روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1890|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر] قوشنا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

قوشنا دىگەن ئەڭ ئۇلۇغ بىلسەڭ ئۇنى قەدىرلە،
يوقى بولسا بېرىپتۇر قولۇڭدىن كەلسە يۆلە.
ئۆي ئالمىغىن قوشنا ئال دىگەن ئىكەن كونىلار،
ھېيت-ئايەمدە ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭ ئۆيىنى پەتىلە.

بېرىدۇ ئۇ بارىنى يوقىغا ئامالى يوق،
رەنجىپ قالساڭ ناۋادا قىلمىغىن سەن ھەرەىز دوق.
يىگىنىڭدە گۆش گىردە قوشناڭ ئەتسە گۆشسىز ئاش،
سۇنغىن ئۇمۇ يىسۇن تەڭ،بولسۇن ئۇ توق،سەنمۇ توق.

يىراقتىكى تۇغقاندىن ئەلا دىگەن قوشنىلار،
ئويلان ئۈشبۇ ھىكمەتنى بىكار ئېيتماس بوۋىلار.
نەزىر-چىراغ،توي-تۆكۈن قوشنىلارسىز ئۆتمەيدۇ،
ئۆيلىرىنى تەڭ يورۇت،شام ياقمىسۇن قوشنىلار.

ئەتىگەندە سالام بەر مەھكەم سىقىپ قولىنى،
قوشناڭ سۇنسا سۇيۇق ئاش،سەنمۇ سۇنغىن پولونى.
كۈلپەتلەرگە دۇچ كەلسە قول قوشتۇرۇپ تۇرمىغىن،
ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ تەڭ يورۇتقىن يولىنى.

قوشنا دىگەن ئەنە ئۇلۇغ بىلسەڭ ئۇنى قەدىرلە،
ئارتۇق كۆرۈپ ئۆزۈڭدىن ھەر قەدەمدە ئەزىزلە.
ئەزەلدىنلا ئىسىل ئىش قوشنا بىلەن ئەپ ئۆتۈش،
بالىلىرىڭ ئۈگەنسۇن سەن قوشناڭنى ئىززەتلە

2014-6-18   قاراماي.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-18 22:40:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوقى بولسا بېرىپتۇر قولۇڭدىن كەلسە يۆلە.(مۇشۇ مىسرانى يەنە بىر قېتىم ئويلىنىپ باشقا سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادە قىپ باقسىڭىز ،شىئىرى پۇراقتىن سەل يىراق بوپ قاپتۇ )

رەنجىپ قالساڭ ناۋادا قىلمىغىن سەن ھەرەىز دوق.(ئىملاسىنى تۈزىتىۋەتسىڭىز)
مەن بۇ خىل تىمىلارنى يېزىشنى ، ئوقۇشنى ،ھەم تەشەببۇس قىلىشنى تولىمۇ خالايمەن .بەك ياخشى يېزىپسىز .

ۋاقتى: 2014-6-18 22:44:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشنا دىگەن ئەنە ئۇلۇغ بىلسەڭ ئۇنى قەدىرلە،
بۇ مىسرانى ‹‹قوشنا دېگەن ئۇلۇغدۇر ،بىلسەڭ ئۇنى قەدىرلە››دەپ ئۆزگەرتسىڭىز تېخىمۇ راۋان بولىدىغاندەك ھېس قىلدىم .
مەزمۇنى ياخشى تاللانغان،ئۆزىمۇ ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن.ئاللاھىم بەرىكەت بەرسۇن.ئامىن!
ۋاقتى: 2014-6-19 00:15:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز ...
ۋاقتى: 2014-6-19 17:22:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يېڭىچە ئىلھاملىرىڭىزغا ئاپىرىن !ھارمىغايسىز !
ۋاقتى: 2014-6-19 17:30:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مونبەر ئەھلىدىن سىزگە ئوتلوق سالام ،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

سىز مونبەرگە يىڭىدىن كىرىپلا شۇنداق ياخىشى بىر شىئر ئىلىپ كەپسىز بۇندىن كىينمۇ توختاپ قالماي قەلەم تۇلپارىڭىنى چاپتۇرشىڭىزنى ئۇمۇت قىلمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-20 09:18:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Izqiman يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 22:40
يوقى بولسا بېرىپتۇر قولۇڭدىن كەلسە يۆلە.(مۇشۇ مىسرانى  ...

شېئىرىمنى ئەستايىدىل كۆرگىنىڭىزگە،بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزگە رەھمەت ئىزچىمەن ئەپەندى.
‹قوشنا دىگەن ئەڭ ئۇلۇغ› ئىدى ،ئىملاغا دىققەت قىلاي.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-20 09:26:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلان مۇنبىرىدىكى مېنى قوللىغان،شېئىرىمنى ياقتۇرغان بارلىق ئەزىزلەرگە رەھمەت.بولۇپمۇ شېئىرىمغا ئەستايىدىل نەزەر ئاغدۇرۇپ ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرگەن ئىزچىمەن ئەپەندىمگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
‹قوشنا دىگەن ئەڭ ئۇلۇغ› ئىدى،ئىملاغا دىققەت قىلاي.ھەممىڭلارنىڭ ئەزىز تېنى ئامان بولغاي.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-20 09:29:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىمنى ياقتۇرغان ،مېنى قوللىغان بارلىق ئەزىزىلەرگە رەھمەت،مۇبارەك تېنىڭلار ئامان بولغاي.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-17 03:53

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش