روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1994|ئىنكاس: 16
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خوتۇن ئالمامسەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلال.ئې تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-5 18:30  

       خوتۇن ئالمامسەن!؟


گاھى غەمدە داتلىنىمەن ئۇھسىنىپ ئۇزۇن،
ئارزۇ-ئارمان بەربات بولدى سوققاچقا جۇدۇن.
ئۆتكەن ئۆمرۈم مىۋىسى يوق قاخشال بىر ئوتۇن،
غەللە-غەشلىك غاجار تەننى چىرايىم سۇلغۇن،
ئەمدى كېلىپ تېگەر جانغا «ئالمامسەن خوتۇن».
     
توۋا!_دەيمەن،نىمانچە بىر قالدىم بالاغا،
ئاتا-ئانام گەپ ئاچسىلا قاچتىم تالاغا.
رايىم يوقتۇر ئۇرۇق-تۇغقان يۈزىگە قارارغا،
بويتاقلىغىم لايىق بولدى پۈتكۈل «جازا»غا،
ئاشۇ سۆزگە بەك ئۆچ بولدۇم، «ئالمامسەن خوتۇن».
                                                        
تاماق تەييار قىلىپ تۇرىدۇ سەن ئىشتىن يانساڭ،
پۇت-قولۇڭنى تۇتۇپ قويار ئەمگەكتە ھارساڭ.
_دەيدۇ ئاپام، دائىملا_ئەگەر خوتۇن ئالساڭ،
مومام دەيدۇ: كۆرۈپ ئۆلسەم بالىلىق بولساڭ.
…… تولا ئاڭلاپ تويۇپ كەتتىم «ئالمامسەن خوتۇن».

دوست-يارەنلەر ئۇچراپ قالسا ھال-ئەھۋال سوراپ،
تېما يەنە يۆتكىلىدۇ شۇنىڭغا قاراپ.
كۆرىنەمدۇ ياكى خەققە ھالىم بەك خاراپ،
مازاق قىلغان تەلەپپۇزدا ئېيتار چىكىلداپ،
دەرتكە دەرمان بولار ئىدى،«ئالمامسەن خوتۇن».

نىمە كارىڭ مېنىڭ بىلەن؟_دېدىم ئاخىرى،
(بىرسى يەنە سالا بىلەن گەپ باشلىۋىدى).
مېنى قويۇپ،سەنمۇ بويتاق ،ئالغىنە قېنى،
(نېمە ھەممىڭنىڭ جىدىلى مەن بىلەن قالدى)،
كەچكىچە شۇ خوتۇن،خوتۇن……«ئالمامسەن خوتۇن»!؟

توي قىلىش ئۇ گۆدەكلەرنىڭ ئويىنىمىكەن؟
خوتۇن دىگەن قۇل-مالاي يا مىكيانمىكەن؟
تەن بولسىلا چىن مۇھاببەت شۇ بولامدىكەن؟
تەڭ سوقمىسا ئىككى يۈرەك بەخىت نەدىكەن؟
ئاپاممۇ سەن ياكى لاۋزا_«ئالمامسەن خوتۇن».
                                                     
ئاپام،ئۇنى-بۇنى سايە قىلىپ چىقرار جېنىمنى،
كاشكى بىرسى خىيالىمغا كىرىپ چىقسىدى.
توي دىگەنمۇ «توي» بولىدۇ،بولمىسا رىشتى،
يۈرىكىمدە تەلپۈنۈش بار،مۇھاببەت تەپتى،
مەيلىم يوققا……ھەي!  دەۋەرمەڭلار «ئالمامسەن خوتۇن».

ئۇدۇل كەلگەننى خوتۇن دەپ ئالمايمەن ھەرگىز،
ماڭا كېرەك پاك، غورۇرلۇق، ئەقلى تولغان قىز.
ئۆتكەن ئۆمرۈم ئۆتۈپ كەتتى قالدۇرمايلا ئىز،
پىلانلىرىم بارتى يەنە ئورۇندايمەن تېز.
ۋاقتى ئەمەس،قىستىماڭلار ئاچمىسام ئېغىز،
ئەركىن تىناي ئاڭلىغۇم يوق «ئالمامسەن خوتۇن».


                 2014-يىل   4-ئىيول.  
                                    مەنبە:قەلىمىم.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-5 17:40:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت يېزىپ قويۇپسىزغۇ بۇ شېئىرنى
چوڭلارنىڭ غېمى شۇ بىزلەرنى تېزراق ئۆيلۈك- ئوچاقلىق بولسىكەن، تۇرمۇشى ئىزىغا چۈشسە، نەۋرىلىك بولساقكەن دەيدىكەن، بىز بولساق ئۆزىمىزنىڭ ئاللىقانداق غايە- نىشانلىرىمىز ئۈچۈن تىپىرلاپ، گاھىدا «خوتۇن ئېلىش» نى ئويلىساقمۇ بىراق «كۆڭلىمىزدىكى خوتۇن يوق»... قاتارلىق بىرقىسىم سەۋەبلەر بىلەن بۇ ئىشنى ئارقىغا سۆرەۋېرىدىكەنمىز. مەنمۇ دەل سىز بۇ شېئىرىڭىزدا دەپ ئۆتكەن ئەشۇ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەننىڭ بىرىمەن بىراق، تۇرمۇشتا ئۇنچىلىك ئىنچكە، ئۇنچىلىك زىل بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدىغان گەپ ئىكەن، شۇڭا بەزىدە بۇ ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە «تەۋەككۈل» قىلىشقىمۇ توغرا كېلىپ قالىدىكەن. جاھاندا مۇككەممەل ئادەم يوق، بىزمۇ، بىز تاللىماقچى بولغان ئوبېكتىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، كىشى بىر ئۆمۈر ئارمان بىلەن ياشايدىكەن، ئۇنى قىلساق بۇ چىقىپ تۇرغان، بۇ ئىشنى قىلىپ تۇرساق يەنە بىر ئىش چىقىپ تۇرغان، قىسقىسى بىز بىر ئۆمۈر تىپىرلاپ يۈرۈپمۇ ئارزۇ- ئارمانلىرىمىزغا تولۇق يېتەلمەيدىكەنمىز. شۇڭا تۇرمۇش ئىشىدا بەك ئەستايىدىللىقمۇ بىزگە زىيان كەلتۈرۈپ قويۇشى ئېنىق. چوڭلارنى، تونۇشلارنى بەك زارىقتۇرۋەتمەي، تېزراق «خوتۇن ئېلىڭ» ئەمدى (چاخچاق قىپ قويدۇم- ھە ).  
ۋاقتى: 2014-7-5 20:27:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن.رەھمەت
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-7-5 21:06:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىرمايمىز خوتۇن دېگەن ئامىن دېگەنگە كەلمەيدىكەن يا
来自安卓客户端

باھا سۆز

راس ئالمامسىزما  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-5 23:30
راسىت دەيسىز،ھازىر قىزلار ئالتۇنغىلا تىگىدىغان بوپ كەتتى،ھەممىسىگە پۇل كېتىدۇ،شۇڭا ئەركىشىدە تويدىن بورۇن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-5 22:57
ۋاقتى: 2014-7-5 21:59:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ياخشى يېزىلىپتۇ. قەلىمىڭز بەرىكەتلىك بولسۇن.
تەكلىپ: بۇندىن كېيىن تىلنىڭ راۋانلىقى جەھەتتە يەنە بەكرەك ئەجىر سىڭدۈرسىڭىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-5 22:57:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
altaxna يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 21:06
ئالدىرمايمىز خوتۇن دېگەن ئامىن دېگەنگە كەلمەيدىكەن يا ...

راسىت دەيسىز،ھازىر قىزلار ئالتۇنغىلا تىگىدىغان بوپ كەتتى،ھەممىسىگە پۇل كېتىدۇ،شۇڭا ئەركىشىدە تويدىن بورۇن تەييارلىق بولىشى كېرەك،ئۆزى بىر ئۆينىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن،قۇربۇم يېتىدۇ دەپ قارىسا توي قىلسا بولىدۇ. «باينىڭ كالىسى كۆپ، نامراتنڭ بالىسى» دېگەندەك ئۆي باققۇدەك ئىقتىدار يوق، بىر خوتۇن بىلەن كۆپ ئۆتمەي بىر بالا قۇچاقلاپ ئۆزىنى رۇسلىيالماي ھەممىنى جاپاغا قويۇپ پەلەكتىن زارلىنىپ يۈرۈش ئوغۇل بالىنىڭ ئىشى ئەمەس.
ۋاقتى: 2014-7-5 23:30:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
altaxna يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 21:06
ئالدىرمايمىز خوتۇن دېگەن ئامىن دېگەنگە كەلمەيدىكەن يا ...

راس ئالمامسىزما
ۋاقتى: 2014-7-5 23:43:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىم发表于2014-07-05 23:30:48


راس ئالمامسىزما{:6_263:}{:6_263:}
ئالدىرمايمىز دېدىمغۇ ئاچا
来自安卓客户端

باھا سۆز

ماقۇل  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-6 13:19
ۋاقتى: 2014-7-6 08:25:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇن ئېلىش كېرەك، ئەمما ئۇ-ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولالايدىغان بولۇشى بەكمۇ زۆرۈر! « كالا ئالساڭ ئاي كېڭەش، خوتۇن ئالساڭ يىل كېڭەش»دەدۇ شۇڭا ئاتىلار.
ۋاقتى: 2014-7-6 13:19:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
altaxna يوللىغان ۋاقتى  2014-7-5 23:43
ئالدىرمايمىز دېدىمغۇ ئاچا
来自安卓客户端

ماقۇل

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-21 07:54

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش