روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1878|ئىنكاس: 13
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاچچىق ھەقىقەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-1 21:19  

قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

(كېسەل كارۋىتىدا ئىڭراپ ياتقان بىر ئاشىق  تىلىدىن)

پۇچلاندى يۈرۈگۈم ھەسرەت ئىلكىدە،
سەن كېتىپ نىگارىم يېنىمدىن يىراق.
جىسمىم ياپراقتەك تىترەيدۇ غال-غال،
كۆيدۈرگەچ روھىمنى شۇ ئالۋاستى ئاق.

كۆيەتتىڭ كۆيگەندەك مەنمۇ ھەم ساڭا،
سۆيەتتىڭ گىلاستەك لېۋىڭنى يېقىپ.
كۈل قىلىپ جىسمىمنى قىيناپ پىراقتا،
قاچاتتىڭ ئارقاڭغا بىر قىيا بېقىپ.

شوخ كۈلكەڭ ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە،
ئېسىمدە ئايدىڭدا شىۋىرلاشقان چاغ.
يېشىل ياپراقتىن مارجانلار تاقاپ،
سۈزۈك چەشمىلەر چاچقان گۈزەل باغ.

قايسى چاغ چاپلاشتى جىسمىمغا زەھەر،
ئۇنۇتتۇم ھەممىنى،ئۇنۇتتۇم سېنى.
كەيپنىڭ پەيزىدە كۆكلەردە ئۈزۈپ ،
ئۇنۇتتۇم ئەزىزىم ئاتا-ئانامنى.

كۆزلىرىم قارچۇغى قالغاندا قېتىپ،
ياشلىرىڭ تۆكۈلدى مەرۋايىت كەبى.
يوقالدى چېھرىڭدىن ئوماق كۈلكەڭمۇ،
ئاھ جېنىم، نە بولدى سىز شۇمۇ نەبى؟

ئېسىمگە كەلگەندە ھەر-بىر رەت چۈشتىن،
كۆرەتتىم بېشىمدا تەلمۈرگەن سېنى.
سورايتتىڭ يۈزۈمگە يۈزلىرىڭ يېقىپ،
مەن سۆيگەن ئىجاتچان شوخ نەبى قېنى؟

ئۆچكەندە ئۈمۈتنىڭ نۇرلىرى كۆزدىن،
ھەسرەت تاغلىرى باستى قەلبىڭنى.
بېرەلمەي ئاخىرى بەرداش دەرتلەرگە،
تاشلاپ كەتتىڭ سەن قىيالماي مېنى.

ئاھ جېنىم نەدىنمۇ تاپارمەن ئەمدى،
ئىشىكتە كۆزلىرىم ئىزلەيدۇ سېنى.
ئۇچراتسام  روھىمدا قايتىدىن بىر رەت،
قويۇپ بەرمەسمەن ھەرگىز قولۇڭنى.

قايتىپ كەل جانانىم سېغىندىم سېنى،
بۇ ئاچچىق ھەقىقەت قىينىدى مېنى.
نۇرلانسۇن كۆزلىرىم مېھرىڭ تەپتىدە،
شۇ گۈزەل دەملەرگە قايتۇرغىن مېنى.

2014. 7.   ئۈرۈمچى   

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +90 ئىناۋەت +105 تەڭگە +99 بايلىق +90 تۆھپە +62 يىغىش سەۋەبى
جام + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ياقتۇردۇم
تىلچىن + 15 + 9 يارايسىز
ADiL + 70 + 70 + 70 + 70 + 55 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-1 01:37:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ياخشى يېزىپسىز ، سىز دىگەندەك بولىشىغا تىلەكداشمەن دوستەك
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-1 02:25:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوخ كۈلكەڭ ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە،
ئېسىمدە ئايدىڭدا شىۋىرلاشقان چاغ.
يېشىل ياپراقتىن مارجانلار تاقاپ،
سۈزۈك چەشمىلەر چاچقان گۈزەل چاغ.

سۈزۈك چەشمىلەر چاچقان گۈزەل باغ، ئىدى تۈزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ۋاقتى: 2014-9-1 13:42:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  

ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-1 15:10:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلان مۇنبىرىدىكى دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟ سىلەردىن بىر ئۆتۈنۈشۈم بار ئىدى. قوبۇل قىلارسىلەر.بۇ تېمىنى كۆرۈپ بەلكىم ھىس قىلغانسىلەر بۇ ئەمىلى ۋەقە.بۇ تېمىنىڭ ئىگىسى ئەسلى ئىسمى،سۈرىتى بىلەن چوڭراق بىر نەرسە يېزىپ ئىبرەت قىلىشىمنى ،كۆپ كىشى كۆرەلەيدىغان توربەتلەردە ئېلان قىلىشىمنى،شۇ ئارقىلىق ئۆزى سۆيگەن ھەم ئايرىلىپ قالغان سۆيگىنىنى ئاخىرقى قېتىم بىر كۆرۈش ئارزۇسى بارلىقىنى شۇڭا ئەينەن يېزىشىمنى تەلەپ قىلغان ئىدى،ئەمما ئاتا-ئانىسى بۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈنۈپ تۇرىۋالدى.شۇ سەۋەپ ئىككىلى تەرەپنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مۇشۇنداق يازدىم.ئىسىممۇ ئۆزگەرتىلدى.  روھلان ۋە مىسرانىمغا يوللىدىم.كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ بۇنى ئۇندىدار سۇپىلىرى ئارقىلىق كۆپرەك تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.ئەگەر سۆيگەن قىزى قەلبى سەگەك قىز بولسا يىگىتنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى بۇ ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-1 15:12:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلان مۇنبىرىدىكى دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟ سىلەردىن بىر ئۆتۈنۈشۈم بار ئىدى. قوبۇل قىلارسىلەر.بۇ تېمىنى كۆرۈپ بەلكىم ھىس قىلغانسىلەر بۇ ئەمىلى ۋەقە.بۇ تېمىنىڭ ئىگىسى ئەسلى ئىسمى،سۈرىتى بىلەن چوڭراق بىر نەرسە يېزىپ ئىبرەت قىلىشىمنى ،كۆپ كىشى كۆرەلەيدىغان توربەتلەردە ئېلان قىلىشىمنى،شۇ ئارقىلىق ئۆزى سۆيگەن ھەم ئايرىلىپ قالغان سۆيگىنىنى ئاخىرقى قېتىم بىر كۆرۈش ئارزۇسى بارلىقىنى شۇڭا ئەينەن يېزىشىمنى تەلەپ قىلغان ئىدى،ئەمما ئاتا-ئانىسى بۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈنۈپ تۇرىۋالدى.شۇ سەۋەپ ئىككىلى تەرەپنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مۇشۇنداق يازدىم.ئىسىممۇ ئۆزگەرتىلدى.  روھلان ۋە مىسرانىمغا يوللىدىم.كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ بۇنى ئۇندىدار سۇپىلىرى ئارقىلىق كۆپرەك تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.ئەگەر سۆيگەن قىزى قەلبى سەگەك قىز بولسا يىگىتنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى بۇ ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن .
ۋاقتى: 2014-9-1 15:55:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !
ۋاقتى: 2014-9-1 17:50:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئاللاھ » ئىگەم شۇ ئاشىقنى مۇرادىغا يەتكۇزسۇن .
ۋاقتى: 2014-9-1 21:16:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ئالدىراش يۈرۈپلا كېتىۋاتىمەن بۇ كۈنلەردە، ھۆرمەتلىك «خىرىستال» خانىم، تېخى ھازىر ئاران دېگەندە مۇبارەك قەلىمىڭىزدىن پۈتۈلگەن بۇ ئەسەرنى كۆرۈش نېسىپ بوپتۇ. شېئىرىڭىز تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ، كىشى كۆڭلىنى ھەقىقەتەن ئېچىشتۇرغۇدەك، چوڭقۇر ھېسسىداشلىقنى قوزغىغۇدەك بىر مۇڭلۇق كەچمىش ئىكەن.
جەمئىيىتىمىزدە ئەشۇ «ئاق ئالۋاستى» دەپ تەرپلەنگەن شۇ زەھەرلىك چېكىملىك- خىروئېن قانچىلىغان ئوغلانلىرىمىزنى بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىۋەتكەنلىكىنى، قانچىلىغىغان كۆڭۈللۈك، بەخت ئىلكىدە قاقاھلاپ كۈلگەن ئائىلىلەرنى خانىۋەيرانلىققا تاشلىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن ياشلىرىمىز، نۇرغۇن ئىقتىدارلىق ئوغۇل- قىزلىرىمىز بەزىلىرى بىلىپ، بەزىلىرى بىلمەي ۋە ياكى كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىپ، مۇشۇ «ئاق ئالۋاستى» نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. بىز مۇشۇلارنىڭ كەچمىشلىرىگە قولاق سالساق ئىچىمىز ئېچىشماي، ئاچچىق ياشلىرىمىز بوغۇزىمىزغا كەپلەشمەي قالمايدۇ.
مەن بۇ يەردە ئەشۇ ئاشىقنىڭ تېزراق مۇرادىغا يېتىشىگە چىن دېلىمدىن تېلەكداشمەن ھەم مۇشۇ ئاشىق نىداسىنى كۆپچىلىككە سۇنغان ئىستىداتلىق ماھىر قەلەم ساھىبى، مۇنبېرىمىزنىڭ تالانتلىق، قىزغىن شائىرەسى «خىرىستال» خانىمنىڭ قەلىمىگە يەنىمۇ بەرىكەت، ئالتۇن تېنىگە چەكسىز سالامەتلىك تېلەيمەن.

باھا سۆز

ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئەسىرىمگە نەزەر ئاغدۇرغىنىڭىزغا ۋە مېنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت جام ئەپە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-9-2 17:28

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 15:09

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش