روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3458|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى
5 q( c, l, D# t6 @& bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

9 o6 S: V$ J. E2 W/ Oئۇيغۇلار- ئۇزاق تارىخقا، شانلىق ئەنئەنىگە ئىگە مىللەت. ئۇلار سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش بولۇپ شەكىللىنىش جەريانىدا ئۇرۇق- قەۋم- قەبىلە-قەبىلە ئىتتىپاقى، خەلق، مىللەت بولۇشتەك تارىخىي تەرەققىيات جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتكەن ھەمدە زور ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنى ۋە نۇرغۇن ئەگرى- توقايلىقلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن.3 r3 y7 ~4 w1 Y" |) wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەڭ دەسلەپتە ھون ئىتتىپاقىغا كىرگەن. ھونلار- ئېلىمىزنىڭ شىمالىي ۋە مۇڭغۇ دالاسىدا ياشىغان. ئەڭ قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى. ھونلارنىڭ تەڭرىقۇتى تۈمەن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 174-يىلدىن 209-يىلغىچە) ۋاقتىدا نۇرغۇن ئۇرۇق قەبىلىلەرنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھون ئېمپىرىيىسىنى قۇرغان. مىىلادىيە 85- يىلغا كەلگەندە ھەربىي كۈچ جەھەتتە زەئىپلەشكەنلىكى، كۈچلۈك قەبىلىلەرنىڭ ھۇجۇمى ۋە ئىچكى جەھەتتە پارچىلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار يىراق جايغا (تاكى ۋېنگىرىيىگىچە) كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.: g! l$ {9 b6 F  v% g$ tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھونلارنىڭ كۈچى تەلتۆكۈس يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلار. ئىگەللىۋالغان بىپايان كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونلىرى سىيانپى، تۇرا ۋە جۇجانلار تەرىپىدىن ئىگەللەنگەن. مىلادىيە 5- ئەسىرگە كەلگەندە تۈركلەر ئۆزلىرنىڭ مەشھۇر قاغانلىرى- تۈمەن، ئىشىگەلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا قەبىلىلەرنىڭ زور ياردىمى بىلەن جۇجانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ تۈرك خانلىقى (522-744) نى قۇردى. ئۇيغۇرلار تۈرك دۆلىتىدە مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ جەھەتتە «شىمالىي خانلىقلار تارىخى، تۇرالار تەزكىرىسى» دە: ‹‹تۈرك دۆلىتى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار شەرق ۋە غەربكە كېڭەيمىچىلىك قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلاندى.... ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىدىن پايدىلىنىپ  مۇڭغۇل دالاسىنىڭ شىمالىدا دەۋران سۈردى›› دېيىلگەن.627-يىلغا كەلگەندە شەرقىي تۈرك خانلىقى ئاجىزلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئالتاي تاغ تىزمىلىرى ئەتراپىدا باش كۆتۈرگەن سۈر- تاردۇشلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ماجرا تۇغۇلغانلىقتىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ باشلىغى تۇمىدنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىمالىي تەرەپتىن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، سۈر- تاردۇتاشلارنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭ بىەن بىللە تۇمىد 644-يىلى ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتىدى. 648- يىلى تۇمىد تاغىسىنىڭ ئوغلى ئۇخ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئۇخ قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ شىمالدىكى تۈرك قاغانى- قېيىنئاتىسى چابىش قاغانغا قارام بولماقچى بولىدۇ، لېكىن بۇ پىلاننى تۇمىدنىڭ ئوغلى بولۇن تارمار قىلىپ تەخىتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ.
) ?- D, V) J9 V2 x) x742- يىلى ئۇيغۇر، قارلۇق ۋە باسمىل قاتارلىق ئۈچ قەبىلە بىرلىشىپ، تۈرك خانلىغىدىكى قالايمىققانچىىقتىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ- دە، قۇت ياپغۇنى ئۆلتۈرۈپ باسمىللارنىڭ باشلىغى ئىلتەرىشنى قاغان قىلىپ تىكلەيدۇ.
! I& c$ j. W4 |% X744- يىلغا كەلگەندە كۆل بىلگە قارلۇقلار بىرلىشىپ شىمالىي ئوردا (جىمسار) ئەتراپىدا باسمىللارغا ھۇجۇم قىلىپ ئىلتەرىشنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇلار كۆل بىلگەنى تەخىتكە چىقىرىپ ئۇنى «قۇتلۇق كۆل بىلگە خاقان» دەپ ئاتايدۇ. تاڭ سۇلالىسىمۇ بۇ خانلىقنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە كۆل بىلگە خاقانغا «رەھىمدىللىككە ھېرىسمەن خاقان» دەپ نام بېرىدۇ. ئۇنىڭ پايتەختى ھازىر مۇڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۆتۈكەن  تېغى ئېتىكىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ خانلىقنىڭ زېمىنى شەرقتە سىربىت (شىرۋى) لارنىڭ زېمىنى (شىڭئەنلىڭ تاغ تىزمىلىرى ئەتراپىلىرى) غىچە، غەرپتە ئالتاي تېغىغىچە ۋە شىمالدا بايقال كۆلى (سىبىرىيىدە) گىچە، جەنۇپتا مۇڭغۇل دالىسىنىڭ جەنۇبىغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خانلىققا بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدا ماكانلاشقان تۇبا قەبىلىسى بايقال كۆلىنىڭ غەربىدە ماكانلاشقان قۇرىقات قەبىلىسى، يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنلىرىدا ماكانلاشقان قىرغىز قەبىلىسى، ئالتاي تېغى ئەتراپىدا ماكانلاشقان قارلۇق قەبىلىسى، تىيانشاننىڭ شىمالىدا ماكانلاشقان سارت قەبىلىسى، يىنشەن تېغى (ئىچكى مۇڭغۇلدا) ئېتەكلىرىدە ماكانلاشقان تاڭغۇت ۋە تۇيغۇن قەبىلىلىرى، شىڭئەنلىڭ تاغ تىزمىلىرى ئەتراپىدا ماكانلاشقان شىرۋى، تاتابى ۋە قىدان قەبىلىلىرى ۋە باشقىلار تەۋە بولىدۇ. ئۇيغۇر خانلىقى ھون  ئېمپىرىيىسى ۋە تۈرك خانلىغىنىڭ تۈزۈملىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە دۆلەت تۈزۈمىنى شەكىلەندۈرگەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى خاقان دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا تىگىن، يابغۇ، شاد، ئايار، جاغۇدا(مەسلىھەتچى)، تارخان، بۇيرۇق، سەنگۇن، قاتارلىقلار بولغان. خانلىققا تەۋە بولغان قەبىلىلەرنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىغا دەرىجىسىگە قاراپ ئەركىن(ئىركىن)، چۇرئىلتەبىر، تۇتۇق قاتارلىق ئۇنۋانلارنى بەرگەن ھەم ھەر قايسى قەبىلىلەرگە تۇتۇڭ(نازارەتچى) ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ باج-سېلىق، مەمۇرىي ئىشلىرىنى نازارەت قىغان.& u) @" c- E6 r  t; A3 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
747- يىلى بىلگە ئۆلگەندىن كېيىن ئورنىغا بايانچۇرتەختكە چىققان، ئۇ قارلۇق ۋە باسمىللارنىڭ ئىسيانىنى تىنجىتقان ۋە قارابالاساغۇننى پايتەخت قىلىپ سالدۇرغان. 755-يىلى تاق سۇلاىسىدا ئەنلۇشەن توپىلىڭى يۈز بېرىپ، توپىلاڭچىلار شەرقىي ئوردا لوياڭ بىلەن  غەربىي ئوردا چاڭئەن (شىئەن) نى بېسىۋالىدۇ. 756- يىلى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سۇزۇڭ ئۇيغۇرلار خانلىقىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. بايانچۇر ئۆزىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى توپىلاڭنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ ۋە چاڭئەننى تاڭ سۇلالىسىغا ئېلىپ بېرىدۇ. پادىشاھ بۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن كىچىك قىزى نىڭگۇ مەلىكىنى بايانچۇرغا ياتلىق قىلىدۇ ۋە ھەر يىلى ئۇيغۇر خانلىقىغا 20 مىڭ توپ تاۋار بەرمەكچى بولىدۇ.   \. n9 q( z+ _  Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
780- يىلى ئۇيغۇر خانلىقىدىكى تەڭرى قاغاننىڭ ۋەزىرى تونباغا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى- بۇ خانلىقنىڭ زەئىپلىشىشىگە يۈز تۇتقانلىغىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تونباغا شۇ قېتىم خاقان بىلەن بىرگە ئۇنىڭ يېقىن مۇلازىملىرى ۋە مۇھاپىزەتچىلىرىدىن ئىككى مىڭ ئادەمنى بىراقلا قىرغىن قىلىدۇ.789- يىلى تونباغا ئۆلۈپ ئوغلى تەختكە چىقىدۇ. لېكىن بىر يىلدىن كېيىن ئۇ قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئورنىغا ئوغلى ئاچۇر ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئەمما ئۇ كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھوقۇق چوڭ ۋەزىر ئىل ئۆگەسنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا قارلۇق قاتارلىق قەبىلىلەر ئۇيغۇر خانلىقىدىن يۈز ئۆرۈپ تۇبۇتلارغا تەۋە بولىۋالىدۇ. تۇبۇتلار شىمالىي ئوردىنى بېسىۋالىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئىل ئۆگەس ئۆلۈپ كېتىدۇ. 795- يىلى قۇتلۇق خاقان تەختكە چىقىدۇ. 824- يىلى خانلىق تەختكە قاسار تېگىن چىققان مەزگىلدە ئوردا ئىچىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۆرىشى يەنىمۇ ئەۋج ئالىدۇ. خاقاننىڭ ۋەزىرى بىلەن سارت قەبىلىسى ئىسيان كۆتىرىپ تاڭ سۇلالىسىغا تەۋە بولىدۇ ۋە خاقان بىلەن ئۇرۇشىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا خاقان مەغلۇب بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ. ئورنىغا كىسا تېگىن خاقان بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇيغۇر خانلىقىدا تەبئىي ئاپەت بولغانلىقى ۋە كېسەللىك تارقالغانلىقى تۈپەيلىدىن ئاچارچىلىق يۈز بېرىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن پايدىلانغان شىمالدىكى قىرغىزلارنىڭ ئون تۈمەن ئاتلىق ئەسكىرى ئۇيغۇر سانگۇنى(سانغۇنى) كۇللۇگ باغاننىڭ يول باشلاپ بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى- قارا بالاساغۇننى ئىشغال قىلىپ، خاقان ۋە باشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈز يىل دەۋران سۈرگەن ئۇيغۇر خانلىقى گۇمران بولىدۇ.
3 N' h5 g5 D3 Y' o* L) H! fمەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1985- يىل 2- سانىدىن ئېلىندى.+ M2 `# k$ ]9 A: qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2015-6-7 12:12:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھونلارنىڭ كۈچى تەلتۆكۈس يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلار. ئىگەللىۋالغان بىپايان كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونلىرى سىيانپى، تۇرا ۋە جۇجانلار تەرىپىدىن ئىگەللەنگەن.
1 p+ T, Z1 v- x: H# T- S...........................
2 ?3 B6 Y- W3 |* q8 C4 F# Y$ gتۇرالار تۇران تۈزلەڭلىكىدە ياشىغان ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتەمدۇ؟
ۋاقتى: 2015-6-7 15:32:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا  ئۆز ئادىمىنىڭ ئاسىيلىق قىلىشىدىن  ،،،مەغلۇپ بوپتىكەندە،،،،،،،،،،تارىخى  كىتاپلاردا  كۆپىنچە  ئۆز ئادىمىنىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن يوقىتىلغانلىقى سۆزلىنىدىكەن...................
ۋاقتى: 2015-6-7 18:30:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تارىخي ماتېرىياللارنى يوللاپسىز ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-6-7 22:33:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت
مەن تارىخى ماتىرياللارنى كۆرۈشكە ئامراق، رەھمەت!  يەنە داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز
ۋاقتى: 2015-6-9 10:01:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تارىخي ماتېرىياللارنى يوللاپسىز ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت
ۋاقتى: 2016-2-2 17:23:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخنىڭ ئۇنتۇلىشى، يېڭى بىر ھالاكەتنىڭ كىلۋاتقانلىقىدىن سىىگنال بېرىدۇ،   يۇللىغان تېمىلىرڭىزغا تەشەككۇر ، ھارمىغايسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-12 20:43

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش