنداق باشقىلار ياخشى كۆڭلى بىلەن گەپ قىلسا دوق قىلماڭ. ھازىر ھېكىم ھېچكىمنىڭ ئارتۇق گېپىن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-24 01:12
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 23:22:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kirimulla يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 22:58
ئ‍ىملاغا دىققەت قىلىڭ، رەھمەت

ئىملاغا ئۆزىڭىزمۇ دىققەت قىلىڭ،  بولمىسا باشلانغۇچتا قايتا ئوقۇڭ
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
majnun422 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 23:22
ئىملاغا ئۆزىڭىزمۇ دىققەت قىلىڭ،  بولمىسا باشلانغۇچتا ...

توۋا قېرىندىشىم، ئۇنداق باشقىلار ياخشى كۆڭلى بىلەن گەپ قىلسا دوق قىلماڭ. ھازىر  ھېكىم ھېچكىمنىڭ ئارتۇق گېپىنى كۆتەرگىچىلىكى يوق. بۇ شېئىر راست بەك ياخشى يېزىلغان شېئىركەن. ئەمما ئىملادا خاتالىق راست بار. بىرىنچى كۇبلىت ئۈچۈنچى مىسرادا «ئەمەس» سۆزى «ئەمەد» دەپ يېزىلىپ قاپتۇ، تۆتىنچى مىسرادىمۇ «كۆرۈپ» سۆزى «كۆيۈپ» دەپ يېزىلىپ قالغان. دەرۋەقە خەت بېسىش جەرياندا ئانچىكى خاتالىقلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما، ئارگىنالنى يوللاشتىن بۇرۇن ياكى يوللاپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىز بىر كۆرۈپ تەكشۈرۈپ تەھرىرلىشىڭىز كېرەك. شۇڭا مۇنبەرنىڭ «تەھرىرلەش» ئىقتىدارى بار.

باھا سۆز

كەچۈرۈڭ مىنىڭ كومپىيوتىرىمدا قارىسام ‹‹ئ ملاغا دىققەت قىلىڭ دەپ چىققانتى›› شۇنىڭ بىلەن كۈلگۈم كىلىپ بۇ ئاكا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-24 01:35
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-24 01:35:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Hiyalparas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 01:12
توۋا قېرىندىشىم، ئۇنداق باشقىلار ياخشى كۆڭلى بىلەن گ ...

كەچۈرۈڭ مىنىڭ كومپىيوتىرىمدا قارىسام ‹‹ئ ملاغا دىققەت قىلىڭ دەپ چىققانتى›› شۇنىڭ بىلەن كۈلگۈم كىلىپ بۇ ئاكامغا چاق چاق قىلغان  مىنى كەچۈرۈڭ!
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-24 01:07

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش