روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 6008|ئىنكاس: 14
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەلۋىدا سىڭلىم!!!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 02:36  
3 U) r6 a& h- Q2 T7 X
' c+ c- g) r- |/ B7 O# ]# X
ئەلۋىدا سىڭلىم!!!

% ~5 B9 l) Y1 G- Y; q0 b+ D( d' L' C( j. r. oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
(ۋاقىتسىز تۇزىغان گۈل- قەدىرلىك شاگىرتىمنىڭ تويۇقسىز ۋاپاتىدىن ئېچىنىپ)

1 |8 H/ i2 w( @ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار، ھازىر كېچە سائەت 12 دىن ئاشقان بولسىمۇ كۆزۈمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس، سەۋەبى، دۇكىنىمدا كومپيۇتېر ئۆگىنىۋاتقان قىزنىڭ توساتتىن بەختكە قارشى قازا قىلىپ، پۈتكۈل ئەل- يۇرتنى قاتتىق ھەيرانۇ- ھەسكە، ئاچچىق ھەسرەت- نادامەتكە قالدۇرغانلىقىدەك بىرقاتار ئىشلار سەۋەبىدىن بولدى.
% Z3 u6 V$ ?: M9 C6 Mمانا شۇ سەۋەبتىن ئاچچىق ھېسلارغا تولغان يۈرەك- باغرىم مىنى بۇ يازمىنى يېزىشقا مەجبۇر قىلدى. تۆۋەندە مەن بۇ قىزنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان بىرقاتار جەريانلارنى بايان قىلىش مەقسىتىدە، ھاياتلىق، ئارزۇ- ئارمان، ئائىلە، مېھرى- مۇھەببەت ھەققىدە ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش، بۇ ئارقىلىق مەرھۇمغا بولغان ھۆرمەت- ئېھتىرامىمنى بىلدۈرۈشنى، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئۇنى مەڭگۈلۈك ئەسلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرمەكچىمەن.5 Q+ p, ?0 ^* Q+ j7 B& mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالدىنقى ئاينىڭ 25- كۈنى باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بويىچە دۇكانغا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىلى ئەمدىلا بىر يىلدىن ئاشقان، چىرايىدىن زېرەكلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدىغان بىر قىز كومپيۇتېر ئۆگىنىش ئۈچۈن كىردى. دەسلەپكى ئېغىزاكى توختامىمىز بويىچە، بۇ قىز ۋاقتىنچە كومپيۇتېر ئۆگىنىدىغان، ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن رەسمىي توختاملىشىپ، دۇكاندا ئىشلەپ بېرىدىغان بولدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى قىسقىغىنە بىر ئاي جەريانىدا كۆپىنچە ۋاقىتلىرىم گەرچە سىرتقا تۈرلۈك ئىش بېجىرىش ئۈچۈن بولغان بولساممۇ ئەمما، شۇ جەرياندىكى بار ۋاقىتلىرىمدا، ئەتىسى- ئاخشاملىرى ئارىلاپ سىردىشىش ئارقىلىق، بۇ قىزنىڭ يوقۇرى مەكتەپلەردە تولىمۇ ئوقۇغۇسى بارلىقىنى، ئەمما ئائىلە شارائىتى يار بەرمەسلىك سەۋەبىدىن ئوقۇيالمىغانلىقىنى، ئاتا- ئانىسىنىڭ نەچچە يىللار بۇرۇن ئاجرىشىپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ بوۋا- مومىسىنىڭ ھامىيسىدە چوڭ بولغانلىقىنى، دىلى سونۇق، پەرىشانلىق ئىچىدە يۈرۈيدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ قىزغا بولغان ھېسىداشلىقىم تولىمۇ قوزغالدى، باشقىلاردىنمۇ بۇ قىزنىڭ يەنە بىرقىسىم ئىشلىرىدىنمۇ خەۋەردار بولدۇم، ھەم قايتىدىن ئۆز شارائىتىمنىڭ يار بېرىشىچە، ئائىلىسىدە ئېرىشەلمىگەن مېھرىبانلىقنى بېرىشنى، ئوقۇشقا ئوتتەك قىزىققان ھالەتتىكى قىزغىنلىقىغا ئاساسەن، تېخىمۇ ئەۋزەل شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرىش ئارقىلىق، ئەشۇ كەم قالغان ئارزۇسىنى ئامالىمنىڭ بارىچە تولۇقلاپ بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم ھەم مەقسىدىمنى ئوچۇقلا ئېيتتىم. ھەپتە بۇرۇن، مەرھۇمنىڭ بۈگۈنكى كۈندە (1- ئاينىڭ 25- كۈنىدە) ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىدىن خەۋىرىم بار ئىدى، بىراق 24- چىسلا چۈشكە يېقىن مەندىن ئاپىسىنى تولىمۇ كۆرگۈسى كەلگەنلىكىنى، چۈشتىن كېيىن ناھىيە بازىرىدا تىككۈچىلىك بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئاپىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، يەكشەنبە ئەتىگەندە ئاقسۇ شەھرىدە ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن رۇخسەت بېرىشىمنى ئۆتۈندى، مەن خوشاللىق بىلەن قوشۇلدۇم خوشلىشىدىغان ۋاقىتتا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىنى، دۈشەنبە ئەتىگەندە ساق- سالامەت يۈز كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، بۇ قىز ماڭا «ئاكا خاتىرجەم بولۇڭ...» دەپ كۈلۈمسىرەپ، دۇكاندىن چىقىپ كېتىۋېتىپ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ئىللىق كۈلۈمسىرەپ: «خوش...» دەپ چىقىپ كەتتى، مەنمۇ جاۋابەن خوش دېيەلىدىم. كىم بىلسۇن، بۇ خوشلىشىشنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى. چۈشتىن كېيىن ئايالىم بىلەن ئىككىمىز مەرھۇمنىڭ مېيتى چۈشۈرۈلىدىغان ئۆيگە باردۇق، ھويلىدا چوڭ- كىچىك ئەل- جامائەتلەر توپلانغان ئىدى، مەرھۇمنىڭ ئائىلە- تاۋاباتلىرى بار ئۆيگە كىرىپ، ئۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن ھويلىغا قايتىپ چىقتىم. ياشىنىپ قالغان بوۋا- مومىسىنىڭ، ئاتا- ئانىسىنىڭ بۇقۇلداپ يىغلاشلىرى، ماڭا: «ۋاي جېنىم بالام، رەھمەت سىلىگە، بىزنى دېسىلىمۇ، بۇ بالىنى دېسىلىمۇ كەپ بېرىپلا... ئاۋارە بولۇپلا....» دەپ ئەتراپىمىدا پاي پېتەك بولۇپ، ياش تۆكۈشلىرى كۆڭلۈمنى تېخىمۇ يېرىم قىلىۋەتتى.  مەرھۇم ئاپىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ، بىللە بازار ئايلىنىپ، كەشتە ئۆز قولى بىلەن ئاپىسىغا تاماق قىلىپ، ئاپىسىغا تاماقنىڭ ئوخشىغان- ئوخشىمىغانلىقىنى دەپ، كۈلدۈرۈپ، پاراڭلىشىپتۇ، ئەتىگەن ئۈرۈمچى 9 لارغىچە ئارام ئاپتۇ ھەم ئورنىدىن تۇرۇپ، توساتتىنلا «بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ» دەپ، شۈكلىگەنچە يېرىم سائەت ئىچىدە ئۆزگىرىپ، دوختۇرخانىغا بېرىشقا ئۈلگۈرمەي، بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتۇ.... خۇددى ئاپامنى كۆرۈۋالاي دېگەندەكلا- ھە!  ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، ئەمما بەختسىزلىكتىن خەۋەر تاپقانلىكى كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتى. ھەممىنىڭ كۆزىدە ئەلەملىك ياشلار پىلدىرلايتى... بىر ھازادىن كېيىن مەرھۇم يۇيۇپ- تارىلىپ، مېيتى شۇ ئائىلىدىن بىرەر كېلومېتىرچە يىراقلىقتى قەبرىگاھقا ئېلىپ بېرىلدى، مەرھۇمنىڭ مېيتى تاۋۇتقا سېلىنغاندا ۋە يەرلىككە قويۇلىۋاتقان ۋاقىتتا كۆز ياشلىرىمنى توختىتىشقا ئامالسىز قالدىم. چۈنكى، ئۇ ئەمدىلا 19 گە كىرگەن، ئۆزى شوخ ھەم چىقىشقاق، تىرىشچان، باشقىلارغا توختىماي گەپ قىلىپ تۇرىدىغان بىر قىز ئىدى. دۇكانغا قايتىپ كېلىپمۇ قولۇم ئىشقا بارىدىغاندەك ئەمەس، ئايالىممۇ بىر ياقتا كۆز يېشى قىلىپ ئولتۇراتتى، ئىككىمىز بىر مەھەل ئۇ قىزنىڭ گىپىنى قىلىشتۇق. كومپيۇتېردا ئۆز قولى بىلەن ساقلىۋالغان ئۆزى ھەم باشقىلارنىڭ ياردىمىدە رەسىم ئىشلەشنى مەشىق قىلىش مەقسىتىدە كەلگەندىن بېرى تارتقان، كىرىشتۈرگەن سۈرەتلىرىگە قاراپ، ئەشۇ قىسقىغىنە بىر ئاي جەريانىدىكى بىللە ئۆتكەن، سىرداشقان ۋاقىتلار، ئاخىرىقى قېتىم خوشلاشقان شۇ كۆرۈنۈشلەرنى ئويلاپ، ئاچچىق بۇغۇلۇپ، كۆڭلۈم يېرىم ھالدا ئەلەملىك ياشلىرىمنى توختىتالمايلا قالدىم.
0 v* m' O$ m+ K) r9 s  l( Qھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار، بىز ھەر بىرىمىز ئىلگىرى بالا- پەرزەنت ئىدۇق، ئاتا- ئانا مېھرىگە قانغانلىرىمىزمۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قانمىغانلىرىمىزمۇ بار، ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتى بىلەن ھالا بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ ئاتا- ئانا بولدۇق، پەرزەنتلىرىمىز ئاپىرىدە بولدى. ھازىرقى پۈتۈن مېھرى- مۇھەببىتىمىز ئەشۇ پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ. ئەمما تۇرمۇش دېگەندە ئۈچيۈز ئاتمىش كۈن بىزگە ئىللىق كۈلۈمسىرەۋەرمەيدىكەن، بەزىدە بىزنى قاقاھلاپ كۈلدۈرسە، بەزىدە زار- زار قاقشىتىدىكەن. ئائىلىۋىي مۇناسىۋەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى بەك تەپسىلىي ئېيتمىساممۇ ئەمما، بىر ئۆينىڭ مۇرىسىدىن تۈتۈن چىقىرىۋاتقان ھەر بىرىمىزگە بەزىبىر جەريانلار بەش قولدەك ئايان بولسا كېرەك. بەزىدە ئۇ، بەزىدە بۇ سەۋەب بىلەن ئەر- ئاياللار ئارىسىدا بىرقىسىم ئارازىچىلىقلارنىڭ بولۇپ تۇرىدىكەن. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىرقىسىملار «بولدىلا» دەپ، ئەشۇ بىر زامان شۇنچىلىك ئارزۇ- مېھنەت بەدىلىگە قۇرۇپ چىققان ئائىلىسىنى، يۈرەك- باغرىنى يېرىپ چىققان پەرزەنتلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئويلاپ- ئويلىمايلا، ئاجرىشىپ كېتىدىكەن. تىرىك بىر جان بولغاندىن كېيىن شۇ سەبىي پەرزەنتلەر ھامان چوڭ بولىدىكەن، بىراق ئائىلە، ئاتا- ئانا مېھرىرىگە قانماي، روھىي چۈشكۈنلۈك ئىچىدە چوڭ بولىدىكەن. ئەشۇ يىنىكلىك بىلەن ئېيتىلغان «بولدىلا» دېگەن گەپ بىلەن بىر ياكى بىرقانچە سەبىي ئەسلىدە ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان خوشال- خوراملىق ئىچىدە ئۆتىدىغان بالىلىق دەۋرىنى زور روھىي چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدىكەن، ئاقىۋەتتە تۈرلۈك- تۈمەن روھىي بېسىملار، ئەگرى- توقايلىقلار ئىچىدە جەمئىيەتكە قەدەم بېسىپ، ياخشى- ياماننى بىلگۈدەك بولغاندا يا دادىسىدىن يا ئانىسىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدىكەن، شۇ خوشاللىقتىن ئۆزىنى مەھرۇم قىلغانلىقىنى بىر ئۆمۈر كەچۈرمەيدىكەن. بۇلارنى شۇ ئاتا- ئانا بولغۇچىلىرىمىز نېمىشقا ئويلىيالمايمىز؟ نېمىشقا شۇلارنىڭ بەختىگە ئولتۇرىمىز، نېمىشقا كەلگۈسى ئىستىقبالىغا، تەقدىرىگە ئىگە بولالمايمىز. بىزنىڭ ھاياتىمىزنى داۋام ئەتكۈچى شۇ پەرزەنتىمىز ھەم شۇلارنىڭ تەقدىرىدىنمۇ ئارتۇق يەنە قايسى ئىشلىرىمىز مۇھىم؟! بىز زادى نېمىگە ھېساب، زادى قانداق ئاتا- ئانا؟!: {: h3 K! [$ J% C! U+ V0 k% F0 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلىرىم، ئىلگىرىمۇ بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئوي- پىكىرلەردە بولغان بولساممۇ، ئەمما بۈگۈنكىدەك بۇنداق بىۋاسىتە قاراشقا كېلىپ باققان ئەمەسمەن. مەرھۇم- سىڭىل سۈپەت، ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىغان، ھايات لەززىتىنى تېتىشقا، خوۋلۇق كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن، كۆڭلىدە ئارزۇ- ئارمانلىرى كۈۋەجەپ تۇرغان ياشقىنە بىر قىزنىڭ ھاياتى مانا مۇشۇنداق ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ، توساتتىن، بەكمۇ توساتتىن ئاخىرلاشتى. يوقۇردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، مەرھۇم بىلەن ئازدۇر- كۆپتۇر سىردىشىش جەريانىدىكى بىرقىسىم ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەردە مەرھۇمنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ئەسلەيمەن ھەم ئەشۇ تويۇقسىز كەلگەن قىسمىتىدىن قاتتىق ئېچىنىمەن. مەرھۇمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بەلكىم، بەزىبىر ئىشلارغا ئانچە مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما، ئەشۇ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ھەم تۇرمۇشىدىكى مەلۇم بولغان روھىي بېسىمدىن مۇستەسنا دەپ كىسىپ ئېيتىشقا بالدۇرلۇق قىلىدۇ. مەرھۇمنىڭ يەيدىغان رىزىقى شۇ بولسا كېرەك دەپ ئۆز- ئۆزىمىزگە زورلاپ تەسەللىي بەرسەكمۇ، ئەمما، بۇ مەرھۇم سىڭلىمىز ئەسلى بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ئىللىق ئائىلىدە چوڭ بولغان بولسا، ئاتا- ئانىسىنىڭ ھامىيسىدە تۇرغان بولسا، ۋاقتىدا سالامەتلىك تەكشۈرتەلىگەن بولسا، بەلكىم بۈگۈنكىدەك كۈتمىگەن پاجىئەلىك تەقدىرگە ئۇچرىمىغان، بۇ گۈزەل دۇنيادا بىز بىلەن داۋاملىق بىرگە ياشىغان بولاتتى!$ P0 z4 z+ F# ^+ O, Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاخىرىدا ئاتا- ئانا بولغان، ئاتا- ئانا بولماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا دەيدىغىنىم شۇكى، ئۆزىمىزنىلا ئويلىماستىن، ئەشۇ سەبىي پەرزەنتلىرىمىزنىمۇ ئويلاپ قويايلى، شۇلارنىڭ تەقدىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلەيلى، ھەقىقي يوسۇندا كۆڭۈل بۆلەيلى؛ پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس، پۇلدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان يەنە بىر مۇھىم نەرسە، بولۇپمۇ ئەشۇ پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم نەرسە ئاتا- ئانا مېھرى، ئائىلە مېھرى!
5 s5 L  ~" g- F( f: Dدەيدىغانلىرىم، ئويلىغانلىرىم يەنىمۇ كۆپ، بۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر بولسىمۇ ئەمما، داۋاملاشتۇرۇپ يېزىشقا ماجالىم قالمىدى. مانا ھازىر يېرىم كېچە، ئۆزۈم دۇكاندا پىنھان ئولتۇرغۇنۇمچە خىيالغا پاتماقتىمەن، ئەشۇ قىز كۆز ئالدىمدىلا، ئاخىرىقى خوشلاشقان دەقىقىدىكى ئىللىق كۈلۈمسىرىگىنىچە «خوش...» دېگەن سۆزلىرىدىن ئەتە ئەتىگەن (دۈشەنبە) يەنە دۇكانغا كېلىدىغاندەكلا، خۇددى، ئەشۇ قاراشلىرى، كۈلۈمسىرەشلىرىدىن ماڭا «نېمە بولدىڭىز، مەن ئۆلۈپ كەتمىدىم، مەن ھاياتقۇ» دەپ جاراڭلىق ئاۋازدا مىنى بەزلىگىنىچە ئىشىكتىن كىرىپ كېلىدىغاندەكلا تويۇلماقتا. مەنمۇ شۇنداق بولۇشنى بەكلا ئۈمىد قىلساممۇ بۇ پەقەت مەندىكى بىر خىيالىي تۇيغۇ ئىدى. ئەپسۇس، بۇ قىز، مىنىڭ قەدىرلىك شاگىرتىم- ياپياشلا بىر گۈل بۇ دۇنيادىن ھەممىنى ھەسرەت- ئەلەمگە تاشلاپ، ۋاقىتسىز تۇزۇپ كەتكەن ئىدى...... گەرچە، بىز تونۇشقىلى، بىرگە ئۆتكىلى ئانچە ئۇزاق ۋاقىت بولمىسىمۇ، يېشى كىچىك بولسىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قەدىر- قىممەتكە ئىگە ئىدى، ئۇنى چىن دىلىمدىن ئىززەتلەيتىم، ھۆرمەت قىلاتتىم، ئۇمۇ ھەم شۇنداق ئىدى، بەكمۇ ئىچەكىشىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەپسۇس، مىڭلاپ ئەپسۇس.....7 e, j' |2 m' P- hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەلۋىدا، قەدىرلىك سىڭلىم، ھۆرمەتلىك شاگىرتىم، مەندىن رازى بولۇڭ!!!( n. D( g" _! J! z) T+ eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2015- يىلى 1- ئاينىڭ 26- كۈنى، سەھەر سائەت 1 دىن 57 دە تامام.( k. {- v- G/ {; n6 F  C; vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-26 09:04:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رھمەتلىكنىڭ ئاخرەتلىكى ياخشى بولغاي.ئۇستاز سىز ئاقسۇنىڭ جامدىنمۇ ياكى..........
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-26 10:07:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zulpikar0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 09:04
& F9 Z; I+ g: W1 \7 fرھمەتلىكنىڭ ئاخرەتلىكى ياخشى بولغاي.ئۇستاز سىز ئاقسۇن ...
) z7 z, H8 s4 K# Y0 r. {3 bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
رەھمەت، شۇنداق، مەن جامدىن بولىمەن.
ۋاقتى: 2015-1-26 10:45:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدە،ھەممىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز، مىھىرىبان ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشىلىرىنى ئاسان قىلسۇن ...ئامىن
ۋاقتى: 2015-1-26 10:49:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 12:20  1 t6 A0 u" S6 C8 n  k. \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

' y" e$ a$ K; H" j9 v0 Aنىمە دەپ تەسەللى بېرىشنىمۇ بىلمىدىم جام ئەپەندى........( X8 C: A" r7 s/ X# V) @5 ~  Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھاياتنىڭ چاقچاقلرى ئەنە شۇنداق رەھىمسىز بولىدىكەن. ‹‹ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىغان›› بىر سىڭلىمىزدىن ئايرىلىپتۇ. ئاللاھ جەننەت بەرسۇن. ھاياتلار مەرھۇمنى ياد ئەتكەچ ھاياتلارنىڭ قەدىرىنى قىلايلى .ئابدۇراھمانمۇ كىتىۋدى ئاندىن قەدىرگە يەتمەكچى بولۇشتۇق. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ  قەدىرنى قىلىدىغان، قىلغان ئەمەللىرىنى زايە قىلۋەتمەيدىغان  زاتنىڭ يېنىغا كەتتى. ئەمما ئىككى بالىسى يىتىم ئايالى تۇل قالدى......ئۇنىڭ قەدىرىنى ھاياتلار قىلىشى كېرەك.  [" g; |  y' bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سەبىرى قىلىڭ ، كۆڭلىڭىزنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپتىمەن. ئاشۇ سىڭلىمىزغا قىلىپ بولالمىغان، قىلىسىڭىزمۇ يىتەرلىك بولمىغان تەرەپلەرنى يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش سىڭىللىرىمىزغا قىلسىڭىز ئاشۇ سىڭلىمىزنىڭ روھى ئەمىن تاپىدۇ جام ئەپەندى. " c9 y8 ^' `* d: v5 ?. e4 j- Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاللاھ سىزدەك مېھرىبانلارنىمۇ ئامان قىلسۇن
ۋاقتى: 2015-1-26 11:05:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلھۆكمىللا!
- z2 y+ q/ C! y' f" t ئىلگىرى-ئاخىرى  بولۇپ توپلىشىدىغان مەنزىلگاھىمىز  ئەنە شۇ. ماڭغاچ تۇرۇپسىز، سىڭلىم، ھەممىمىزمۇ پات ئارىدا ئىز بېسىپ چوقۇم يېتىپ بارىمىز...
ۋاقتى: 2015-1-26 12:04:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمەنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولغاي. قېرىنداشلىرىغا سەبىر تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2015-1-26 12:39:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلسۇن
ۋاقتى: 2015-1-26 12:45:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن ، ئامىن !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-26 21:25:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 10:49$ G# R! c+ z& G8 t. b! Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نىمە دەپ تەسەللى بېرىشنىمۇ بىلمىدىم جام ئەپەندى........
* ^2 F& S" L8 q) iھ ...

3 |/ D4 J0 u) J6 Jھۆرمەتلىك «نەۋرۇز» ئەپەندىم، ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلىرىم، سىلەرنىڭ ماڭا تەسەللىي بەرگىنىڭلەردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ھەم ئۆزۈمنى سەل يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. بۈگۈنمۇ ئاقسۇ شەھرى ۋە ناھىيە بازىرىغا دۇكانغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈپ، تېخى ھېلىلا قايتىپ كېلىشىم. بىراق، يولدا كېتىۋاتقانلىرىمدا ھامان شۇ مەرھۇم كۆز ئالدىمدىلا. ئەتىگەن سائەت 9 لاردىمۇ خۇددى ئىشىكتىن كۈلۈمسىرەپ كىرىپ كېلىدىغاندەكلا، دۇكانغا قايتىپ كەلگىنىمدە خۇددى كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغاندەكلا تويۇلۇپ، تېخىمۇ بىئارام بولماقتىمەن. شۇنداقتىمۇ ھەرقايسىڭلارنىڭ تەسەللىيسىنى كۆرۈپ، كەپپىياتىم سەل تۇراقلاشتى.1 U1 E, j* p! |4 j% q) nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنمۇ چوقۇم، مەرھۇمغا قىلىپ بولالمىغان كەمتۈكلەرنى ئەمدىكى سىڭىلچاقلارغا يەتكۈزمەكچىمەن، ھەقىقەتەن، چوقۇم دېگىنىڭىزدەك قىلىشقا تىرىشىمەن., U% R* \# o/ g# b# a* p' |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دەر ھەقىقەت، بىز ھامان رىئاللىققا تەن بەرمىسەك ئامال يوق، كەتكەنلەرنىڭ كەينىدىن مىڭ قاقشىساقمۇ بەرىبىر ئۇلار قايتىپ كەلمەيدۇ. شۇڭا ھاياتلارنىڭ قەدرىگە يېتىشىمىز، بولۇپمۇ ئۆز ئارا دىل ئازارلىقىدىن ساقلىنىپ، مۇمكىنقەدەر ئىناق، خوشال كەپىيات ئىچىدە، بىز ئۈچۈن شۇنچە قىممەتلىك بۇ ھاياتىمىزنى ئۆزىمىز ھەم ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھوزور ئىلكىدە سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى، كۆڭۈلسىزلىكتىن ساقلىنىپ، بىرى- بىرىمىزگە مېھرى- مۇھەببەت ئاتا قىلايلى! شۇندىلا بىزمۇ ھاياتىمىزنىڭ قىممىتىنى تونۇغان، ئەشۇ ۋاقىتسىز كەتكەنلەرگە ھەقىقىي يوسۇندا تەسەللىي بەرگەن بولىمىز.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-12 01:59

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش