روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1578|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يالغۇز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
               يالغۇز
     ئابدۇللا ئەيسا(مەجنۇن)

غېرىپلىققا پاتقىنىمدا مەن يالغۇز،
يارنى ئويلاپ ياتقىنىمدا مەن يالغۇز.
ئايرىلمايمەن بىر مىنۇتمۇ دىسىمۇ،
ھىجرانغا باش ئەگكىنىمدە مەن يالغۇز.

ئانام كەتكەن ئۇ دۇنياغا ئاتلىنىپ،
شۇندىن بېرى كۈلەلمەيمەن شاتلىنىپ.
خۇشاللىقىم ئازاپلارغا ئايلىنىپ.
كۆزۈمدىن ياش ئاققىنىدا مەن يالغۇز.

بىر يىتىم بوپ قالدىم ئون بەش يېشىمدا،
يېقىنمۇ تۇققۇنۇم يوقتۇر قېشىمدا.
ھېچ بىلمىدىم نە قىسمەت بار بېشىمدا،
كېرەك قانداش بولغىنىدا مەن يالغۇز.

پايدا ئالسا ئەگەر پۇل ۋە مېلىمدىن،
دوسلۇېۇممۇ كەتمەيسىكەن يېنىمدىن.
تانىدىكەن ئامەت قاچسا مىنىڭدىن.
كىرەك مۇڭداش بولغىنىدا مەن يالغۇز.

بەزىلىرى يامان يولغا باشلىسا.
ئەگەشمىسەم قاتارىغا قاتمىسا.
تەقدىر مىنىڭ كۆزلۈرۈمنى ياشلىسا،
كىرەك بىر ‹‹باش››بولغىنىدا مەن يالغۇز.

نەپ تەگكەندە پەرۋانە بوپ يۈرگەنلەر.
كەل جانىم دەپ شوخ ھىجىيىپ كۈلگەنلەر.
نەپ تەگمىسە بولۇر قاپاق تۈرگەنلەر،
دەرتكە بەرداش بىرەلمىدىم مەن يالغۇز.

مەنبە: ئۆز قەلىمىم.
باشقۇغۇچىلانىڭ ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىپ تىمامنى تەستىقلاپ قويۇشىنى سورايمەن. قولۇمغا قەلەمنى يېڭى ئالغانلىقىم ئۈچۈن، كەڭ ئۇستازلانىڭ تەكلىپ پىكرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
كېيىنكى: چوكانتال
ئالدىنقى: [شېئىر] قار
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-14 20:29:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام، قەلەمكەش قېرىندىشىم!  شېئىرىڭىزنى سۆيۈنۈش ھەم خۇرسىنىش ئىچىدە تەكرار-تەكرار ئوقۇدۇم.  سۆيۈنۈشۈم-ئىزاھاتىڭىزدا ئېيتقىنىڭىزدەك قەلەمنى قولىڭىزغا تېخى ئەمدى ئالغان بولسىڭىزمۇ سىزدە ئەدەبىي خۇرۇچ بولغاچقا، شېئىرىڭىز خېلى  ياخشى چىقىپتۇ. خۇرسىنىشىم- شېئىرىڭىزدا ئىپادە قىلغىنىڭىزدىكىدەك  بىزدىن يىراقلىشىۋاتقان ئادەمىيلىك...  
سەمىمىي تەكلىپىم:

1. تۆۋەندىكى مىسرالاردا ئاھاڭدارلىق كەمچىل،  تۇراق قېلىپسىز، ئىملا توغرا ئەمەس.
  2.شېئىردا ۋايساش كۆپ، ئۈمىدۋارلىق كەم. مۇشۇ تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بەرسىڭىز، سىزدىن ياخشى ئەسەر چىقىشى ئېنىق.


ئايرىلمايمەن بىر مىنۇتمۇ دىسىمۇ،


يېقىنمۇ تۇققۇنۇم يوقتۇر قېشىمدا



دوسلۇېۇممۇ كەتمەيسىكەن يېنىمدىن
ۋاقتى: 2015-2-14 20:42:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزنىڭ تىلىغا يەنە بىر ئىشلىسىڭىز  بولغىدەك.
ھەر بىر كۇبلىتنىڭ 4-مىسراسىدىكى " كېرەك" سۆزىنىڭ بىرنچى ئورۇنغا ئېلىنىشى مۇۋاپىق بولمىغان.
بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە مۇۋەپپىقىيەت يار بولغاي.
بەرگەن  تەكلىپ  پىكىرىڭلارغا رەھمەت  كىلەركى قېتىم چوقۇم دىققەت قىلىمەن.
ۋاقتى: 2015-2-15 01:10:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم ، سىزنىڭ بۇ شىئېرىنى قانداق ھىسىيات بىلەن يېزىپ چىققانلىقىڭىزنى چۈشۈنۈپ يەتتىم . شىېرىيەت ساھەسىگە قەدەم تاشلاپ تۇنجى يازغان ئەسىرىڭىزگە مۇبارەك . خالىسىڭىز مىنىڭ ئازىراق تەكلىپىم بار .
شىئېرنىڭ 2-كۇپلىتىنى تۈۋەندىكىدەك ئۆزگەرىتسىڭىز بۇلارمۇ ؟
ئانام كەتكەچ ئۇ دۇنياغا «يادلىنىپ»
خۇشاللىقىم ئازاپقىلا ئايلىنىپ.
شۇندىن بېرى كۈلەلمەيمەن شاتلىنىپ.
يۈرەكتە دەرت ئەگىگەندە مەن يالغۇز.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە توردىشىمىز نۇرلاننىڭ پىكىرى شىېرىدىكى بەدئىيلىكنى ھەمدە ھىسسىياتنىڭ ئىپادىلىنىشىنى يەنىۇ بىر بالدا يۇقىرى كۈتىرىدۇ ئاشۇ تەكلىپ ئاساسىدا ئۆزگەرتىش بىرىپ  شىئېنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى مىسراسىنى («بەرداش »كېرەك بولغىنىدا مەن يالغۇز.)دەپ ئۆزگەرتسىڭىز يەنىمۇ ياخشى ئاخىرلاشقۇدەك!!!
باشلىنىشى   ياخشى  بوپتۇ    ،  مۇشۇنچە   باشلىماقمۇ   ئ‍اسان  ئ‍ەمەس  تىرىشىڭ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-22 03:33

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش