روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2034|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سوغوق شەھەردە چاقنىغان نۇرلۇق قۇياش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-20 16:23:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مەن بۈگۈن مۇنبەردىشىمىز "خىرىستال"يەنى قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن بىلەن تۇنجى قېتىم توردا پاراڭلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇم، پاراڭلىشىش جەريانىدا قەلبىنۇرنىڭ بىر پەرزەنتىنىڭ تۇغۇلىشىدىنلا ئاجىز تۇغۇلۇپ قالغانلىقى، شۇ پەرزەنتىنى داۋالىتىش ئۈچۈن توققۇز يىل جاپا چەككەنلىكى، بۇ جەرياندا خىزمىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغانلىقى، ۋە بالىنى داۋالاپ ساقايتىش ئۈچۈن يولدىشى بىلەن ھەرقانداق جاپاغا چىداشقا   تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقى ئاڭلىغىنىمدا بۇ قەيسەر ياش ئاتا- ئانىغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم. ئانا ئۇلۇغ، لېكىن ھەممە ئانىلار ئۇلۇغ بولىۋەرمەيدۇ، ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان بەزى تىراگىدىيىلەر بۇنىڭ جانلىق پاكىتى. ئالىي مەكتەپ تەرەتخانىلىرىنىڭ ئەتراپىدىن تېپىلغان بوۋاق جەسەتلىرى ، مىيىپ ، كېسەل پەرزەنىتلەرنى تاشلىۋېتىش قاتارلىق ئادىمىيلىككە يات ئىللەتلەر بىزگە مەسئۇلىيەت ھەققىدە نۇرغۇن سۇئاللارنى تاشلىماقتا. مەن  بۇ شېئىرنى قەلبىنۇر ھەسەنگە ئوخشاش ۋىجدانلىق، مەسئۇلىيەتچان،ئاق كۆڭۈل ئانىلارغا بېغىشلايمەن.

سوغۇق شەھەردە نۇرلۇق قۇياش

رەپقەت غوپۇر



سوغۇق شەھەر.......

غادايماقتا ئىگىز بىنالار،

ياتلاشماقتا تونۇش سىمالار،

قۇياشتىن يىراق مەھەللە ئارا،

ياتلىشىشقا  ئىنتىلگەن ،

مەنپەئەت يىپىغا چېگىلگەن،

ۋاپا گۈلى ئۈزۈلگەن،

چۈشكۈن روھلاردا،

نالە قىلىدۇر ئۈنسىز بىر نىدا.

سوغۇق شەھەر،

دىلى قارا، ھەممىسى قارا،

كېچە ھەتتا كۈندۈزمۇ قارا،

قارا بولۇپ، تۇغۇلغان گويا.

قوينۇڭدا ئەنە،

تاشلانماقتا بۇلۇڭلارغا،

ئەخلەتخانا، تۇڭلارغا،

ھاجەتخانا، يوللارغا

غۇبارسىز ، بىچارە سەبىي بوۋاقلار.

ھەي، لەنىتى ئانىلار...

ھەي، غۇرۇرسىز دادىلار....

ۋىجدانىنى ئىپلاسلىققا يەم قىلىپ،

مىيىپ بولسا ئۆلگەنلىككە تەڭ قىلىپ،

ياكى نامرات، پۇلى يوقنى پەش قىلىپ،

بۇزۇقلۇقنى يوشۇرۇشقا پەم قىلىپ،

ھايۋاننىڭمۇ ئاق نامىغا داغ قىلىپ،

لەنەت تۈۋرۈكىگە مىقلانغان

مەخلۇقلىرىڭغا.

ياق، سوغۇق شەھەر،

سەن كۆككە سالغىنا نەزەر،

تاڭنىڭ چولپان يۇلتۇزى بولۇپ،

ھارارەتكە گۈلدەك تويۇنۇپ،

سەن كەمسىتكەن خىلۋەت بىر جايدا

كېسەلچان ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ

ھەتتا خىزمەت ،ھەممىدىن كېچىپ،

كۈندە ئۆزى قۇرۇق سۇ ئىچىپ،

يۈرىكىنى ئوغلىغا بېرىپ،

ياشىماقتا گۈزەل ياش ئانا.

ئۈمت نۇرى ئۆچمەيدۇ مەڭگۈ،

مۇھەببەتكە تولغان قەلبتە.

كېسەلچانلىق، ئۇ گۇناھ ئەمەس،

ۋاز كېچىشكە ئۇ بانا ئەمەس،

باغرىن يېرىپ چىققان پارىنى

ئانا ھەرگىز ساقايماس دىمەس.

ئۈمت بىلەن باقىدۇ ئانا،

‹ئوغلۇم، ساڭا، يۈرىكىم مانا،

گۇناھ دىسە، ئەي جېنىم ئوغلۇم،

سېنى مەجرۇھ  تۇققىنىم گۇناھ.›

ھەر كېچە ئۇيقىدىن ۋاز كېچەر ئانا

سىرتتا پۇل تاپار جاپاكەش دادا.

توققۇز يىل، توققۇز ياش ھەمرا بولماقتا،

ئاچكۆز ھەم، ۋاپادار دوختۇرخانا.

ياق، سوغۇق شەھەر،

قارىغىن كۆككە،

كۆكتە ئەنە يالتىرار قۇياش،

گويا نۇردا يالتىرىغان ياش،

بىلسەڭ بۇ ياشلار قۇياشتەك ئىللىق،

ساداقەت، مۇھەببەت يالقۇنى يانار.

ياش ئانا، كۆزلىرىدە ياش،

شۇ قۇياشتەك.

قولىدا تۇرىدۇ، ۋەتەن ئوغلى،

خەلق ئوغلى،

ئانا قەلبىدە مەڭگۈ ئۇ شۇنداق،

كۈچلۈك، ساغلام، باتۇر بىر جەڭچى!!!

ئانا ھەرگىز ئەگمەيدۇ باش،

ئانا ئۇلۇغ، ئانا قۇياش.

2014.6.16

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +40 ئىناۋەت +40 تەڭگە +50 بايلىق +50 تۆھپە +20 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 40 + 40 + 50 + 50 + 20 ياخشى تېما

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قەلبىنۇر ئۇبۇلھەسەن خانىمغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلانغان بۇ شىئېر تولىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەركەكسىز قېلىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇرچە ئانىللىرىمىز ئازلاپ كىتىۋاتقان ئائىللىرىمىز......تولىمۇ سۈپەتلىك شىئېرى تىل بىلەن قامچىلىنىپتۇ ۋە بۇ ئاساستا قەلبىنۇر خانىمدەك ئۈلگىلىك ئانا ئوبرازى ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن گەۋدىلىنىپتۇ.
ۋاقتى: 2014-12-20 17:04:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر خانىمغا ئوخشاش مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتچان، قەيسەر ئانىلىرىمىزنى قانچە مەدھىيلىسەك ئەرزىيدۇ.
ۋاقتى: 2014-12-20 22:31:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھۆرمەتلىك مۇنبەردىشىمىز «خىرىستال» خانىمنىڭ بۇ تەرىپى قىلىنغان بۇ شېئىردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.
ۋاقتى: 2014-12-21 00:44:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر ھەدىمىزنىڭ تېنى سالامەت بولغاي

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-13 14:27

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش