روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1056|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

پارچىلار - قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

ھاياتلىق كېلىدۇ ئىنسانغا بىرلا ،
كېتىمىز  ئاخىرى ئۇتتۇر گۆرگىلا.
پۇشايمان بىلەن كېتىپ قالمامدۇق،
خۇش بولۇپ يۈرسەك كۈن ئۆتكەنگىلا.

بۇ ئالەم بىر دەملىك قىسقىلا ئۆتەڭ،
كەتسەك كەلمەيمىز بىلىسەن ئۆزەڭ.
ئەجىر قىل، مېھنەت قىل مەنىلىك ياشا،
قىلىۋال بارچىغا كۆپ ياخشى سۆزەڭ.

كېرىلمە پەش قىلىپ بايلىقلىرىڭنى،
غادايما تۈز تۇتۇپ گەۋدىلىرىڭنى.
بايمۇ گادايمۇ ئوخشاشلا ئىنسان،
ئوخشاشلا كولايدۇ قەۋرىلىرىڭنى.

ئاتىمۇ، ئانىمۇ، بالىمۇ كېتەر،
قېرىمۇ ،ياشمۇ ئوخشاشلا يۈتەر.
بېرىدۇ ھاياتلىق ساڭا كۆپ پۇرسەت،
ياخشى نام قالدۇرغىن تارىخقا پۈتەر.


ئاتىمىز كەتكەندە يىغلاپ قالىمىز،
ئانىمىز كەتكەندە چاچنى يۇلىمىز.
تۇپراقنى سۈرتۈپ كۆزلىرىمىزگە،
مىڭ ئۆلۈپ ،تىرىلىپ قاراپ قالىمىز.

كەتكىلى بولمايدۇ ئۇلار كەينىدىن،
كەلمىگى يوق ئەسلا يېنىپ قايتىدىن.
كۈتىۋال شۇڭلاشقا ھاياتلىغىدا،
ئېپ بارساڭ ئالمايدۇ قوغلاپ كەينىدىن،

ئەخلاق-پەزىلەت ئىنسانغا زىننەت،
ئەخلاقسىز كىشىگە يېقىن نىجاسەت.
ھاياسىز كىشىنى ئالماس قوينىغا،
پاك زىمىن ئانا يەر پۈتكۈل تەبىئەت.

مەنبە:       ئۆزۈم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-16 18:20:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز  ھەم مەنىسى چوڭقۇر
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-9-16 18:40:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل
ۋاقتى: 2014-9-16 18:40:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ
ۋاقتى: 2014-9-16 18:48:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز
ۋاقتى: 2014-9-16 19:00:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل چىقىپتۇ
ۋاقتى: 2014-9-16 19:01:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-16 23:24:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىمنى ياقتۇرغان ئەزىز دوستلارغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-9-17 13:57:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ.....داۋاملىق تىرىشىڭ....

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-27 21:19

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش