روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4647|ئىنكاس: 14
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ھەقسىز ھەم ھەقلىقلەر توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-30 02:35:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار!- _0 u) y: F# d# c- j; Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن كومپيۇتېر ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغىلى شۇنچە يىللار بوپتۇ. ئويلاپ باقسام تۈرلۈك يوللار بىلەن بىلگەنلىرىمنى ئاساسەن «ھەقسىز» يوسۇندا ئىگىلەپتىمەن. بۇ جەھەتتە بىلگەنلىرىم- ئىگىلىگەنلىرىم بەك كۆپ ئىكەن، پايدىلانغانلىرىممۇ راستنى دېگەندە ئاساسەن كۆپىنچە بىرقىسىم پىداكارلارنىڭ كېچە- كېچىلەپ ئولتۇرۇپ، نەچچە يىللاپ ئەجىر- مېھنەتلىرى بەدىلىگە كەلگەن ئەشۇ «ھەقسىز» لىرى ئاساسىدا بولۇۋېتىپتۇ. شۇ تەرىقىدە ئۆزۈمگە ئېلىپ، مەن زادى باشقىلارغا قانچىلىك «ھەقسىز» مۇلازىمەت قىلىپ باقتىم، قانچىلىك دەرىجىدە ھەقسىز ئىش قىلىپ بېرەلىدىم دېگەنلەرنى ئويلىنىپ قالدىم، مۇلازىمەت ئورنۇمغا كىرگەنلەردىن يۈزدىن بىرىگە بىرەر قېتىم «ھەقسىز» مۇلازىمەت قىلىپ باققاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن دېگۈدەك «ھەقلىق» مۇلازىمەت قىلىپ كېلىپتىمەن. چۈنكى «مۆشۈك بىكارغا ئاپتاپقا چىقمايدۇ» ئەمەسمۇ   شۇنداق بولسىمۇ بۇ ئويلاردىن ئۆزۈمچە نومۇسمۇ ھېس قىلغان بولدۇم. مەسىلەن: مەن ئاددىيسى ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ ھەقسىز دېتاللىرى، يەنە باشقا نامىنى ئاتاشقا ئۈلگىرەلمىگەن تالايلىغان شىركەت- كارخانا، شەخسلەرنىڭ جاپالىق ئەجرى بەدىلىگە كەلگەن «ھەقسىز» لىرى ئارقىلىق ئارقىلىق خېلى كۆپ «نەپ» كە ئېرىشتىم. بۇ بىر دەر ھەقىقەت. شۇڭا بۇ يەردە ئۇزۇندىن بېرى كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىنى «مۆشۈك تاتىلىغاندەك» بولۇپ يۈرۈپ، ئاخىرى بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا توغرا كېلىپ قالدى. ھەممىگە مەلۇم، ھەر بىرىمىز ئاددىيسى كومپيۇتېر ئىشلىتىشتە دەسلەپتە ھەممىنى بىلىپ كەتمەيمىز، ئالدى بىلەن كومپيۇتېرنى قوزغىتىشتىن تارتىپ يەنە باشقا ئادەتتىكى مەشغۇلاتلارغىچە، تاكى ئۆزىمىزنىڭ «ھاجىتىدىن چىققۇچە» بولغان جەريانلارنى بىر- بىرلەپ باشتىن ئۆتكۈزىمىز. قىسقىسى، بىزنىڭ «بۈگۈنكى كۈنىمىز» گىچە بىلىپ- بىلمەي باشقىلارنىڭ ھېسابسىز ئەجىر- مېھنىتى سىڭگەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز. بىزچە بولغاندا بىز كىتابخانىدىن كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت بىرەر پارچە كىتاب سېتىۋالساق، ياكى توردىن شۇ ھەقتىكى دەرسلىكنى- ساۋادلارنى چۈشۈرۋالساق- ئىگىلىۋالساق، خۇددى ھەممىنى ئۆزىمىز «ئەجىر قىلىپ بىلگەندەك» ھېس قىلىمىز. بىزدە «سۇ ئىچكەندە قودۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما» دېگەن ھېكمەتمۇ بارغۇ؟ سىز بىلەن مەن ھازىر بىلگەن ئەشۇ «ساۋادلار» شۇ «قودۇق قازغۇچىلار» نىڭ جاپالىق مېھنىتى بەدىلىگە كەلگەنمۇ- ئەمەسمۇ؟ بۇلارنى قانچىلىك ئويلاپ يېتەلىدۇق؟ ئويلىيالىدۇقمۇ؟ ھەممىگە مەلۇم، 1984- يىلى مىللىتىمىز ئارىسىدىن چىققان شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەت ئاكادىمىكى ھېسابلانغان پروففېسور ھوشۇر ئىسلام ئەپەندىم ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنى تۇنجى قېتىم كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ، ئېلىمىز شۇنداقلا خەلقئارادا زور نەتىجە قازانمىغان بولسا يەنە بىز بۇ بىلىملەرنى- نەتىجىلەرنى قاچانغىچە ئىزدىنىپ- ئىگىلىگەن بولاتتۇق؟ ھە دېسىلا بىز تورلاردىكى، ئۇچۇرلاردىكى قانداقتۇر «ھەقسىز» لارغا تەشنا بولارمىز؟ توغرا، شۇ ئەجىر- مېھنەت ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆز مىللىتى- جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئارقىلىق قان- تەرىنى ئاخىرىقى ھېسابتا ھەقسىز تەقدىم قىلىشقا رازى بولسىمۇ، ئەمما، شۇ مېھنىتى- ئەجرىگە يارىشا قانچىلىك تەشەككۈر بىلدۈرەلىدۇق؟ ھەمىشە بىز بىراۋلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولۇپلا يۈرەمدۇق؟ توغرا، بىز پايدىلىنايلى، شۇلارنىڭ ئەمگەك- ئەجرىنى كۆڭلۈمىزدە تۇتايلى، ئەمما ھە دېسىلا «ھەقسىز» ئىشلىتىشكە ئەمەس، بەلكىم بىرەر ۋاخ تاماق، بىرەر قېتىملىق ئولتۇرۇشلارنىڭ مەرىدىن ۋاز كېچىپ، شۇلار تىكلەپ بەرگەن ئەجىر- مېھنەت مېۋىسىنى ھەقلىق يوسۇندا ئىشلىتىشكە ئادەتلىنەيلى. بەلكىم بىزنىڭ شۇ ئازغىنە «جاۋابىمىز» بەلكىم تاما- تاما كۆل تولار دېگەندەك، شۇ ئەجىر- مېھنەت ئىگىلىرىنىڭ تەرىنى سۈرتۈشكە يارىغۇدەك بىر نەرسىگە دال بولالىشى مۇمكىن.
, F  P9 {' o* B- M* L0 `  كۆپچىلىك، ھەرقانچە قىلىپ بولسىمۇ بىز «سۇ ئىچكەندە قودۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز» لازىم. بىز تەييارغا ھەييار بولۇپ كۆنۈپ قالساق بولمايدۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئەجرى بەدىلىگە كەلگەن شۇ مېھنەتكە خالىس بولسىمۇ قاتنىشىشقا توغرىدۇرمىز، شۇنداق بولغاندىمۇ بىز ھىچ بولمىغاندا «رەھمەت» نى جايىدا، شارائىتىمىزنىڭ يار بەرگىنىچە ئېيتىپ ئۈلگۈرىشىمىز كېرەك. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ياپون مىللىتى پەرزەنتلىرىگە: «قوياش نۇرى ھەم ھاۋادىن باشقا ھىچقانداق نەرسە بىكارلىققا كەلمەيدۇ» دەپ ئەسكەرتىپ تەربىيە قىلىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن شۇ مىللەت- شۇ ئەل دۇنيادا ئەڭ تەرەققىي قىلالىغان ھەم كۈچلۈك ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالىغان. بەلكىم، شۇ تەرىقىدە كېتىۋېرىدىغان بولسا، ياپونلار ئېيتقان ئەشۇ «ھەقسىز» قوياش نۇرى بىلەن ھاۋامۇ «ھەقلىق» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇ چاغدا بىز قانداق قىلارمىز؟! شۇڭا بىز تەييارغا ئاشىق بولىدىغان بۇنداق ئىشتىن مۇمكىنقەدەر ئۆزىمىزنى تارتىشىمىز كېرەك.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2014-12-30 12:26:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇ بىر يۈزى قىلىنلىق بىلەن يېزىلغان ماقالىكەن . شۇنداق مەن ئەسلى ئۆزۈمنى تۇتىۋالاي دىدىگەن ئەمما يەنىلا سەل قايناپ قالىدىغان ئوخشايمەن. سىز مۇشۇ بىر مۇئۇنچە قۇرۇق گەپلەرنى قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ نۇمۇسسىزلىقىنى،  باشقىلاردىن ئالىمەنلا دەيدىغان ئەمما بىغىشلاش روھى يۇق پارازىت ئىدىيىڭىزنى مۇشۇنداق بىر قانچە جۈملە قۇرۇق گەپ بىلەن ياپىمەن دىمەڭ. يالغاندىن ھەقسىز بىلىم ۋە ئىجادىيەت، ئەمگەكلەرنى سوۋغا قىلۋاتقانلارغا رەھمەت بىلدۈرۈش بىلەن يىپىپ بۇلالممايسىز . مەن روھلان تورىنى كۈندە كۆرۈپ تۇرمىساممۇ ئارىلاپ ئارىلاپ كۆرۈپ تۇرىمەن. بىلىشىمچە سىز ئادەتتە بىرەر تېما يوللاشنى ياقتۇرۇپ كەتمەيسىز قارىسام مەن مۇلازىمەت مەركىزى ئاچىمەن دەيسىز كومپىيوتىر بىلىمىڭىز  ۋە ئەمەلىي تەجىرىبىلېرىڭىز خېلى بار . تىخى ئۆزىڭىزنىڭ نائىنساپلىقىنى " مۇشۇكمۇ قۇرۇق ئاپتاپقا چىقمايدۇ " دەپ يۇشۇرماقچى بۇلۇپسىز ئەمما بىر پۈتۈن يازمىڭىزدىن ھەقسىز ئىجادىيەت ۋە ھەقسسز بىلىملېرىنى تورغا يوللىغانلارنى ماختىغاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئاستىرتتىن باشقىلارغا  توردىن ھەقسىز نەرسىلەرگە ئېرىشىپ ئۇنى ھەقلىق مۇلازىمەت شەكلىدە شەخسىي پۇل تىپىشىڭىزغا ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ ئەمما  مۇشۇنداق  بىر پارچە قالايمىقان يېزىلغان يېرىم ۋاراق بىر نەرسە بىلەن باشقىلارغا رەھمەت ئىيتىپ قۇيسىڭزلا ئىش تۈگەيدۇ دىگەننى ئىپادىلەپسىز.
% M$ U" }, M# e+ l& E; D  بۇ بەكلا نۇمۇسسىزلىق ، شەخسىيەتچىلىك شۇنداقلا ئاستىرىتتىن باشقىلارنى ھەقسىز نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلىۋېرىڭ بىر نەچچە ئىغىز رەھمەت بىلەن جاۋاپ قايتۇرسىڭىز ئۈتۈپ كىتىدۇ. دىگەن ئىدىينى سىىڭىدۇرىدىغان بۇلۇپ بۇنداق پەلىپەتىش نەرسىنى ۋاقىت چىقرىپ يازغاندىن يازمىغان ياكى بولسا ئەمەلىي نەپ تىگىدىغان ھەقسىز تېمىنى يوللىغان ياخشى .  بىزدە "باشقىلار تاماق سۇنغان قاچىنى قۇرۇق قايتۇرما" دەيدىغان بىر ئىسىل ھىكمەت بار. ئەجىبا سىز ئالساملا بولدى بېرىشنى ئونتۇپ قاپتىمەن دەيدىغان مۇشۇنداق ئېدىيىنى مۇنبەرگە ئۇتتۇرىغا قۇيۇشتىن نۇمۇس قىلمامسىز؟

باھا سۆز

مۇنبىرىمىزدە ھەر قانداق ئادەمنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشنى چەكلەپ باقمىدۇق، ئەمما مۇنازىرىنى ئىلمىي، مەدەنىيي ئې  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-12-30 15:32

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە -20 ئىناۋەت -35 تەڭگە -25 بايلىق -25 تۆھپە -10 يىغىش سەۋەبى
ADiL -20 -35 -25 -25 -10 ئىلىمىي بولۇڭ

باھا خاتىرىسى

بۇ ھەقىقەتەن توغرا پىكىر بوپتۇ ، بىراق مۇشۇ مالىيە مەسىلىسى ھەممىمىزنىڭ بېشنى ئاغرىتۋاتقان مەسىلە بولىشى مۇمكىن ، شۇنداقتىمۇ جاپا تارىتقانلارنى  بۇلسا خەلىق پۇلى بىلەن ، بولمىغاندا ياخشى مەدەت سۆزلىرى بىلەن قوللاپ قويايلى قېرىنداشلار!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-30 14:57:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagmurat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 12:262 v& Y+ y6 y; Q( a& m# Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مىنىڭچە بۇ بىر يۈزى قىلىنلىق بىلەن يېزىلغان ماقالىكەن  ...
( }) X3 r" m' K) g& t' d" Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قېرىدىنشىم، گەپنى چۈشىنىپراق، ئىلمىيرەك قىلىشنى بىلەمسىز يا؟ سىزچە مەن نومۇسسىز ئادەم ئوخشىمامدىمەن؟ سىزچە مەن باشقىلارنىڭ ئەمگەك- ئەجرىنى بىكارغا ئېلىپ پۇلغا ساتىدىغان ئاتالمىش نومۇسسىز ئادەم ئوخشىمامدىمەن؟( h8 N, p5 K3 y) N5 R  S$ ]% S1 V- Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بولىدۇ، يەنە ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتكۈر تىللار بىلەن تىللاپ بېقىڭ. ئەمما سەمىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ ئادەم تىللايدىغان جاي ئەمەس، ھوشىڭىزنى يىغىۋېلىڭ، ئېغىزىڭىزغا بېقىپراق سۆز قىلىڭ! شۇنداقلا سىزگە يەنە بىر ئەسكەرتىپ قوياي، مەن ئۆزۈمدىكى راست گەپنى قىلدىم، قىلچە يالغاننى ئارىلاشتۇرمىدىم، كىشىلىك تۇرمۇشتىمۇ ھەم شۇنداق. مەن ئۇنداق نا ئىنساپ ئادەم ئەمەس، باشقىلارنىڭ ئەمگەك- ئەجرىنى ئۇنداق بىكارغا ئىشلىتىشنى بۇ يەردە تەۋىسىيە قىلماقچىمۇ ئەمەس!
6 G4 L1 H0 G4 O5 uمىنى بىلىدىغانلار- تونۇيدىغانلارغا بۇ بەش قولدەك ئايان، باشقىسىنى مەن دېمەي تۇراي. باشقىسىغا كۆپچىلىك باھا بېرىپ باقسۇن.
ۋاقتى: 2014-12-30 15:18:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى پىكىر بوپتۇ    ،مەن قوللايمەن
ۋاقتى: 2014-12-30 15:32:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagmurat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 12:26/ @# x+ I& ~/ t$ yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مىنىڭچە بۇ بىر يۈزى قىلىنلىق بىلەن يېزىلغان ماقالىكەن  ...
; Z! q' H" X& `' m' j* kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇنبىرىمىزدە ھەر قانداق ئادەمنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشنى چەكلەپ باقمىدۇق، ئەمما مۇنازىرىنى ئىلمىي، مەدەنىيي ئېلىپ بېرىڭ، سىز تېمىنى ياخشى ئوقۇڭ.
: x2 C5 k* N/ J( i' s+ hئەڭ ئاددىسى سىز توردىن چۈشۈرگەن بىر دانە ھەقسىز يۇمشاق دېتل بىلەن بىر كۈن كەچكىچە 20 ئادەمنىڭ ئىشىنى ھەقسىز قىلىپ بەر دېسە سىز قىلامسىز؟4 V, V& g. \+ b* Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
گەرچە بۇ يەردە باشقىلار ھەقسىز تارقاتقان يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلىنىپ ھەقلىق ئىش قىلسىمۇ ، شۇ ھەقلىق ئىش قىلغۈئان ئادەم بىلىمىنى، ۋاقتىنى قىممەتكە ئايلاندۇرىدۇ، ھەرگىز شۇ دېتالنى بىۋاستە نەق پۇلغا سېتىپ كىرىم ياراتمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركيۇرت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 15:51  
! j2 ~! z4 a0 H4 p, r! P9 m, k' p
; Y( Z8 a) b8 N/ [2 A" @  pبىز ھەقلىق نەرسىدىن قورقماسلىقىمىز كېرەك. بىزدىن چىقسا قېرىندىشىمىزغا كىرىدۇ. ئۇلار شۇ پۇللار ئارقىلىق تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارمۇ تەرەققىيات ساھەسىدە  بىر بالداق يوقۇرىغا ئۆرلەيدۇ. ھەر ۋاقىت ھەقسىز نەرسىنىڭ كويىدا يۈرسەك ئاشۇ بىزگە پايدىلىق يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلارنى قوللاپ ئازراق بولسىمۇ  ھەق بەرمىسەك ئۇلار قانداقمۇ ئالغا باسالىسۇن؟
ۋاقتى: 2014-12-30 16:31:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇشماڭلار. مەن دەسلەپتە كومپىيۇتىر ئۈگۈنىمەن دەپ توردىن سەللا ئىزدىسە تېپىلدىغان كومپىيۇتېر بىلىملىرى دېگەن كىتاپنى 30 يۈەنگە سېتۋالغان ئىدىم. كۆرۈپ كومپىيۇتېر توغرىسىدا ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچە ھاسىل قىلدىم ھەم كىچىككنە مەسلىنى ھەل قىلالماي كمپىيۇتېرنى يۈدۈپ ئۇستاملارنىڭ يېنغا ئاپرىپ پۇلغا ئوڭشۇتۇش (يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال كاشىللىرى) ئاۋارچىلىقىنى تۈەنلەتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۈگەنگەنسىرى خېلى ئۇستا بولۇپ قالدىم ھەم ھېلقى مەن 30 يۈەنگە سېتۋالغان ئېلكىتابنىڭ توردا ھەقسىز كەڭ كۇشادە تارقىلىپ يۈرگىننى كۆردۈم. كۆڭلۈمدە پۇلغا ئېلىپ ئولتۇرۇپتىمەن دەپ ئويلۇدۇم لىكىن پۇشايمەن قىلمىدىم مەن بىلمىگەندىكىن پۇلغا ئېلشىم ھەقلىق دەپ قاردىم. يەنە بىر كۈنى بىر بالىنىڭ ناخشا مۇزىكا ئايلاندۇرۇپ يۈرگىننى كۆردۈم،ئاشۇ سېستىمىڭىزنى ماڭا بىرىڭ دېسەم پۇلغا سېتىپ بىرمەن دىدى ماقۇل دەپ ئالدىم. كېيىن توردا كەڭرىكەن لىكىن پۇشايمان قىلمىدىم، ئوخشاشلا بىلمىگەندىكىن  دەپ ئۈزۈمنى توختاتتىم. كىيىن مەن ئاشۇ پۇلغا ئالغان نەرسىلىرىمنى باشقىلارغا ھەقسىزلا بىرىۋەردىم. كۆڭلۈمدە مەن پۇلغا ئالغانغۇ دەپ ئويلۇدۇم لېكىن بىكارغا رازى بولۇپ بەردىم. ھازىر ئۆيدىن چىقساقلا پۇل بولمىسا بولمايدۇ. ھەممىڭلار بىلسىلەر ھەقلىق نەرسىنىڭ قىممىتى بۇلدۇ قەدىرى بۇلدۇ. مىسال سىز شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئېمتىھان سېستىمىسىنى بىر تونشىڭىزدىن ھەقسىز قاچلىتىۋېلىڭ. بۇنى سىز قانداق ئۈگۈنسىز؟ قانچىلىك ۋاقىتتا ئۈگۈنسىز. ھەم قانچىلىك قەدىرلەيسىز؟ سىز ئۇ سېستىمىنى 100 يۈەنگە سېتۋېلىڭ. سېلىشتۇرۇڭ ئككىسنىڭ قايسىسىغا بەكرەك قىزقىسىز؟ قايسىسىنى قەدىرلەيسىز؟؟ مەن دېمەكچى شەخسەن مەن ھەقلىق دېتاللارغا پىكرىم يوق. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاشۇ ھەقسىز دېتاللارنى ھەقلىق سېتىشىمۇ شۇ ئادەمنىڭ بىلىمى ئەمەسمۇ. ئادىلكام دېگەندەك.. پۇل بولسا ئالمىز بولمىسا تۇرمىز قاراپ. ئۇلاردىن ئاغرىنساق بولمايدۇ. دېھقان ئوغلى نۇرغۇن ۋاختىنى سەرىپ قىلىپ ياخشى دەرىسلىك دېتاللارنى ئىشلەپ ھەقسىز تارقاتسا ھەممىمىز چاۋاك چالدۇق. ئوننى ھەقسىز قىلىپ توك پۇلى بولسىمۇ چىقسۇن دەپ بىرنى ھەقلىق قىپ قويسا دېمگەن گىپمىز قالمىدى. دېھقان ئوغلى نان يېمامدا. توكى بىكارلىقما؟ ۋاختىنغۇ دېمەيلى. مىسال مەن بىلسىلەر بىر نەچچە ئاۋازلىق ئېلكىتاپ تۈزۈپ توردا ھوزۇرڭلارغا سۇندۇم ھەقسىز. بۇنۇڭدىن مەنمۇ خۇش چۈشۈرگەنلەرمۇ خوش. شەھرىمىزدىكى مەلۇم كومپىيۇتېر شەھەرچىلىرىدە مەن ياسغان ئاشۇ كىتاپنى دىسكىغا ئويۇپ سىتقىلى تۇرۇپتۇ. بازار ئارلاۋېتىپ كۆرۈپ قالدىم. بىراق ھېچنىمە دىمدىم. نىمە دىيىتتىم؟ بەش يۈەنگە ساتا. ئۈ قۇرۇق دېسكىنى پۇلغا ئالمامدۇ؟ ئاۋۇ دۇكانغا ئىجارە تۈلمەمدۇ؟ ئۇ نان يىمەمدۇ؟ كۆڭلۈمدە شۇلارنى ئويلاپ ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلشىنى خاتا ئەمەس دىدىم. شۇڭا مەن تېما ئىگىسىنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلىمەن قوللايمەن.
& P7 f# q) Q) H! @% N كەچۈرڭلار تېلفۇندا يازغاچقا مەزمۇن ئىملانىڭ سۈپتى ياخشى بولماي قالدى.
: h+ M0 n* t3 y
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-30 18:50:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 15:329 ?6 R# ^" \2 g+ P7 x" f8 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇنبىرىمىزدە ھەر قانداق ئادەمنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشن ...
0 f9 H7 S2 T, @  C: o! R( j$ aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىز شۇنداقلا كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ ئەسلى مەقسىدىمنى چۈشەنگەنلىكىگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت!
" t; d& f- L2 V4 X% A$ P! Nمەن بۇ ھەقتە ئويلاۋاتقىلى نۇرغۇن يىللار، بەلكىم ئون نەچچە يىللار بولغاندۇ، بىراق ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇشۇ ھەقتە بىرەر نەرسە يېزىپ باقماپتىكەنمەن. ئاخشام يېرىم كېچىدە چارچىغىنىمغا قارىماي، قىلچە ئورگىنالسىزلا مۇنبەرگە بۇ ھەقتە تېما يوللىغان ئىدىم.
, g- u( h8 s4 t# T" b9 k1 Yمەنمۇ ئەسلى مەقسەتتە «بەگمۇرات» توردىشىمىز خاتا چۈشىنىۋالغاندەك قانداقتۇر بىر ئىدىيىنى تەشۋىق قىلماقچىمۇ ئەمەس. ناۋادا شۇنداق بولغان بولسام 2002- 2003- يىللىرىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈز يۈەنلەپ ھەقلىق يۇمشاق دېتال سېتىۋالمىغان بولاتتىم، كومپيۇتېرغا دائىر نەچچە مىڭ يۈەنلەپ كىتاب سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئۆزۈملا ئەمەس ئەتراپىمدىكىلەر، مەندىن كومپيۇتېر ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋاتقان كۇرسانتلىرىمغا ھەقسىز بېرىۋەتمىگەن بولاتتىم... ئەمما ماڭا شۇ گەپنى قىلغان (قوپاللىق بىلەن ئەسلى مەقسىدىمنى قەستەن بۇرمىلاشقا ئورۇنغان) شۇ قېرىندىشىمىزنىڭ زادى قانچىلىك ھەقلىق دېتال ئىشلەتكەنلىكى بەلكىم ئۆز كۆڭلىگە ئاياندۇر. مەيلى شۇنداق بولسۇنمۇ دېسەك، گەپنى ئۇنچىۋالا قىلىپ كېتىشنىڭ نە ھاجىتى. بولدىلا. قالغان گەپنى ئادىل ئاتامان باشلىق كۆپچىلىك قىلىپ بوپتۇ، بۇ ھەقتە يەنە ئارتۇق سۆزلەپ ئولتۇرماي.4 l! P0 ~# ~. i. A3 e4 X4 F& Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ مىنى قوللىغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە يەنە ساغلام، ئىلمىي بولغان تور مۇھىتى شۇنداقلا ئىناق كىشىلىك تۇرمۇش بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشايلى.
ۋاقتى: 2014-12-30 20:55:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بۇپتۇ، بازاردىمۇ ئەپلىسى، باناننى ئىچكىرىدىن ئاچىققانچە ھەسسىلەپ پۇلغا سېتىپ پۇل تاپىدۇ بىز ئۇلارنى ئەزەلدىن ھاقارەتلەپ باقمىدۇق، بىلىمى بارلار كومپىيوتېردىن بىزگە ياتىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن پايدىلنىپ تەرەققى قىلدۇرساق، بىلمەيدىغانلار ئۈگۈنىۋالسا ياخشى بىزمۇ ئامال بار ھەقلىق دېتاللارنى سېتىۋالايلى ، ئەمدى ئىقتىسادىمىزدىن تارتىلساق مەيلى بار ئامالدىن پايدىلىنىايلى، لېكىن دېتال ئۈچۈن ئەجرى قىلغانلارنى ئويلاپ قورايلى

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-17 09:19

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش