روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1536|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا

قەلبىنۇر ئوبۇل ھەسەن


(يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان مۆھتىرەم ئاتىلارغا سالام يوللايمەن)

ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
گەر يارالغان بولساڭ جاپاغا
ئۇچاڭدىكى توپىنى قېقىپ،
مەرھەمەت قىل تۆرگە سارايغا.

ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
خامانلاردا ئۆتمىسۇن كۈنۈڭ.
يەر سېلىنجا،ئاسمان يېپىنجا،
سۇ ياقىلاپ ئۆتمىسۇن تۈنۈڭ.

ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
سەرسان بولۇپ يۈرمە ھەر يەردە.
بىزلەر ئۈچۈن سەكپارە بولۇپ،
دەم ئالماستىن يۈرمە سەپەردە.

ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
ئۈستەللەردە تالمىسۇن بېلىڭ.
ئۆزۈڭمۇ كىي قېلىنراق كىيىم،
بوپ قالمىسۇن ئۇچاڭ بەك يېلىڭ.

ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
كۆزلىرىڭنىڭ نۇرى ئۆچمىسۇن.
كېچىلەردە ئۇيقۇسىز مېڭىپ،
رول قولۇڭدىن چىقىپ كەتمىسۇن.

ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
جاڭگاللاردا يۈرمە تەمتىرەپ.
ئاچچىق سوغدا،پىژ-پىژ ئاپتاپتا،
يۈرمە ئەمدى توڭۇپ ھەم تەرلەپ.

ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
زاۋۇتلاردا يۈرمە ئاچ قورساق.
تاپشۇر بىزگە ئارمانلىرىڭنى،
ئەنسىرەمسەن يەنە بىز تۇرساق.

ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
تۇتايلى بىز كەلگىن بېلىڭنى.
ئەقىل كىرىپ سەپكە قېتىلدۇق،
ئاغرىتمايمىز نازۇك دىلىڭنى.

ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
راھەت كۆرگىن تۆت كۈن بولسىمۇ.
چىشلىرىڭنىڭ قالمىدى سېقى،
لېۋىڭ بىزگە كۈلۈپ تۇرسىمۇ.

ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
مۇڭدىشىۋال ئانام بىلەن كۆپ.
تەشنالىقتا ئۆتتى كۈنلىرى،
چۈشلىرىدە سېغىنىپ جۆيلۈپ.

ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
ئوقۇۋالغىن كىتاپلىرىڭنى.
ئەنسىرىمە ئۇخلىغىن تاتلىق،
بىز قىلىمىز ھىساپلىرىڭنى.

ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
ئۆمرۈڭ بويى كۆيدۈڭ شام بولۇپ.
سەن يورۇتقان شۇ يولنى بويلاپ،
ماڭىمىز بىز زور كۈچكە تولۇپ.


2014- يىلى 7- ئاي. قاراماي.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +75 ئىناۋەت +60 تەڭگە +45 بايلىق +45 تۆھپە +17 يىغىش سەۋەبى
جام + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ياقتۇردۇم
ADiL + 55 + 40 + 25 + 25 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-23 12:43:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار چىسلا خاتا چۈشۈپ قاپتۇ، تېمىنى تەستىقلىغۇچىلار رەنجىمەي تۈزۈتۈپ قويغان بولساڭلار.
ۋاقتى: 2014-7-23 14:03:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HIRISTAL يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 12:43
كەچۈرۈڭلار چىسلا خاتا چۈشۈپ قاپتۇ، تېمىنى تەستىقلىغۇچ ...

بولىدۇ، تەستىقلىغان تېمىلارنى تۈزىتىۋاتقاچقا سەل ھايال بولۇپ قالدىم. ھازىرلا ئوڭشىۋىتەي.
ۋاقتى: 2014-7-23 14:56:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز داملىق ياخشى شئىرلار ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن .
جاپاكەش ئاتىلىرىمىزنى ناھايتى ياخشى تەسۋىرلەپسىز
جاپاكەش ئاتىلىرىمىزنى ناھايتى ياخشى تەسۋىرلەپسىز
ۋاقتى: 2014-7-23 15:32:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىرىستالنىڭ قەلىمى كۈندىن-كۈنگە پارقىرىغىلى تۇرۇپتۇ. يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولۇڭ.
ۋاقتى: 2014-7-23 18:46:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىرىستال خانىمدەك ساپ قەلبكە تولغان شائىرەلىرىمىز مۇنبەرنى ھامان نۇرغا تولدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھەر بىر يازمىلىرىدا چوڭقۇر پەلسەپىۋىي مەنا چىقىدۇ، چاڭقىغان دىللارغا خاس شەربەت تامچىيدۇ.
دۇنيانىڭ يېرىمى ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ ئاتىلاردا بولسا قالغان يېرىمى خىرىستالدەك مېھرى ئىسسىق، جىسمى ئۇلۇغ ئانىلاردا! ئەشۇ ئۇلۇغ ئانىلار، ئاتىلار بولغاچقىلا غۇبارسىز پەرزەنتلەر بۇ دۇنيادا چەكسىز ئىللىقلىقنى ھېس قىلىپ، غەمسىز ياشايدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-23 20:13:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمامنى ياقتۇرغان ۋە ماڭا مەدەت بەرگەن بارلىق ئەزىزلەرگە رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-8-23 23:20:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ! قەلىمىڭىز بارغانچە ئۆتكۈرلىشىۋاتىدۇ ،ھارمىغايسىز !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-24 22:17

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش