روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1038|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

روبائىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-26 18:58  

قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

ئانام ئېيتىدۇ ھەر تاڭدا ماڭا،
بوسۇغىدىن ئەمدىلا قەدەم ئالغاندا.
[بالام ئاۋايلاپ، دىققەت قىلىپ ماڭ،
ئەپسۇسلانمايسەن كېيىن قالغاندا.]
                    2                           
[ئىنسان ]دىن ئىبارەت نامىڭ بار سېنىڭ،
[ئالا كۆڭۈل] بولما سەن چىقسىمۇ جېنىڭ.
خەلقىڭ خىزمىتىنى پاك قىلىپ ئۆلسەڭ ،
قورۇنماس قەۋرەڭدە مۇبارەك تېنىڭ.
                        3
پاك بولسا كىشىنىڭ قەلبى ھەر قاچان ،
يۈز كېلەر ئەجداتقا، ئەۋلاتقا ھامان.
پاكلىق ھەممىدىن گۈزەل نەرسىدۇر،
كۆڭۈلنى قىلىدۇ ھەر كۈن شادىمان.
        4
ھەر ئىشتا بولغىن پەرۋانە ھەر ۋاق،
ئۆزۈڭگە پاك بولساڭ قورقما ھەممە ۋاق.
باشقىنىڭ نىمە دەپ كۇسۇرلىشىدىن،
پەرۋاسىز يۈرۈۋەر ئۆزۈڭ بولساڭ ساق.
                5
ئىشەنمە ھازىرقى ئورنۇڭ- نامىڭگە،
بولالماس بىر ئۆمۈر نائىل ئۆزۈڭگە.
نەزەر سال يىراققا مەنزىل بەك ئۇزاق.
ئىمكان قالدۇرغىن كېلەچىكىڭگە.                        6
                6  
   ئەگرى قىلمىغىن ھەرگىز قولۇڭنى،
  يەرگە ئۇرىسەن يۈز- ئابرويىڭنى.
  نەسىھەتلەرگە ئوبدان قولاق سال،
  رازى قىلغىن سەن ئېلىڭ- خەلقىڭنى.
                  

2014           .  قاراماي

                     

باھا سۆز

يەنە بىر ياخشى ئىجادىيەت!  ۋاقتى: 2014-6-26 19:00
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-26 19:07:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن يېڭى رۇبائىڭىزغا ،قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن !
ئالامەتقۇ بالاڭزا !!!

باھا سۆز

مەسخىرە قىلماڭ نەپرەت ،سىزگە يەتمەيمەن.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-6-26 21:05
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-26 21:05:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەسخىرە قىلماڭ نەپرەت ،سىزگە يەتمەيمەن.
ۋاقتى: 2014-6-27 12:56:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئوبدانكەن مىنىڭ نىمىشقا چىقمايدۇ
来自安卓客户端

باھا سۆز

سىزنىڭ نېمە چىقمايدۇ؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-6-27 14:58
ۋاقتى: 2014-6-27 14:58:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەقۋا يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 12:56
بەك ئوبدانكەن مىنىڭ نىمىشقا چىقمايدۇ
来自安卓客户端

سىزنىڭ نېمە چىقمايدۇ؟
ۋاقتى: 2014-6-27 17:26:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمگە ياققان رۇبائىلار بولسا خاتىرەمگە كۆچۈرۋالىمەن ............بۇ رۇبائىرلىرىڭىز ئىچىدە بىرنى كۆچۈرۋالدىم .............
ۋاقتى: 2014-6-28 01:15:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالدىنقى قېتىم 10كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت سەرىپ قىلىپ شۇنچە كۆپ رۇبائىي تەييارلاپ روھلانغا يوللىسام تەستىقتىن ئۆتمەپتۇ .شۇندىن كېيىن مەن روھلاندا رۇبائىي تەستىقلىماسمىكىن دېسەم مانا باشقىلارنىڭ تەستىقتىن ئۆتۈپتۇ دېسە .مېنىڭ نېمىشقا ئۆتمىدىكىنتاڭ  ،شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ ھازىرغىچە كومپىيۇتىرىمدا ساقلاپ قۇيۇپ بىكار بولسام زېرىكسەم ئوقۇپ قۇيۇپ ساقلاۋاتىمەن .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-22 06:50

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش