روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2196|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

جان دوستلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-18 11:20:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

( ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،روھلان مۇنبىرىدىكى چوڭ-كىچىك ئەزىزلەر ئەتىگەنلىگىڭلار خەيرلىك بولسۇن، مەن سالامەتلىك ئەھۋالىمنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەپلىك ئۇزۇن بولدى سىلەر بىلەن يۈز كۆرىشەلمىدىم ھەم باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپەمنىمۇ تولۇق ئادا قىلالمىدىم ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتاماننىڭ ھەم مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ئالدىدا ئۆزرىلىكمەن .مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەرگە بولغان ئوتلۇق سېغىنىشىمنى ،سالىمىمنى ئېلىپ كەلدىم قوبۇل قىلارسىلەر.)

تۈندە چىقساڭ تالاغا پەنەر ئىكەن جان دوستلار ،
ئاتەش كەبى ئىشقىڭدا يانار ئىكەن جان دوستلار.
چۈشسە قىسمەت بېشىڭغا،بالا كەلسە قېشىڭغا،   
قۇياش كەبى قوينىغا ئالار ئىكەن جان دوستلار
  .
يالغۇزلۇقتا تىكەندەك قالساڭ ئەگەر مۇڭلۇنۇپ،
  ھەمدەم بولۇپ دېپىڭنى چالار ئىكەن جان دوستلار.   
تەقدىرداش بوپ ھاياتتا تىلەپ ياخشى تىلەكلەر،
جۇت زىمىستان قىشتىمۇ باھار ئىكەن جان دوستلار.

سەپىرىدە ھاياتنىڭ باسقىنىدا تەشنالىق،           
ھەر دانىسى بىر بۇلاق ئانار ئىكەن جان دوستلار.  
مۈشكۈللەرگە دۇچ كەلسەڭ ھازىر بولۇپ يېنىڭدا،   
خىزىر كەبى بېشىڭنى سىلار ئىكەن جان دوستلار.   

كۆزلىرىڭدىن ئاقسا ياش قىسمەتلەردە ناۋادا،        
غەمناك بولۇپ غېمىڭنى قىلار ئىكەن جان دوستلار.   
ھىممەتلەردە ھاتەمدەك ساخاۋەتتە ھۆرمەتتە،        
تومۇزلاردا سايىۋەن چىنار ئىكەن جان دوستلار.

قەلبى گويا كۆك ئاسمان پەرۋازىڭغا پايانسىز،      
رىزا بولۇپ سەن ئۈچۈن ئاچار ئىكەن جان دوستلار.
ساداقەتتە ئىخلاسمەن ۋاپا بىلەن جان كۆيۈپ،   
      بارلىقىنى سەن ئۈچۈن ئاتار ئىكەن جان دوستلار.           

بولسا ئەگەر نوخسانىڭ مەنزىلىڭدە ئۆمرۈڭدە،      
پاراسەتتە ئەيىبىڭنى ياپار ئىكەن جان دوستلار.      
كۈلسەڭ كۈلۈپ ياش تۆكسەڭ ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە،
سەپراس بولۇپ سەن بىلەن قاتار ئىكەن جان دوستلار.

ھىسلىرىمدە ئويلانسام دوستلار ئۇلۇق قەدىردان،
     دىل كۆكىمدە يۇلتۇزدەك چاقنار ئىكەن جان دوستلار .
بولۇپ كەلگەچ كۈچ قوشۇپ دوستلار ھامان پاسىبان،
قوينى گۈلباغ ھەم قايناق بازار ئىكەن جان دوستلار.

                                  2014-7.    قاراماي                                                  مەنبە:  ئۆزۈم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-10-18 12:09:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز
ۋاقتى: 2014-10-18 12:26:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ يارايسىز تىخمۇ نادىر ئەسەرلەرنى ھۇجۇدقا چىقىرشىڭىزغا تىلەكداشمەن ھۇررا....
ۋاقتى: 2014-10-18 16:56:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بۇنداق جان دوستلارنىڭ ئۇچرىشى تەسكەن
ۋاقتى: 2014-10-18 22:14:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ، يارايسىز .
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-10-20 15:27:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، ھارمىغايسىز!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-17 05:41

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش