روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4566|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[ھىكايە] كېكەچ - قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-17 00:51:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
(ھىكايە)- V. d: q! o5 R# _7 kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
( _/ k) `7 \. ^5 n+ Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
( k- @; V! y; A4 Z4 d( g- a8 |: N) B$ n0 w1 a1 kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىشىكنىڭ قاتتىق قېقىلىشىدىن چۆچۈپ ئويغانغان سابىر چىراقنى ياندۇرۇپلا سائىتىگە قارىدى.سائەت ئىككىدىن ئاشقان ئىدى.
/ K( o9 |- x1 T-بۇنچە كەچتە كەلگەن كىمدۇ؟-دىدى گۈلجامال چاپىنىنىڭ بىر يېڭىنى سېپىشكە ئۈلگۈرگەن ئېرىگە ئىسەنكىرىگەندەك  قاراپ.
' w: A6 S1 g! [/ O-سەن يېتىۋە مەن قاراپ باقاي،-سابىر ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تۈۋىگە كەلدى،-كىم؟
$ t: R. F& @6 w-بۇ...بۇ...مەن..سا..بىر..كا،-سىرتتىن ياسىن كېكەچنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،-بىر.. يىگىت كو..چىدا..يېتىپ قا..پتۇ.
$ z/ Z3 F5 M; h9 ^) |! J; |5 e5 J" x-كوچىدا يېتىپ قالسا مەن بىلەن نىمە ئالاقىسى؟( e, y) m) y! T" M! P+ Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئۇنى دوخ..تۇرخا..نىغا ئا..پارغان..ئىدىم،جىددى قۇت..قۇزمى..ساق بولمايدۇ سا..بىركام..نى چاقىرىپ..كەل،-دىگەن شۇڭا..) s  h- l/ T7 j2 b, H8 j9 Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-نىمە كېسەلكەن جىددى قۇتقۇزمىسا بولمايدىغان؟+ f. b' Z: x- i) O& [7 Z7 \7 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-زە..ھەر چې..كىپتۇ دەمدۇ ئىش..قىلىپ زەھەر..لىنىپ قاپ..تۇ..1 V& Q3 L- C% w+ r% ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-قۇرۇق گەپ، بۇ كىچىككىنە بازاردا كىم زەھەر چەكسۇن،ھاراق ئىچكەندۇ تايىنلىق،سېستىرالار زەھەر قايتۇرۇش ئوكۇلى ئۇرۇپ قويسۇن،مەن ئەتە بارىمەن،-دىدى سابىر ئىشىكنىمۇ ئاچماستىن ئاچچىقلىنىپ،-كۈندۈزدىكى ئىشلار ئازدەك كېچىسىمۇ ئادەمنى ئارامىدا قويمىغان.مېنى ئاۋارە قىلمىغان سەن كېكەچ قالغان ئەمدى.
( C; N$ L' h2 y! ?2 T. n-كىم بولغىيدى،بېرىپ باقسىڭىز بوپتىكەن،-دىدى گۈلجامال پەس ئاۋازدا.سابىر‹‹جىم يات››دىگەندەك ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ چىراقنى ئۆچۈردى.ئېرىنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىدىغان گۈلجامال ئارتۇق گەپ قىلمىدى،ئەمما نىمىشقىدۇركۆڭلى بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى.ئۇلۇق ئاللاھ بەندىلىرىڭنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن،دەپ ئاستا شىۋىرلىدى.6 F2 L% I$ A0 Y! X* qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سابىر بۇ كىچىك ناھىيە بازىرىغا شەھەردىن يۆتكىلىپ كەلگەن بىردىن-بىر ئالى مەلۇماتلىق دوختۇر ئىدى.ئۇ دەسلەپتە تەشكىلنىڭ ئۆزىنى بۇ كىچىككىنە ناھىيە بازىرىغا ئەۋەتكەنلىگىدىن نارازى بولغان بولسىمۇ،دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ:‹‹ئۇ جاي سىزدەك دوختۇرغا بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەن.بىر مەزگىل ئىشلىسىڭىز يەنە قايتۇرۇپ كېلىمىز.››دىگەن تەسەللىلىرىدىن ئىلھاملىنىپ كەلگەن ئىدى.ئۇ ئىشىك-دېرىزىلىرى كونىراپ كەتكەن،غىچىرلاپ تۇرىدىغان بىر ئەسكى كارۋات،سىرلىرى قالمىغان ئۈستەل،ئۈستىدىن كۆمۈر تۆكسە ئاستىدىن چۈشۈپ كېتىدىغان ۋەيرانە مەش قويۇلغان ئىشخانىغا كىرىپ قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالغان ئىدى.شۇڭلاشقىمۇ بىمارلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلمايتتى.باھانە-سەۋەپ كۆرسىتىپ بىمارلارنىڭ ئۆيىگە كېسەل كۆرگىلى بارمايتتى.خۇددى بۇ يەرگە كېلىشىگە ئۇلار سەۋەپچى بولغاندەك دەردىنى ئۇلاردىن ئالاتتى.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاق كۆڭۈل،ساددا دېھقانلار ئەكەلگەن گۆش،ئۇن،مايلار،ئارام تاپقۇزمايدىغان مېھماندارچىلىقلار،ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت،ئھتىراملارنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇمۇ ئاستا-ئاستا كۆنۈشكە باشلىدى.گۆشلۈك ئىڭەكلىرى تېخىمۇ ساڭگىلاپ،قورسىقى يوغىناشقا باشلىدى.ئۇ بىردىنلا ئۆزىنى ھاكىم بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىدىغان،چىرايىدىن كۈلكە ئۆچمەيدىغان،بىمارلارغا ئىللىق،ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
  G4 g6 M  ~3 C# _$ Z/ k-بالىڭىزنىڭ كېسىلى ئېغىر،كېسەلخانىدا ياتمىسا بولمايدۇ،دەرھال پۇل تەيارلاڭلار،دەيتتى سابىر جىددى تەلەپپۇزدا.بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئاتا-ئانىسىنى،ئاتا-ئانىلار باللىرىنى ساقايتىش ئۈچۈن،ھىچنىمىگە قارىماي پۇل غەملەيتتى.بۇ پۇلنىڭ يېرىمى سابىرنىڭ چۆنتىكىگە چۈشەتتى.بۇ يەرگە كەلگىچە يول بويى ئېرى بىلەن سوقۇشقان،تېرەم قارىداپ كېتىدۇ دەپ،ئۆيدىن تالاغا چىقماي نارازى بولغان گۈلجامالمۇ ئامەتلەر ئالدىدا كۆنۈشكە باشلىدى.ئۇلار تېخى سەھرادا نىمە ئۈگەنمەكچى،دەپ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يېنىغا قويۇپ كەلگەن باللىرىنى ئەكىلىۋېلىشنىمۇ ئويلاشتى.بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن گۈلجامال بۇنداق كېتىۋەرسە بىرەر چاتاق چىقىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى.ئېرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يوغىناپ كېتىۋاتقان نەپسى، ئوغلى دىلشاتنىڭ بۇ يەرگە كېلىشكە ئۇنىماي شەھەردىكى ئۆيدە يالغۇز تۇرىۋاتقانلىقى ھەم ئارا كۈندە بىر پۇل دەپ تېلىفۇن قىلىشى، ئۇنى كېچىلىرى ئۇخلىيالمايدىغان،ئازاپلىنىدىغان قىلپ قويدى.ئەمما ئېرىگە ھىچنەرسە دىيەلمەيتتى.بۇنداق چاغلاردا ياسىن كېكەچنىڭ كېكەچلەپ تۇرۇپ ئېيتقان:«ساتمايلى بىز ۋى  t2 l% H! X0 n$ q6 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جداننى،قاخشاتمايلى دېھقاننى››دىگەن ناخشىسى ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزاتتى.( }& {" U8 Y8 b2 Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياسىن كېكەچ شۇ مەھەللىدىكى يىتىم بالا بولۇپ،ئۇنى يۇرتتىكىلەر بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى.ئۇ كىمنىڭ ئىشى بولسا ياردەملىشىپ بېرەتتى،قايسى ئۆيدە تاماق تەييار بولسا شۇ يەردە يەيتتى.ئەمما كېكەچلىگى يەتمىگەندەك،چاچلىرىنى پاخپايتىپ،ساقىلىنى چاڭگىدەك ئۆستۈرىۋالاتتى.كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرگە ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيتتى،بالىلار بولسا ئۇنى مەسخىرە قىلىپ كەينىگە كىرىۋالاتتى.سابىرمۇ شۇنداق ئويلىدى بولغاي،ئۇنى ئىشىكنى ئاچمايلا كەتكۈزىۋەتتى.' P& g/ o9 |' p4 r, z  i: lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەتىسى سابىر ئىشخانىغا كىرىىپ ھەيران قالدى.ئىشخانىدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ دوختۇر-سېستىرالار بىر-بىرىگە مەيۈس قارىشىپ تۇراتتى.  j' h2 p! U. K$ Y+ Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-نىمە بولدى، ئەتىگەندىلا ھەممىڭلار يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك سالپىيىپ كەتتىڭلار،-دىدى ئۇ قوپال ئاۋازدا.
" t* R, [/ T4 D7 u' i-تۇنۇگۇن يېرىم كېچىدە ياسىن كېكەچ ئەكەلگەن يىگىت،-دەپ بىر سېستىرا گەپ باشلىشىغا يېنىدىكى دوختۇر ئۇلاپلا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى،-زەھەر چەككەن ئوخشايدۇ،بۇ يەردىكىلەردىن ھىچكىم ئۇنى تونۇمايدىكەن،يانچۇقىدىمۇ ھىچنىمە يوق ئىكەن،كۆرسەتمىڭىز بويىچە زەھەر قايتۇرۇش ئوكۇلى بىلەن تېچلاندۇرۇش ئوكۇلى ئۇرغاندىن كېيىن ئۇخلاپ قالغاندەك قىلغان.ئەتىگەندە كىرسەك...دوختۇر سۆزىنىڭ داۋامىنى دىيەلمىدى.سابىر ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.ئۇ ئېرەنسىزلىك بىلەن جەسەت قويۇلغان ئۆيگە كىرىپ ئۇنىڭ يۈزىنى ئاچتىيۇ،كۆزلىرى يوغىناپ،بۇرۇن تۆشۈكلىرى كېڭىيىپ،چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان ھالدا جەسەتكە تاشلاندى.9 u2 K% [" n/ {$ eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئوغ..لۇم دىلشات،بۇ..بۇ.. سەنمۇ؟  ئۇنىڭ جىسمى كەچكۈزدىكى ياپراقتەك تىترەيتتى.ئىچ-ئىچىدىن بوغۇلۇپ يىغلايتتى،ئۆزىنى كاچاتلايتتى.قالغانلار بىردە ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان سابىرغا،بىردە ئىشىك ئالدىدا نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قېتىپ تۇرۇپ قالغان ياسىن كېكەچكە قاراشتى.ئارىدىن بىر سېستىرا گۈلجامالنى چاقىرغىلى ماڭدى.
0 q3 E: F0 l8 ?  {
; C3 w1 M& I4 _$ Q- T0 i- ]                         2014-12.                     قاراماي
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-17 11:53:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەندە ئويدىن دۇككانغا چىقىپلا بىر ياخشى ھىكاينى ئوقۇدۇم رەھمەت سىزگە.
بەك ياخشى ھىكايە ئىكەن، بۇ.رەھمەت
قوي بېقىپ تازا زىرىكىپ تۇرغاندا ماۋۇ ھىكايىنىڭ روھلان تورىدا پەيدا بۇلۇپ قالغىننى دىسە-رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2014-12-18 10:58:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقا، ئەمما تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى زور بولغان ھىكايىلىرى بىلەن بىزگە ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلىۋاتقان خىرىستال خانىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-18 11:35:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ كورگەن دوستلارغا رەھمەت
ۋاقتى: 2014-12-18 13:23:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ھېكايە، تۇرمۇشنى ھېكايىلەشتۈرۈش بىر خىل ماراھەت، بىر خىل سەنئەت!
ۋاقتى: 2014-12-18 16:15:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ، تېخىمۇ تېرىشىڭ .
ۋاقتى: 2014-12-19 00:13:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى ھەقىقەتەن قاتتىق ئويغا سالغۇدەك بىر ھەقىقەت يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ، ھۆرمەتلىك «خىرىستال» خانىمنىڭ پاساھەتكە تولغان قەلىمى، ئىللىقلىققا تولغان قەلبىنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق سىز بىلەن بىز ھېس قىلىپ ئۈلگۈرمەيدىغان، ھېس قىلساقمۇ پەقەتلا ئۆزىمىزدىن باشقىلارغا بىلدۈرۈشكە ئامالسىز قالغان چىن ئىنسانىي ھېسسىيات يوغۇرۇلغان دۇردانىلەرنى قېزىپ چىقىرىپ، مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئازغۇن مەنىۋىيەتلەرنىڭ يامرىشىغا قالقان، ياخشى كەيپىياتلارنىڭ ياشنىشىغا مەنىۋىي ئوزۇق ئاتا قىلىشىنى، ئۆزى ھەم ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا چەكسىز ئۇتۇقلار تېلەيمەن.
ۋاقتى: 2014-12-22 12:29:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى ئۆزگىچە چىقىپتۇ !مۇبارەك بولسۇن !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-17 03:36

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش