(«بىلكۈچ كۇتۇپخانىسى» دا ئويلىغانلىرىم )
- L, I3 E' b6 B6 o( M# { % I; V4 T- ?% F# r3 N$ W7 {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن ! |6 [7 x2 ~* P$ d! X8 Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7 A( Y9 y3 x& g+ ^' Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2014-12-26-كۈنى يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللانغان تاھىر خالىق نامىدىكى (شىنجاڭ بىلكۈچ مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى )نىڭ تەشكىللىشى بىلەن «بىلكۈچ كۇتۇپخانىسى» دا 12-ئاينىڭ 27-كۈنى(شەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دا، ئازات سۇلتان مۇئەللىم «مېنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىم»دېگەن تېمىدا ، 12-ئاينىڭ 28-كۈنى (يەكشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دا، يازغۇچى پەرھات جىلان «مەھمۇد كاشغەرىي» رومانىنى چۆرىدىگەن ھالدا لېكسىيە سۆزلەيدۇ ۋە ئوقۇرمەنلەر بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ، دىگەن خەۋەرنى كۆرۈپ قەلبىمدە بۇ ئىككى ئۇستازنىڭ لېكسىيىسىنى ئاڭلاش ۋە ئۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئىستىكى تۇغۇلدى،شۇنىڭ بىلەن تېزلا تەيارلىنىپ ئۈرۈمچىگە ماڭدىم ،لېكسىيە زالىغا كىرگىنىمدە پەقەت بىرنەچچىلا ئادەم كەلگەن ئىكەن، لېكسىيە زالىمۇ ئانچە چوڭ ئەمەس،بۇلارنى كۆرۈپ ئۈمۈتسىزلىنىپ قالدىم،چۈنكى مەن يول بويى بۇ زالدا ماڭا ئورۇن قالماسلىقىدىن، كېچىكىپ قېلىپ ئاڭلىيالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم،كۆز ئالدىمغا نەچچە يۈز ئادەم قاتناشقان ھەيۋەتلىك ،چوڭ زال نامايەن بولغان ئىدى،بۇ چاغدا مەن ماڭماقچى بولغاندا بەزى دوستلىرىمنىڭ دىگەن مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسلەپ قالدىم ،« ئالايتەن بېرىپ ئاڭلىغۇدەك نىمىسى بار...، ئۇنداق گەپلەر توردا جىق،..ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلماي تورغا يوللىغاندا كۆرمەمسەن ؟...» & _8 |7 p' W" ^/ w2 W7 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاخىرى 30-40 چە ئادەم يىغىلغان زالغا ئازات سۇلتان مۇئەللىم كىرىپ كەلدى،ئۇ مېھمانلار بىلەن قىزغىن باش لىڭشىتىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ،«بىر كىتاپ-بىر ئالەم سەھىپىسىنىڭ رىياسەتچىسى كۈرەش بارات مېھمانلارغا ئازات سۇلتان مۇئەللىم ۋە ئۇنىڭ ئىجادى ھاياتى،بۈگۈنكى لېكسىيىنىڭ مەزمۇنى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن لېكسىيىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى ، رىياسەتچى ئازات سۇلتان مۇئەللىمنىڭ سالامەتلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ ئولتۇرۇپ سۆزلەشنى ئېيتقان بولسىمۇ ،ئۇ مېھمانلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن تۇرۇپ سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى،گەرچە لېكسىيە 4 سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان بولسىمۇ، ئۇ قىلچە ھارغاندەك قىلمايتتى،لېكسىيىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى، ئىجادى پائالىيىتى ۋە مۇندىن كېيىنكى ئارزۇ-ئۈمۈتلىرى،ئەدەبىيات دىگەن ئۇقۇم ھەققىدە شۇنداق قىزغىن،روھى كۆتىرەڭڭۈ ھالدا سۆزلىدى،مېھمانلارنىڭ سورىغان سوئالىغا ئەتراپلىق،قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بەردى،بۇنىڭ بىلەن قەلبىمدىكى بايىقى غەشلىكلەر نەلەرگىدۇ يوقاپ ،ئۇنىڭ ئورنىنى بۇ ئۇستازغا بولغان قايىللىق،ھۆرمەت ،پەخىرلىنىش،ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ پەنگە بولغان ئوتتەك سۆيۈنۈش ئىگىلىدى.
9 W8 l8 W j+ ?ئىككىنچى كۈنى يەنە تاقەتسىزلىك بىلەن ئۇستاز پەرھات جىلاننى كۈتىۋالدۇق،بۇ لېكسىيىدە ئۇ ئۆزى يازغان «مەھمۇد كاشىغەرى» ناملىق تارىخى رومانى ۋە« ئاھ ئېتىم» ناملىق رومانىدىكى سىرلار ھەققىدە مېھمانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى،« مەھمۇد كاشىغەرى» نىڭ ھاياتى بەدئى توقۇلمىمۇ ،دىگەن تېمىدا بەس-مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى .3 c6 e+ z, f; u) S( N& C9 j4 W# l% H8 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ ئىككى كۈنلۈك پائالىيەتتىن مەن شۇنى ھىس قىلدىمكى، بىزنىڭ ئۇستازلىرىمىز بىز ۋە بىزدىن كېيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن توختىماي ئىزلىنىۋېتىپتۇ، مىللىتىمىز،خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش،كۈچەيتىش يولىدا ھارماي قەلەم تەۋرىتىپ،يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىۋېتىپتۇ ،،ئەمما بۇنى قانچىلىك ئادەم ھىس قىلالىغاندۇ،مانا بۈگۈنكىدەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە سەل قاراپ ،ۋاقىت چىقىرالماسلىقى، «100 يۈەن تىزىملاش ھەققى ئالىدىكەن» دەپ تۇمشۇقلىرىنى ئۇچۇرۇشلىرى..... ئىككى ئۇستازنىڭ شۇ ئازغىنە مېھمانلار ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ ،يەنە شۇنداق قىزغىن بولۇشلىرى....ئەگەر شۇ تاپتا بىرەر داڭلىق ناخشىچى ياكى يېڭى ئىشلەنگەن بىرەر فىلىم قويۇلىدۇ دىگەن خەۋەر تارقالغان بولسا كىشىلەر بەس-بەستە ،بېلىتى نەچچە پۇل بولۇشىدىن قەتئىنەزەر سېتىۋېلىپ تامىقىنىمۇ يىيىشمەي چاپقان،زالدا ئورۇن قالمىغان بولاتتى ،دىگەنلەرنى ئويلاپ بەك ئەپسۇسلاندىم ،ماڭا بۇنداق پۇرسەتلەر كۆپ بولمىغاچقا شۇنداق تەسىراتتا بولدۇممۇ ياكى...بۇلارنى ئويلاپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى ، ئەمما خۇشال بولغىنىم ،پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ كۆپى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ ئۇلارنىڭ دادىل ،چوڭقۇر پىكىرلىك سوئاللىرى، لېكسىيىگە نىسبەتەن ئەستايىدىل ،قىزغىن بولۇشى ،يېڭى-يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشى مېنىلا ئەمەس،ئۇستازلار ۋە مېھمانلارنى ھەيران قالدۇردى ،ئۇلار ھېلى مائارىپىمىزدىكى بوشلۇقلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويسا،ھېلى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ،يېزىقچىلىق بىلىملىرىدا ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىماي سورايتتى ۋە مۇنازىرە قىلاتتى،قانداق قىلغاندا يېزىقچىلىقتىكى سەۋىيەمنى يۇقۇرى كۆتىرەلەيمەن، مەن بىر ياخشى دادا ، بولۇشنى ئويلايمەن دىگەندەك كەلگۈسىگە بولغان يۈكسەك نىشانلار مېنى ھاياجانغا سالدى، دىمەك ياشلىرىمىزدا يەنىلا ئۈمۈت زور ئىكەن ،
& C: t1 c. s/ s$ @* ^) T$ Q. a( L مېنى ھاياجانلاندۇرغان يەنە بىر ئىش شۇ بولدىكى، «بىلكۈچ كۇتاپخانىسى »مۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە ،كىتاپ ئارىيەت بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ ،بىۋاستە كىتاپ سېتىۋالالماسلىقتەك ئەھۋالغا خاتىمە بەرگەن ،مەن بۇ يەردە كونىراپ كەتكەنلىكىدىن رەڭلىرىمۇ ئۆچۈپ قالاي دىگەن كىتاپلارنىمۇ،يېڭى-يېڭى نەشىردىن چىقىۋاتقان كىتاپلارنىمۇ ئۇچراتتىم، ،ئۇلار يەنە كىتاپ كۆرگىلى كەلگەنلەرنى ئازادە مۇھىت،قولاي شارائىتلار بىلەن تەمىنلەپ،راھەت ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىپتۇ.مەن كىتاپخانىغا 8 ياشلىق بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن بىر خېرىدار بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ ئۇنىڭ بالىسىنىڭ دەم ئالسىلا مۇشۇ يەرگە ئەكىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ،بۇ ئوماق يىگىتكە مەستلىگىم كەلدى ،ئۇ مېنىڭ ،-سىز كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرەمسىز ،-دىگەن سوئالىمغا كۆزلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ،- مەن بۇ يەردە كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن ،بۇ يەردە ھەر خىل كىتاپلار بار،يەنە ئولتۇرۇپ چاي،قەھۋە ئىچىپ كىتاپ كۆرگىلى بولىدۇ،قانچىلىك ئولتۇرساق گەپ قىلمايدۇ ،دەپ جاۋاپ بەردى،ئۇنىڭ بالىلارچە بەرگەن بۇ جاۋابىدىن دادىسى بىلەن ئىككىمىز كۈلۈپ كەتكەن بولساقمۇ ،ئەمما بۇ ئاددى بولمىغان جاۋاپتىن بەكمۇ سۆيۈندۈم .
7 e, h3 r+ x/ i! ~
# N; _$ N/ |! v
/ p% D) d9 w: Z" q7 s
/ {' i& m5 }# T4 `0 m, ^5 `
% f9 T* u& Z* a
0 I' f& v! \* o* p( y- w3 K$ d0 y6 S# X3 D8 a5 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پائالىيەت ئاخىرىدا پەرھات جىلان ئۇستازنىڭ « مەھمۇت كاشىغەرى» رومانىنى سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى ،پائالىيەتكە كەلگەنلەر بۇ كىتاپنى بەس-بەس بىلەن سېتىېۋېلىشتى ۋە ئۇستازنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇشتى. ئىككى كۈنلۈك پائالىيەت ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك،كۆڭۈللۈك ئاياقلاشتى.& O4 o. ~9 l4 F& t6 a7 i1 M+ bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2015-يىلنى كۈتىۋېلىش بوسۇغۇسىدا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك سوۋغىغا ئېرىشكىنىمدىن تولىمۇ شاتلاندىم .ئىشىنىمەنكى 2015-يىلى تېخىمۇ مەنىلىك،مۇۋاپپىقىيەتلەرگە تويۇنغان ،ئەھمىيەتلىك بىر يىل بولغۇسى .
# S0 n, K+ f* W+ E. C4 L" x: t. `( [2 O* `; Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2014-12-30-كۈنى . قاراماي ) Q2 I( P, a7 w" @1 U7 Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
|