روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 6645|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئوسمىچى موماي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ھەر خىل كىشىلەر،ھەر خىل ئىشلار مەۋجۇت.بۇنىڭ بەزىلىرىدىن سۆيۈنسەك،بەزىلىرىدىن غەزەپلىنىمىز.بۇ قېتىم غۇلجىغا بېرىپ كېلىش سەپىرىمدە يۈز بەرگەن بۇ كىچىككىنە ۋەقە مېنى بۇ ھەقتە يەنە بىر قېتىم ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.                                      ماشىنىنىڭ مېڭىش ۋاقتى توشمىغاچ قاتناش ئالدىدىكى كىچىك بازارنى ئارلاپ يۈرەتتىم،تۇيۇقسىزلا «قىزىم ئوسما ئېلىڭ»دىگەن مۇلايىم ئاۋازدىن ئىتتىك بۇرۇلۇپ يېنىمغا قارىدىم.چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان،يۈزلىرىگە يول-يول قورۇقلار چۈشكەن ئەمما  تۇرقىدىن تېتىكلىك چىقىپ تۇرغان بىر موماي قولىدا بىر باغلام ئوسمىنى تۇتقان ھالدا ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى؛            
-قىزىم،بۇ ئوسمىنى ئۆزۈم تېرىغان،قېشىڭىزغا بەك چىرايلىق ئىچىدۇ ئېپ قويۇڭ،-دىدى ئۇ قولىدىكى ئوسمىنى ماڭا تەڭلەپ.
-ئانا بۇ يىل نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟ -سورىدىم ئۇنىڭ دانە-دانە سۆزلىرى ۋە تېتىكلىگىگە مەستلىگىم كېلىپ،-76 ياشقا كىردىم،-بالىلىرىڭىز يوقمۇ؟-سورىدىم مەن يەنە،-ئاللاھ مېنى بۇ بەختتىن مەھرۇم قىپتىكەن چىرايلىق قىزىم،دىدى ئۇ مەيۈسلەنگەن ھالدا،ئەمما ھازىرغىچە بىرەرسىگە مۇھتاج بولۇپ باقمىدىم .ھەر-ھالدا خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن تېنىم ساق خاتىرجەم ياشاپ كېلىۋاتىمەن .
-ئوسمىنى ئۆزىڭىز تەرگەنمۇ ؟-دىدىم ئۇنىڭ بايىقى سۆزىنى قايتىلاپ ،-ئۇ مېنىڭ سوئاللىرىمدىن بىزار بولدى بولغاي ماڭا قاراپ بىردەم تۇرۇپ كەتتى ئاندىن –قىزىم ئوسما ئالمايدىغان ئوخشايسىز،مەن ماڭاي بۈگۈن بۇلارنى تۈگەتمىسەم بولمايدۇ،ئەتىگە قالسا سۇلىشىپ قېلىپ ساتقىلى بولمايدۇ ئەتە يەنە يېڭىسىنى ئەكىلىمەن-ئۇ شۇنداق دەپ مېڭىشقا تەمشەلدى،مەن ئىتتىك ئۇنىڭ ئالدىنى توستۇم.
-كەچۈرۈڭ ئانا،ئوسمىڭىزنى ئالىمەن .مەن سىزنىڭ شۇ ياشتا شۇنچە تېتىكلىگىڭىزگە ھەمدە بۇ ئىشىڭىزغا قاراپ مەستلىگىم كېلىپ شۇنداق دىگەن ئىدىم،بۇ يېشىڭىزدا ئارام ئېلىپ راھەت كۆرىشىڭىز كېرەك ئىدى-مەن ئاغزىمدىن بۇ سۆزنىڭ قانداق چىقىپ كەتكەنلىگىنى بىلمەي قالدىم ھەم خاپا بولماڭ دىگەن مەنىدە مومايغا قارىدىم.
-ھىچقىسى يوق بالام،نىمە ئامال دەيسىز تۇرمۇش مۇشۇنىڭغا مەجبۇرلىغان تۇرسا،كۆزلىرىڭىزدىكى قىزىقىشنى كۆرىۋاتىمەن،بوپتۇ ئوسمامنى سىز ئالىدىغان بولغاندىكىن مەنمۇ بىر دەم ئارام ئالاي،بىرەرى بىلەن مۇڭداشمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتىكەن-مەن موماينى ئەپچىللىك بىلەن قولتۇقلىۋالدىم ئۇ ماڭا قاراپ تاتلىق كۈلدى.
-كېلىڭ ئانا بۇ يەردە ئولتۇرۇڭ،-مەن موماينى دۇكان ئالدىدىكى بىر ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدۇم.
-مەن رەھمەتلىك يولدىشىمدىن قالغاندىن بېرى ھويلىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كىچىككىنە يەرگە ئىشلەپ سەي-پەي ،ئوسما ، خىنە دىگەندەك نەرسىلەرنى تېرىپ يىراق-يېقىندىكى مەھەللىلەرگە سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتىمەن .بۇ يىل ئوسمىنى كۆپرەك تېرىۋاپتىمەن،بۇزۇلۇپ كەتسە بولمايدۇ دە،شۇڭلاشقا مۇشۇنداق ئادەم كۆپ كېلىدىغان جايلاردا سېتىۋاتىمەن.قاراڭ بۈگۈن بىر كۈندە بىرنەچچە خالتا سېتىپ بولدۇم بۇ ئاخىرقىسى بۇنى بۈگۈن نىمە ئۈچۈندۇر مېنى كۆرگەنلا كىشى ئوسمامدىن بىر باغلامدىن ئالدى،-ئۇ توختىماي سۆزلەيتتى چېھرىدىن كۈلكە ئۈزۈلمەيتتى.
-ئەكىلىڭ مەنمۇ بىر باغلام ئالاي ،-دىدى پارىڭىمىزنى تىڭشاپ ئولتۇرغان دۇكان خوجايىنى ئۇنىڭغا پۇلنى تەڭلەپ،-كەچۈرۈڭ بۇنىڭ ھەممىنى بۇ قىزىم ئالماقچى ئىدى،-موماي ئوڭايسىزلانغاندەك بولۇپ ماڭا قارىدى،-كېرەك يوق بىر باغلام بېرىڭ قالغىنى مېنىڭ بولسۇن ،-دىدىم مەن ئۇنىڭ قولىدىكى خالتىنى قولۇمغا ئېلىپ موماي خالتىدىن بىر باغلام ئوسمىنى ئېلىپ دۇكان خوجايىنىغا سۇندى ۋە پۇل قايتۇرۇش ئۈچۈن قويۇن يانچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى،-ئانا بولدى قايتۇرماڭ،-دىدى دۇكان ئىگىسى ،-بۇ نىمە دىگىنىڭىز بالام،مەن ئۆز نىسىۋەمنى ئالساملا بولدى،باشقىلارنىڭ ھەققى سىڭمەيدۇ،دىدى موماي دەررۇلا.
مەن ئوسمىنى ئېلىپ ماڭىدىغان ۋاختىم توشۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ موماي بىلەن خوشلاشتىم،ئەمما خېلى بىر يەرلەرگە بارغىچە ئۇنىڭ «قىزلىرىم قېشىڭلارنى چىرايلىق قىلىدىغان ئوسما ئېلىڭلار» دىگەن ئاۋازى جاراڭلاپ تۇردى.مەن ھۆرمەت نەزىرىم بىلەن ئاپتوبوسنىڭ كەينى ئەينىگىدىن ئۇ قالغان كوچىغا قارىدىم شۇ چاغدا كۆز ئالدىمدا باشقا بىر سىما يەنى خەلق مەيدانى،ئاپتوبوس بېكىتى ئەتراپىدىكى باشقىلارغا قولىنى سوزۇپ خەيرى-ئېھسان تىلەۋاتقان ياش ئاياللار كەلدى.بۇ ئىككى سىما بىرى ناھايىتى روشەن ،بىرى تولىمۇ غۇۋا ھالدا كۆزۈمدىن يىراقلاشتى.

2014.7.15            .   غۇلجا
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-19 20:19:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10 مىنۇت بۇرۇن يوللىغان بولسىڭىز روھلان ئۈندىدار سالونىنىڭ بۈگۈنكى سالونىغا چىقىراركەنمىز، ئەمدى ئەتە چىقارساق بولغۇدەك، بۈگۈنكىسى يوللىنىپ بولغان ئىدى.
دېگىنىڭىز بۇيىچە ياخشى ئەسەرنى ئەۋەتىپسىز مانا.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-19 20:23:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ مېنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت ئادىل ئەپەندى. داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەرنى سۇنۇشقا تىرىشىمەن.
ۋاقتى: 2014-8-19 21:59:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ھەقىقەتەن زور ئىكەن. سىز شېئىرغىمۇ، ھىكايىغىمۇ ماھىر ئىكەنسىز.
ياخشى ئەسەركەن.ئەتراپىمىزدا ھىكايىڭىزدىكىدەك موماي كەبى،ئۆز ھالىدىن ئۈزى خەۋەرئېلىپ  كىلىۋاتقانلارمۇ خېلى بار.يەنە بىر قىسىم ياش تۇرۇپ،ھەممە ئەزاسى ساق، تەييارتاپلىق يۇلىغا كىرىۋالغانلارمۇ يوق ئەمەس،ئەلۋەتتە.
ۋاقتى: 2014-8-22 20:52:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى ئەسەر روھلان ئۈندىدار سالونى rohlancn نىڭ بۈگۈنكى سانىغا يوللاندى.
ۋاقتى: 2014-8-23 20:17:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق كۈزىتىشنى ئەدەبى ئىلھامغا كاتالىزاتۇر قىلىپ ياخشى بىر يازمىنى يوللاپسىز .رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2014-8-23 22:23:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھاملىرىڭىز ئۆكسىمىگەي ،ئۆزگىچە قەلەم تەۋرەتكەنلىكىڭىزدىن سۆيۈندىم ،خىرۇستال خانىم !
ۋاقتى: 2014-9-5 18:44:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ماتىريال بوپتۇ ، ياش تۇرۇپ مەھەللىمۇ مەھەللە تىلەپ يەيدىغانلارغا قارىغاندا ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىگى بىلەن ياشاۋاتقانلار ئازمۇ .
ۋاقتى: 2014-9-25 23:56:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدىغان، تەسىرلەندۈرىدىغان بىر كۆرۈنۈش ئىكەن. بۇ تېمىنى (تېما مەزمۇنىنى) خېلى بۇرۇنلا كۆرۈپ، ئۆز تەپەككۈرۈمنىڭ يېتىشىچە بىر ئويلاردا بولۇپ كەلگەن بولساممۇ ئەمما، تېخى تۈنۈگۈن كەچقۇرۇنلاردا مەن ئۇچراتقان بىر ئىش تۈپەيلى بۇ تېمىنى كۆرۈپ، مۇشۇ ھەقتە سېلىشتۇرما مۇلاھىزەم ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇم كېلىۋاتىدۇ.
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4- 5 لەر ئەتراپىدا مەن ئاقسۇ شەھرىدىن مەن تۇرۇشلۇق يېزىغا ماڭىدىغان بېكەت- يېزا ئىگىلىك 1- شى قاتناش مەركىزىگە كېلىپ، بېلەت ئېلىپ بىر كىرا ماشىنىسىغا ئولتۇردۇم، بوش ئورۇندىن بىرقانچىلا قالغان بولۇپ، ئورۇن توشسىلا ماشىنا مېڭىش ئالدىدا تۇراتتى. مەن بىر بالا بىلەن (مەندىن ياشقا كىچىكرەك دېمەكچى) قىزغىن پاراڭغا چۈشكىنىمدە توساتتىن ھەممىمىزنىڭ نەزىرى ئۈستىباشلىرىغا كىرلىشىپ كەتكەن كېيىم كىيىۋالغان، يېشى تەخمىنەن 45-50 ياشلاردىكى، يۈزى داتلىشىپ كەتكەن تۆمۈر كەبى قارىدىغان، كۆزلىرىدىن ئاللىقانداق بىر تەييارتاپلىق، مەككارلىق چىقىپ تۇرغان بىر ئەر كىشىگە چۈشتى. چۈنكى، ئۇ ئادەم ئىشىكى ئوچۇق ماشىنىغا بېشىنى تىقىپ، ئاللىنېمىلەرنى دەپ، سەدىقە تېلەۋاتاتتى. ماشىنىدىكى چوڭ- كىچىك ھەممىمىز خۇددى دېيىشىۋالغاندەكلا بۇ كىشىگە ئىچىمىزدە كۇسۇلدىشىپ نالەت ئوقۇشقا باشلىدۇق. چۈنكى، بۇ سەدىقە تېلەۋاتقان كىشىنىڭ بەش ئەزايى ساق- سالامەت بولۇپ، گەپ- سۆزلىرىگىچە شۇنداق تېمەن، راۋان تۇراتتى، شۇ تۇرقى بىلەن بىرەر جايغا بېرىپ ھالال قولى بىلەن مادارىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ بەرسە، ھازىرقى بازار نەرقى بويىچە بولغاندا كۈنىگە ھىچ بولمىغاندا قورساقنى بېقىپ 70-80 يۈەندىن ئىشلىيەلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەپسۇس، بۇ كىشى (ياق، بۇ جەمئىيەتنىڭ داشقىلى، مىللەتنىڭ ئەخلىتى) نىڭ تەقى- تۇرقىدىن بۇنداق ئالامەتنى تاپقىلى بولمايتى.... مانا مۇشۇ دەقىقىلەردە شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرغان، ئۇزايىدىن خېلى بىر ئىشلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەندەك كۆرۈنىدىغان، يىگەن- ئىچكەندەك بەستكە، كۈچلۈك ۋە ئىلمىي قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكى چىرايىدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدىغان، باشقىلارغا تولىمۇ قىزغىن سۆز قىلىشقا ئادەتلەنگەن بىر ئايال ئۇ كىشىگە ئۆتكۈر نەپرەتلىك كۆزلىرى بىلەن مىقتەك بىر قادىلىپ تۇرىۋىدى، ھېلىقى تەييارتاپ تېلەمچى نېمە ئۈچۈندۇركىن ئاستا پايپاسلىغىنىچە قۇيرىقىنى خادا قىلدى... بۇ تېلەمچىگە مىقتەك قادالغان ھېلىقى ئايالنىڭ دەپ بېرىشىچە بۇ كىشىنى مەلۇم بىر يەرلەردە كۆرگەنمىش، ئەمما كۆپچىلىك ھېس قىلغاندەكلا تۇرقىدىن تارتىپ ئەمەلىيىتىگىچە قىلچە دۇرۇسلۇق ئىپادىسى يوق بۇ ئىنساننىڭ سىز ۋە مەندەك ئاق كۆڭۈل، ساددا كىشىلەرنىڭ ئورۇنسىز ئىچ ئاغىرىتىشى ئارقىلىق ئېرىشكەن پۇللارنى تاماق يېيىشكە- نورمال تۇرمۇش ئىستېمالىغا ئىشلەتمەستىن بەلكى قىمار، ھاراق- شاراپ ۋە ياكى شەھۋەتپەرەسلىككە ئىشلىتىشى مۇقەرەر ئىدى....
كۆز ئالدىمدا ھۆرمەتلىك «خىرىستال» خانىم قەلىمى ئاستىدا كۆز ئالدىمىزدا گەۋدىلىنىپ ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەتنى نامايەن قىلغان ئەشۇ موماي بىلەن مەن تېخى تۈنۈگۈن كۆرگەن ئەشۇ پۇت- قولى ساق بىر بېجىرىم ئەر تېلەمچىنىڭ خۇنۈك ئوبرازى گەۋدىلىنىپ، ئىنسانلاردىكى غورۇر، ھاياتقا بولغان مۇھەببەت... ھەققىدە كۈچلۈك سېلىشتۇرما كۆرۈنۈشلەرنى كۆز ئالدىمدىن تېنىمسىز ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلدى. ناۋادا ۋاقتىم يار بەرگەندە ھەم كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ قويۇشنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغىنىمدا بۇنداق ئوي- پىكىرلىرىم ئاساسىدا پۈتۈلگەن بايانلار بۇنچە ئاسان ئاخىرلاشمىغان بولاتتى... شۇنداقتىمۇ يەنىلا بۇ تەھلىللەرنى كۆپچىلىككە قالدۇرۇشنى توغرا تېپىپ، ھازىرچە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇەرمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-22 06:17

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش