روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1275|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۇچراشقاندا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       ئۇچراشقاندا

سىمايىڭنى كۆرۈش بىلەن تەڭ،
سوقۇپ كەتتى يۈرەك دۆپۈلدەپ.
نۇمۇس كۈچى كۆتۈرگۈزمەي باش
ئاي يۈزىڭنى كۆرەلمىدىم خەپ!

يىراق ئەمەس ئارىلىقىمىز،
چاندۇرماستىن قارايمەن ساڭا.
بەزى قاراپ قالساڭ قايرىلىپ،
ئەپ قاچىمەن كۆزۈمنى ئاستا.

بىھۇش قىلىپ جىسمىمنى ھېدىڭ،
ئاھ!…ئورۇلدى دىماقلىرىمغا،
چۆكتۈم شۇئان خىيالى ھېستا،
چىن سۆيگۈنىڭ قايناملىرىغا.

توۋا!……
يات ئەمەسمۇ ماڭا بۇ ھالەت،
تەمتىرەيمەن نېمىگە شۇنچە؟
ئەمەسمىدى كۈندە ئارمىنىم،
كۆرىۋېلىش باغرىم قانغۇچە.

قارىغاندا مەن تەرەپكە سەن،
بايقىغىنىم بىر مۇزلۇق چىراي.
مەنلا كۆيۈپ كۈل بولامدىمەن؟
ئېيتە جېنىم، سېنىڭدىن سوراي.

پەرۋاسىزلىق تەبئىيتىڭمۇ يا؟
«مەكتۇب» لىرىم قالدى جاۋابسىز.
ئاھىم تۇتۇپ قالمىسۇن يەنە،
ئەگەر كېتىپ قالسام ۋاقىتسىز.

خار بىلمىگىن بۇنچە، يۈرەكنى،
ئۇنىڭ نازۇك ھېس-تۇيغىسى بار.
بىر كۈن كېلىپ ساڭا يەتكەندە،
دەمسەن يەنە چىن ئىخلاسى بار.

   2014-يىل  29-ئىيۇن.
                 قەلىمىم.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-8 10:09:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلال ئەپەندىمنىڭ بۇ شېئىرى مېنىڭ 18 ياشلىق ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەتتى.   بۇ لېرىكا ناھايىتى چىن ھىسيات بىلەن يېزىلىپتۇ. قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن.
ۋاقتى: 2014-7-11 14:42:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئېرىڭىز راستىنلا ياخشى يېزىلىپتۇ، مەنمۇ بىر چاغلارنى ئەسلەپ قالدىم...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 09:24

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش