روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1599|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مۇھەببەت ئىلتىجاسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-23 20:40:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
         مۇھەببەت ئىلتىجاسى

ئۇھسىنىپ قالدىم يەنە غەمگە پېتىپ،
ئاھ! نېچۈن بۇنچە بولدى دىل بىئارام.
تىلغىنىپ كەتكەندەك ئېچىشار يۈرەك،
تەپچىرەپ قىزىل قان،سويۇلۇپ يارام.

پەرۋاسىز «مەن» قېنى، قالدى نەلەردە؟
ئۆتمۈشكە قايتقىم بار ئىزىمنى بويلاپ.
بىراق بۇ ئاسىي روھ باقماس مەيلىمگە،
خىيالىي بىرىنى مەھكەم قۇچاقلاپ.

بەزىدە تەن بېرىپ قالىمەن جىمىپ،
خىيالىي بولسىمۇ شىرىنلىكى راست.
ئەمما، ھەي!…ئەقلىمگە كەلگەندە توۋا،
نېمانچە قاراڭغۇ، ئۈمۈدسىز ھايات.

شىرىنلىك پەقەتلا خىيالدا مەۋجۇت،
ھەقىقەت_ۋىسال ئۇ، يىراق بەك يىراق.
توختىماس سېغىنىش، ئىزتىراپ چېكىش،
قىينايدۇ بىر خىلدا رەھىمسىز پىراق.

زېرىكىپ قالىمەن بەزى ئۆزۈمدىن،
ئامراقمەن ئازاپقا زادى نېمىشقا.
ۋىسال يا ئۇنتۇشنى قىلساڭچۇ نىسىپ،
قىلىمەن كىمگىدۇر شۇنداق ئىلتىجا.
           
      _خىيالپەرەس.   2014-يىل     23-دېكابىر.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-23 21:56:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر خېلىلا ياخشى يېزىلىپتۇ، يەنىمۇ تىرىشىڭ.
بۇنداق ھىسياتتىكى ئادەم مەنلىمىكىن دىسەم يەنە بىرسى باركەنغۇ
ۋاقتى: 2014-12-26 22:49:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرلەپ ئۆتكۈزگىن ھەر بىر مىنۇتنى ،
ئۆتكەن كۈن كەلمەيدۇ ئەمدى قايتىدىن.
كەينىڭگە تاشلىۋەت ،باققىن ئالدىڭغا،
ئازات قىل ئۆزۈڭنى دەردۇ -ئازاپتىن.

سۈيۈشمۇ سۆيۈلۈش ئۈچۈندۇر بىلسەڭ،
بولدى قىل بۇنچىلىك بولما بىئارام.
قىينىما ئۈزۈڭنى ھايات بەك قىسقا،
بىر كۈنلەر كىلىدۇ دەردىڭگە دەرمان.

بەك قاملىشىپ كەتمىسىمۇ ئازراق ئىنكاسلىق شىئىر يىزىپ باقتىم،،،،ھەر بىر ئادەم ئەڭ ئاۋال ئۈزىنى ،ئاندىن باشقىلارنى سۈيۈشى كىرەك،،،شىئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ،ھارماڭ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 03:35

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش