روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2520|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بەخت دىگەن مانا شۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
      بەخت دىگەن مانا شۇ
     ئابدۇللا ئەيسا(مەجنۇن)

ئاتا ئاناڭ بولسا يار يۈلەك،
ھايات بولساڭ توختىماي يۈرەك.
ئېيتقىن ساڭا يەنە نىم كېرەك؟
بىلسەڭ بەخت دىگەن مانا شۇ.

بەش ئەزايىڭ بولسا ساپمۇ-ساق،
پۇت قوللىرىڭ بوپ قالمىسا تاق.
ياشلانمانمىسۇن ھەرگىزمۇ چاناق،
بىلسەڭ بەخت دىگەن مانا شۇ.

كۆز ئالدىڭدا بولمىسا ‹‹پەردە››
ماڭالايسەن تەمتىرمەي يەردە.
بەزىلەرگە بۇمۇ قەيەردە،
بىلسەڭ بەخت دىگەن مانا شۇ.

ھەرىكەتتىن قالمىسا پۇتۇڭ،
داغدام ساڭا ھەرقاچان يولۇڭ.
‹‹ئەنگۈشتەر››دۇر بىلسەڭ پۇت-قولۇڭ،
بىلسەڭ بەخت دىگەن ماناشۇ.

بولسا ياندا قان قېرىندىشىڭ،
ئاسان توختار ھەر قىلغان ئىشىڭ.
غەمدىن خالاس تۇرىدۇ بېشىڭ،
بىلسەڭ بەخت دىگەن ماناشۇ.

ئاتا-ئاناڭ بولسا قېشىڭدا،
لەززەت باردۇر يىگەن ئېشىڭدا.
يول كۆرسىتىپ تۇرسا قېشىڭدا،
بىلسەڭ بەخت دىگەن مانا شۇ.

ئالدى بىلەن باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىپ بۇ تىمامنى تەستىقلاپ قويۇشىنى سورايمەن .بۇ مىنىڭ ئۆزۈم مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى دەپ قارىغان تۇنجى شېئىرىم، تۇنجىسى بولغانلىقى ئۈچۈن نۇقسانسىز دىگىلى بولمايدۇ . كەڭ ئۇستازلارنىڭ تەكلىپ پىكرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ياخشى يىزىپسىز  رەخمەت  قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن
ۋاقتى: 2015-2-8 01:58:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، بولسا مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىپ بېقىڭ، ئىملاغا تېخىمۇ دىققەت قىلىڭ
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2015-2-8 11:07:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىمۇ تىرىشىڭ، سىزدە ئۈمىد بار ئىكەن.
ۋاقتى: 2015-2-8 13:18:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى شىئېرىڭىز بۇنداق ياخشى چىقىشى قەلىمىڭزدە ئۈمۈد بار دىگەن گەپ .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 03:16

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش