روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2282|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىجادىيەت خاتىرىسى- قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىجادىيەت خاتىرىسى

4 j, `" ~8 X" t$ b+ N3 u% a) g(مىكرو ھىكايە)
4 d# d) J; o; Q4 p' t9 k$ O9 H/ j& s1 z% }4 m- c) w# x2 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
% w" a- K9 p4 e2 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قاق سەھەردە كەلگەن تېلىفۇندىن بىزار بولغان تۇردى يوتقاننى بېشىغا   پۈركەشكە مەجبۇر بولدى.                                        3 c' l$ g' R! ^& w! vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   -ۋەي، ۋايەي جېنىم دوستۇم سەنمىدىڭ، نىمە؟ نىمىنى تەبرىكلەيسەن؟ ۋاي ئېسىم قۇرۇسۇن، سەن دىمىسەڭ ئۆزۈممۇ ئۇنتۇپ قالغانكەنمەن. رەھمەت ساڭا ھە مەيلى سەن قانداق دىسەڭ شۇنداق بولسۇن،- ۋاي توۋا مۇشۇ دوستۇم ئاسىيە ئاجايىپ جۇمۇ، بۈگۈن 42 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلەپ تېلىفۇن ئۇرۇپتۇ،- ئالىيە ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەشكە باشلىدى.
' @! N: a  H3 m1 x, P( y( }1 h8 d –ھەي قاراڭ،- ئۇ باش-كۆزىنى پۈركەپ ياتقان تۇردىنىڭ يوتقىنىنى تارتىشقا باشلىدى،- سىز ئەشۇ يات خەقچىلىكمۇ بولالمايسىز، مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئېسىڭىزدىمۇ يوق.
7 l6 E/ x# D3 Y, ~" M9 d–نىمە، بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭما؟-دىدى تۇردى ئېرىنچەكلىك بىلەن كۆزىنىمۇ ئاچماي.                                       
% N& V8 B( @2 h3 {  d9 h4 _, _# N-شۇنداق جاناپلىرى، بۈگۈن سۆيۈملۈك رەپىقىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، شۇڭا تېز ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئىلتىپاتلىرىنى كۆرسەتسىلە ، -ئالىيە ئەركىلەپ ئېرىنىڭ قولىنى تارتقۇشلىدى.            
9 U" V  b- T. G- v- T+ }-سېنىڭ ئۇ دوستۇڭ ئەجەپ ئېنىق بىلىدىكىنا،- دىدى تۇردى ئەتىگەندىلا خوتۇنىنىڭ كوتۇلداشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دوستىدىن نارازى بولۇپ.                                 
# j$ K: [1 I' jئۇچۇ ناھايىتى ئەستايىدىل، ئۇنىڭ سومكىسىدا «تۇغۇلغان كۈن تىزىملىكى» دەيدىغان قېلىن بىر خاتىرىسى بار. ئۇنىڭدا بارلىق دوستلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، توي قىلغان خاتىرە كۈنى دىگەندەكلەر خاتىرلەنگەن، ئۇ ھەر كۈنى كەچتە ئاشۇ خاتىرىگە قاراپ ئەتە كىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ ھەم ئەتىگەندىلا تېلىفۇن ئۇرۇپ خەۋەرلەندۈرىدۇ، قاراڭ ئۇ دوستلۇققا يارامدىكەن؟- ئالىيە ھاياجانلىنىپ سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ چېھرىدىن كۈلكە ئۈزۈلمەيتتى.                                              ' s  n& v& D+ A7 g  g# {- Y5 S5 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-پاھ، ئۇ دوستۇڭ نىمە دىگەن سادىق ھە، ئۇ بىكارچىلىقتا قىلىدىغان ئىش تاپالماي مۇشۇنى ئىجاد قىپتۇ –دە، ئۇنى«تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسى» دىگەندىن كۆرە «ئىجادىيەت خاتىرسى» دىگەن تۈزۈككەن،- دىدى تۇردى تېرىكىپ.                                               
) j# u& s, J$ Y' O4 ?( K3 g% f-ھەي بولدى قۇرۇق گەپ قىلماي پۇل چىقىرىڭە، مېنىڭ قۇرۇق گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتىم يوق. ئاسىيە بىر يەردە ئولتۇرۇپ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلەيلى دەيدۇ.
3 ~1 e6 [2 \3 Z( w* `0 h" E7 T& ~ –نىمە مۇشۇ قاق سەھەردىما؟ سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلەيدىغان بولغاندىكىن ئۇلار سېنى مېھمان قىلار؟
, T1 O3 s; s: Q" _/ K! B! E/ s-تۇردىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشمايلا ئالىيە چالۋاقاپ كەتتى.
: Y( f  A% g9 f! v! L$ {( ?-ھوي نىمە دەۋاتىسىز، مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى سىلەر پۇل چىقىرىپ تەبرىكلەڭلار دەمدىم، نەدە ئۇنداق ئىش بولسۇن.                              1 B: g% S) l% d4 H+ _# pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئۇنداق بولسا تەبرىكلىمەيلا قوي، سەن يا كىچىك بالا بولمىساڭ... & [) F: E9 g- A, @! m5 h( H' n- Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
–تولا جېنىمنى چىقارمىڭە، دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا يۈزۈم بولامدۇ مېنىڭ  نىمە پۇل بېرىش تەس كېلىۋاتامدۇ؟            
4 X% x9 ~; T$ f5 ~4 Q-شۇنداق بۇنداق ئىشلارغا سەرپ قىلىدىغان پۇل نەدىكەن، نەدىمۇ 40 ياشتىن ئاشقان خوتۇن تۇغۇلغان كۈن قىلىدىغان ئىش بار، ئەتىگەندە ئىت پوق يىمەستە نەدىن چىقتى بۇ گەپ ، دەم ئېلىش كۈنىمۇ ئادەمنى ئارامىدا قويماي، ئەتىگەندە ئاۋال ناشتا قىلىپ قورساق تويغۇزۇش مۇھىم. تولا كىچىك بالىدەك غەلۋە قىلماي تېز ناشتىلىق تەييارلا.                                         , p1 v0 |  Z) \1 q- ]% Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-نىمە قورساق، قورساقلا دىگەن ئۆزىڭىز تەيارلاڭ،- ئالىيە غۇدۇرىغىنىچە ھوجرا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.                      l6 C* w  \1 G' v3 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۇردى يەنە تەگىشىشنى خالىماي ئاستا ئاشخانا ئۆيگە ماڭدى.   
2 f2 t- f* ]. hئىشىك قوڭغۇرىقى ئەمدىلا جوزىغا كېلىپ ئولتۇرغان تۇردىنى ئورنىدىن تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى.4 V3 _9 m- l0 [" T$ P+ [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ناشتىنىمۇ ئارامىدا قىلغىلى بولمىغان، كىمدۇ بۇ؟- ئىشىكتىن قېنىق گىرىم قىلىپ چىرايلىق ياسىنىۋالغان ئاسىيە قولىدا ئەپچىل سومكىسىنى كۆتۈرۈپ سۆزلىگىنىچە كىرىپ كەلدى،- ۋاي نىمىش بۇ تۇردى، ئەمدى ناشتا قىلىۋېتىپسىزغۇ، سائەت نەچچە بولدى؟ ئالىيە قېنى،-تۇردى  ھوجرا ئۆينى ئىما قىلدى،-قېنى داستىخانغا كەلمەمسىز؟ -ئاسىيەنىڭ يېنىغا كىرەي، سىز ئولتۇرىۋېرىڭ.                                         
: }3 ^* F3 @$ f* u" iبىردەمدىن كېيىن ئالىيە مىچىلداپ يىغلىغىنىچە دوستىنىڭ ھىمايىسىدە ھوجرا ئۆيدىن چىقتى. بۇنى كۆرگەن تۇردىنىڭ قۇيقا چېچى تىك تۇردى،-ئەتىگەندە يىغلىغۇدەك نىمىش بولدى،-دىدى خوتۇنىغا زەردە بىلەن،-بىرى ئۆلۈپتىمۇ يا؟-ھەئە مەن ئۆلدۈم بۇنداق ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى،-نىمە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزەلمىگىنىڭگە ئۆلمەكچىمۇسەن؟                          
1 R6 P% x  [* A9 x1 C# W& ?1 c6 p# I-گەپ بولسا چىرايلىق قىلىڭلار، ئالىيە سەنمۇ تۈزۈك گەپ قىل ئاداش، ئاسىيە تۇردىنىڭ پېشىنى تارتتى،-تۇردى سىزمۇزە بولدى قىلىۋەتسىڭىزلا بولمىدىمۇ، ئالىيە خۇش بولسا سىزمۇ خۇش بولىسىز ئەمەسمۇ؟                                       
: N( y  B7 ]% _( V0 @8 o-شۇنداق مەن ئۇنىڭ ئېرى ،ئەلبەتتە ئۇنىڭ خۇش بولۇشىنى خالايمەن، ئەمما ھەممە ئىشنىڭ چېكى بار، بۇ ياشقا كەلگەندە سىلەرگە نىمە كەلدى رېستۇراندا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ، بۇ بىزنىڭ ئورپ-ئادىتىمىزگىمۇ يات..-نىمە ئۆرپ-ئادەتكەن ئۇ ھەممە كىشى شۇنداق قىلىۋاتسا..                           
9 U9 R# J' b2 s2 z1 q6 Q; n5 R-بۇ سىزنىڭ نىمە دىگىنىڭىز ؟سىلەردىن باشقا كىم شۇنداق قىلىۋېتىپتۇ باشقىلار قىلغاننى توغرا بولسىمۇ خاتا بولسىمۇ چوقۇم قىلىش كېرەكمۇ؟ بۈگۈن مەنمۇ دەم ئالدىم ئائىلىدە بالىلار بىلەن چىرايلىق ئولتۇرۇپ غىزالىنىپ تەبرىكلىسەك بولىدىغۇ، بىزنىڭمۇ جەم بولمىغىمىز ئاسان ئەمەس بۇنىڭدىن كاتتا ئىش بارمۇ، سىلەرمۇ ئۆيگىلا كېلىپ مېھمان بولۇپ كەتسەڭلار بولىدۇ ...-تۇردىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشمايلا ئاسىيە كۈلۈپ تاشلىدى،-ئاللا ئاداش ماۋۇ ئېرىڭ قايسى زاماندا ياشاۋاتىدۇ، ھازىر كىممۇ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆيدە ئۆتكۈزىدۇ؟                                         " Q  ?" W3 ?8 ^6 cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-مانا مەن  ئۆتكۈزىمەن ،نىمە ئەتىگەندىلا بۇ جىدەلنى تاپقان  سىز،-بۇ قېتىم تۇردىنىڭ ئاۋازى  خېلىلا يۇقۇرى چىقىپ كەتتى،-سىلەرنىڭ قىلىدىغان باشقا ئىشىڭلار يوقمۇ،سىلەر شۇنداق بىكارمۇ ؟/ r: q$ ?" X7 y$ {( f$ `- Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      -نىمە ئۆيگە كەلگەن مېھمانغا شالىڭىزنى چاچىسىز،بۇمۇئۇنىڭ ياخشى كۆڭلى ،بىزمۇ ھازىرلا ئولتۇرىمىز دىمىدۇققۇ؟ ئۇمۇ ھازىر بىر يەرگە بارىدىكەن يۈز تۇرانە تەبرىكلەپ كەچنىڭ ئىشىنى مەسلىھەتلىشەي دەپ كەپتۇ، بۇنداق چېچىلغىچە ئوچۇقلا قىلىپ خوتۇنۇمغا بېرىدىغان پۇل يوق دىسىڭىزلا بولمىدىمۇ،-بۇ پۇلنىڭ ئىشى ئەمەس ،-ئەمىسە نىمانچە جىق گەپ ئۇ ، ئىسىت مۇشۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈم، ئەر كىشى بولغاندىكىن كۆڭلى-كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتسىڭىز بولمامدۇ؟ يۈرە ئاداش بولدى، بۇنىڭ بىلەن تەگىشىپ يۈرمەي چىقىپ كېتەيلى، بىكارلا سەنمۇ ئازار يەۋالدىڭ...،-نەگە چىقىپ كەتمەكچى؟ بالىلار تېخى ناشتا قىلمىدى، -پۇل بېرىدىغان يەرگە، ناشتىلىقنى سىز قىلىپ بې....-تارس قىلىپ تەگكەن تەستەكتىن ئالىيە ئارقىغا داجىپ كەتتى، -نىمە ساڭا پۇل بېرىدىغانلار بار ئوخشىمامدۇ؟ بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟ بۇ ئۆي بالىلار ساڭا كېرەك ئەمەس شۇنداقمۇ؟-ياق ئۇنداق ئەمەس ئاچچىقتا ئاغزىمدىن چىقىپ كەتتى،-ئالىيە يۈزىنى ئالقانلىرى بىلەن توسۇپ تۇردىغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، ئۇ بۇ سۆزنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىپ كەتەكەنلىگىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى،-بولدى بۇ مۇنداقلا چىقىپ كېتىدىغان گەپ ئەمەس، بولدى نەگە بارساڭ بار، ئەمدى بۇ ئۆيگە ئاياق باسقۇچى بولما، ساڭا پۇل بېرىپ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلارنىڭ يېنىغا بار، ئەمدى سېنى كۆرەر كۆزۈم يوق،-تۇردى ئىشىككە قاراپ ماڭدى،-تۇردى قاراڭ،-تۇردى ئاسىيەنىڭ ئۆزىگە ئېسىلغان قولىنى قاتتىق بىر سىلكىۋىدى، سومكىسى يەرگە چۈشۈپ ئىچىدىكى نەرسىلەر چېچىلىپ كەتتى. ئاسىيە ئۇنى ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قاققان قوزۇقتەك جايىدىلا تۇرۇپ قالدى، ئالىيە بولسا ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقان تۇردىغا قاراپ «ياق،ئۇنداق دىمەكچى ئەمەستىم » دىگىنىچە ئىشىككە يۈگۈردى. ئۆي ئىچىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن ئويغىنىپ كەتكەن بالىلار كۆزلىرىنى ئۇۋىلىغىنىچە ئىشىك ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقان ئاپىسىنىڭ يېنىغا كېلىشتى. نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان ئاسىيە تىترىگەن قوللىرىنى يەردە ئوڭدىسىغا ياتقان«ئىجادىيەت خاتىرىسى»گە ئۇزاتتى، ئۇ ئۇنىڭغا «مانا بۇ سېنىڭ ئىجادىيىتىڭ، ئەتىگەنلا كۈلكىگە تولغان ئۆينى بىردەمدىلا گۈرۈستانغا ئايلاندۇردۇڭ »دەۋاتقاندەك تۇيۇلدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى قوقاستا كۆيگەندەك پۇچىلاندى. ئۇ ئېغىرلاشقان قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ئالىيەنىڭ يېنىغا كەلدى.  : l; o$ a0 S; k! s; s2 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2014-9- 20  .     قاراماي .     مەنبە : ئۆزۈم .                 
( D2 \0 g5 \% n5 C; J. @3 H, L- D

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +12 ئىناۋەت +34 تەڭگە +24 بايلىق +12 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
alxir + 7 + 7 يارايسىز
جام + 12 + 12 + 12 + 12 + 7 ياخشى تېما
بارى + 15 + 5 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-24 23:59:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇنداق ئەسەرلەرگە بەك ئامراق ئىدىم رەھمەت سىزگە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-25 00:05:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخى ھازىر يوللىغانتىم ،بىردەمدە كۆرۈپ بولدىڭىزمۇ ؟ نىمە دىگەن تېز، رەھمەت سىزگە .
ۋاقتى: 2014-9-25 00:47:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبى ئەسەرنى ياخشى يېزىپسىز ، ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ئىتۈيۈرۈم ، ئەزىز تىنىڭىز سالامەت بولسۇن ئاچا
ۋاقتى: 2014-9-25 09:43:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام بۇرۇنلا ئويگە چىقىپ كەتكەنتىم ،مانا ھازىر دۇككانغا كىرپلا شۇنداق ياخشى ئىجابى ھىكايدىن بىرنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بوپتىمەن، كىيىن قالساممۇ رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2014-9-25 10:18:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مىنىڭ ئەتىگەندىلا كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇنجى كۆرگەن تېمام بوپتۇ، جەمئىيەتتىكى ساقلىنىشقا- ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك ئەمما ۋابادەك يامراۋاتقان تولىمۇ ئاچچىق رېئاللىقنى ئۆتكۈر قەلب كۆزلىرىڭىز ئارقىلىق تولىمۇ قىسقا ھەم چۈشىنىشلىك ئېچىپ بېرىپسىز، بارىكاللا!
; Y2 ?4 R' _& i! g, u$ h# G1 B' C    بۇ تېمىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇردۇم ھەم كەڭ مۇنبەر ئەھلىنىڭمۇ شۇنداق ياقتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ ئارقىلىق شۇنداق نوقسان ئۆزىدە بار بولسا ئىبرەت ئېلىشىنى- تۈزىتىشىنى، بولمىسا ئەتراپىدىكىلەرگە بىر ئېغىز بولسىمۇ ئويلىغانلىرىنى دېيىش ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ئىناق، ساغلام راۋاجلىنىشىغا زەرىچە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بەك ياقتۇردۇم رەھمەت
ۋاقتى: 2014-9-25 11:24:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ جەمىئىتىمىزدىكى بەزى كىشىلىرىمىز تۇغۇلغان كۇننى ئۆتكۇزۇشكە بەك ئەھمىيەت بىرىدۇ جۇما..........
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-25 14:25:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلان مۇنبىرىدىكى چوڭ-كىچىك ئەزىزلەر ، سىلەرنىڭ تېمىلىرىمغا بەرگەن يۇقۇرى باھايىڭلاردىن ۋە مەدەت ئىلھاملىرىڭلاردىن  دىلىم يورۇپ ،ئىجادى ئىلھاملىرىم قايناپ- تاشماقتا ،ئاللاھ سالامەت قىلسا سىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى سۇنۇشقا تىرىشىمەن، رھمەت سىلەرگە ،تېمام ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن  ،شۇنداقلا مۇنبەردىكى بارلىق دوستلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىغا ئۇتۇق ،ئىجادىيىتىگە مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن .ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى تىلەيمەن .
ياخشى  چىقىپتۇ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-28 02:57

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش