روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1278|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

پارچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-19 13:25:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

                  پارچىلار

مۇندا بىر كۈن ئۆتكەيمۇ سەنسىز ئازاپسىز،
مۇزلىدى دىل، قالغاچ ۋىسالدىن قارارسىز.
نە بەخىتكى، باشقا بالا بولدى سەۋدا،
بۇ گادالىق چۆلىدە يالغۇز، مەن ئامالسىز.
      *                   *                   *
قاينىدى دەردۇ-پىغان تاشتى بۇ دەم،
تۈگۈلدى مۇشتۇم شۇ ئان، سۇندى قەلەم.
قاچتى ئىلھام، قەغەز يەنە قالدى قۇرۇق،
شۇ پىغاندىن ئۆزگە ھەم، يوق ھېچ نېمەم.
      *                   *                   *
ئىلتىجايىم ياغسا يامغۇر شارقىراپ،
سەگىسە غەمكىن يۈرەك دەرتلەر تاراپ.
چىقسا تامچە كۆزدىن،قوشۇپ ئاقسا يۇيۇپ،
كى بوراندا كەتسە بۇلۇت ھالىم خاراب.
      *                  *                   *
سالقىن كېچە ئاي كۆڭۈلگە بەرگەچ زوق،
تەن بىتاب چارچاشتا ئەمما ئۇيقۇ يوق.
ئۆرلىدى شۇ دەم پىغان،يۈرەكتە مۇڭ،
سېغىنىش ئالدى ئەسىر كاللام قۇرۇق.
      *                   *                   *  
مەن نېتەي، باستى كۆڭۈلنى مۇپتىلالىق،
چاغلىمىغان سۆيگىنى ھېچ بۇ بالالىق.
شاھ ئىدى ئەسلى كۆڭۈل تۆر ئۈستىدە،
خوش-خوش قىلىشقا سالدى ئەمدى بۇ گادالىق.
      *                   *                   *
كۆرگىلى نېسىپ ئەمەس ھەر كۈن ماڭا،
باسقىلى باغىرىمغا ئىمكان يوقتۇر يانا.
شۇ قەدەر سېغىنىشتا ئۆتسە ھالىم،
بىلمىگەن جانانغا ئېيتاي_ۋادەرىخا!

            مەنبە: خاتىرەمدىن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-19 19:36:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ . تېخىمۇ تېرىشىڭ .
شىئېرىڭىزدا بىر مۇڭ بار. قايىللىقىم باركى بۇ مۇڭ سىزنى قەلەمدىن زادىلا ئايرىلغىلى قويمايدۇ. ئېنىقكى بىرىنچى كۇبلىتنىڭ ئۆزىلا سىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىزنى ئۇچۇقلا يالىڭاچلاپ بىزگە تاشلاپ بېرەلىدى .مانا شىئېرنىڭ غەلبىسى. بۇ ھەۋەس ئۇستازنىڭ ۋە سىھىر خانىمنىڭ شىئېرلىرىدا بەك گەۋدىلىك. ئۇمۇمەن ياخشى يېزىپسىز. تەكلىپ شىئرىڭىزنىڭ تېمىسىنى باشقىچە قۇيۇپ شىئېرنى بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئىگە قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-24 01:48

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش