روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 852|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

(شىئېر) مەۋھۇم دۇنيا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yamanbala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-18 21:25  

‏مەۋھۇم   دەيمىز بىز  ئۇشبۇ   دۇنيانى،
‏سەن دېگەن مەۋھۇملۇق بىزدىكى ئىللەت .
‏دۇنيانى  چۈشەنمەي   ھاياتنى   پەقەت ،
‏گۈزەل   قىلالماس   ساپاسىز   مىللەت .

‏دەلىل   كەلتۈرسەم  مۇنۇ  سۆزۈمگە ،
‏باشلايمەن ئەۋۋەلقى  زەلىل  زاماندىن.
‏ئىلىمدار خار  بولغان،  پىداكار مالاي ،
‏رەھبەر بوپ باشقۇرغان جۇتلۇق ماكاندىن .

‏خەلىقلەر بىلمەسكەن ئالىم قەدرىنى ،
‏زالىملار شۇ سەۋەپ تۇتۇپتۇ  ھوقۇق .
‏زۇلۇم كەلمەيدۇ  قارا    مىللەتتىن ،
‏پەقەتلا كېلەركەن قوشنا - قولۇمدىن .

‏نىمىشقا  سورىدىم  تارىخ  ، ھاياتتىن،
‏ئىللىتىن بىلدىم مەن قۇرئان كەرىمدىن.
‏چوڭقۇرلاپ قارىسام  تېخىمۇ زەن سەپ،
‏بار ئىكەن نامىمىز سۈننەت  سەلەپتىن.

‏دەيدۇكى ئاللاھىم  مۆمىن   قېرىنداش ،
‏شۇ سەۋەپ بولۇڭلار ئۆز - ئارا مۇڭداش.
‏دەيدۇكى رەھبىرىم مۆمىن بىر جەسەت،
‏قەلىپلەر  ئۇندىكى سالىھ بىر يولباش.

‏ئەمدى بىز  قارايلى ساڭا  ۋە  ماڭا ،
‏ئۇ ھەدىس ھەم ئايەت قەيەردە مۇڭداش .
‏ئوقۇيمىز ، ھەم تېخى تەپسىر قىلىمىز،
‏بۇ پەقەت ئېغىزدا ، ئەمەس قەلىپتە سىرداش.

‏ئىللەتنى تۈزەيلى  دېسىلا   بىرسى ،
‏خۇرۇمدىن تىكىلگەن ئۇنىڭ قالپىغى .
‏ئۆزىگە قارايدۇ خۇددى شىر  سۈپەت،
‏باشقىلار ئەرزىمەس ئاياقنىڭ   يىپى.

‏قېرىنداش  قىلمىغىن  ئۇنداق   ئەيىپنى ،
‏بىلگىن سەن نۇرلۇق ھەم شانلىق ھاياتنى.
‏مەۋھۇمكەن دېسەڭ گەر شەرھىلەي ساڭا ،
‏راستىنلا  بەك  ئۇلۇغ ئاشۇ     زاماننى.

‏خەلىق بىلگەنكەن ئالىم    قەدرىنى ،
‏شۇ ئالىم كۈيلىگەن ئىمان  قەدرىنى.
‏شەۋكەتلىك ھاياتقا تۇغ-ئەلەم بولغان ،
‏پاسىبان ھەم يولباش قۇرئان  يولىنى .

‏گەرچە سەن بولساڭمۇ زاۋۇتتا يولباش ،
‏ۋە ياكى سەپەردە  ھەقىقى   يولداش.
‏بەرىبىر ئاللاھنىڭ  ئالدىدا  ئوخشاش ،
‏شۇ سەۋەپ بولايلى دىندار  قېرىنداش.

‏ئەمدىكى بۇ  ھايات   نەقەدەر گۈزەل،
‏كۆيسەڭمۇ كۆيگەنگە قىلمايسەن نەزەر.
‏قارايسەن دۇنياغا يوقتۇر  مەۋھۇملۇق،
‏قۇياشقا  ئوخشايدۇ  چاقنايدۇ  قەدەر.

‏ھەققاني 2013.9.28 شەنبە

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-18 21:48:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى يېزىپ قويىلا جۇمۇ ئۇكام.ھې ھې....ئاللاھ قەلەملىرىنى يەنىمۇ ئۆتكۈر يەنىمۇ بەرىكەتلىك قىلىۋەتسۇن.ئامىن!بىراق بىلىلا مېنىڭ سەل دۆتلىكىمنى.بىرىنچى كوپلىتنىڭ ئالدىنقى ئىككى مىسراسىنى ماڭا بىر يىشىپ بىرىۋەتسىلىچۇ....
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-6-19 01:57:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 21:48
شېئىرنى يېزىپ قويىلا جۇمۇ ئۇكام.ھې ھې....ئاللاھ قەلەملى ...

‏مەۋھۇم   دەيمىز بىز  ئۇشبۇ   دۇنيانى،
‏سەن دېگەن مەۋھۇملۇق بىزدىكى ئىللەت


بۇنىڭ چۈشەنمەيدىغان يىرى يوققۇ ھەدە
ۋاقتى: 2014-6-19 08:27:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەكشىي بەلەن يېزىپسىلە بۇ شىئرنى
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-6-19 12:36:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەپرەت发表于2014-06-19 01:57:58


‏مەۋھۇم   دەيمىز بىز  ئۇشبۇ   دۇنيانى،
‏سەن دېگەن مەۋھۇملۇق بىزدىكى ئىللەت


بۇنىڭ چۈشەنمەيدىغان يىرى يوققۇ ھەدە
مەن شۇ دۆترەك،قانداق قىلىمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇكامنىڭ ھەممە شېئىرىگە ئۇنى بۇنى دەپ ئۆگىنىپ قالغانچۇ مەن،بىرەر ئېغىز گەپ قىلمىسام ئۆزىگىمۇ غەلىتە بىلىنىپ قالىدۇ ھەقاچان.سىز چۈشەنگەندىكىن ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويىڭە قېنى،"سەن دىگەن مەۋھۇملۇق بىزدىكى ئىللەت "دىگەن جۈملىنىڭ مەنىسى نىمۇ؟
来自安卓客户端

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-20 14:03

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش