روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1833|ئىنكاس: 13
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەلنىڭ شىرى ئەلشىرگە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەلنىڭ شىرى ئەلشىرگە شېئىر

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇمدىن باشلىدىم شېئىر،
خەۋەر قىلىڭ كۆرسۇن تېزراق ئۇكىمىز ئەلشىر.
مەكتۇپىغا جاۋاپ يازماق تەس بولدى شۇنچە،
يازماي دىسەم قورقتۇم دەرمۇ بار ئۇندا كىبىر.

كەچۈر دەپسىز خىجىل بولدۇم سەمىمىيەتتىن،
"كەچۈردۈم"گە تىلىم كەلمەس بۇ خىجالەتتىن.
خاتالىقنىڭ پىلتىسى مەن،سەۋەپچىسى مەن،
نومۇسسىزلىق بارمۇ يەنە سىزدىن كۆرمەكتىن.

جاۋاپ شېئىر يېزىپ چاخچاق باشلىغىنى مەن،
چاخچىقىمغا سادا كەلسە قاچقىنىمۇ مەن.
ئۆزھالىمغا باقماي كۆرۈڭ قوشاقلار توقۇپ،
ئېشىپ كەتسە چىدىماستىن ياتقىنىمۇ مەن.

گۆدەك دىدىم باشقىلارنى،بەلكىم مەن گۆدەك،
توغرا ئەمەس باشقىلارغا قاپاقنى تۈرمەك.
قاملاشمايتى نامەھرەملەر قوشاق توقۇشۇپ،
چاخچاقلىشىپ ئەل كۆزىچە كۈلۈشۈپ يۈرمەك.

تەۋبە قىلدىم گۇناھىمغا ئاللاھ كەچۈرسۇن،
پىتنە بولسا بۇ سەۋەپلىك ئۆزى ئۆچۈرسۇن.
يوقىمىسۇن ھايا،ئىمان گۇناھ تۈپەيلى،
يەتمەك بولسا جازا،ئازاپ باشتىن كۆتۈرسۇن.

كۆرۈپ تۇردۇم ئىنكاسلارنى سۈكۈتتە تۇرۇپ،
تەسكىن تېپىپ قالدىم ئازراق كۆڭلۈممۇ يورۇپ.
جۈرئىتىم يوق ئىدى ئەسلا جاۋاپ يازماققا،
بۈگۈن ئاخىر قەلەم ئالدىم ئىشەنچكە تولۇپ.

كىمدىن كەتتى،كىم سەۋەپلىك؟دىيىشمەيلى بەس!
ئىنسان ئىكەن خاتالىقتىن ساقلانمىقى تەس.
ئوبدان ئاچا ئۇكا بولۇپ ئۆتەيلى ھەرچاغ،
ئاپرىن ئېيتسۇن مۇنبەرداشلار قىلىشىپ ھەۋەس.
来自安卓客户端

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +9 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
alxir + 9 + 9 ئاللاھ رازى بولسۇن

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-16 13:38:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئايشەمگۈلنىڭ ئىتقاد ئىمانىغا ۋە  ئەدەبى ئەخلاقىغا ئاپرىن.  
ئەمدى بۇ خىلدىكى چاقچاق ۋە ياكى باشقا ئىنكاسلارنى بىردەك توختىتايلى قېرىنداشلار. ئەمدى لاۋزىلىشىپ قالىمىز. مۇۋاپپىق بولمىغان ئىنكاس يازغۇچىلارمۇ توختايلى .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 يىغىش سەۋەبى
روھلان + 15 100%ئوخشاش پىكىردە

باھا خاتىرىسى

ھى ھى ھى..مەن قاچاندىن بېرى باشقىلار بوپ قالدىم خان ئاچا.
قالتىس چىقىپتۇ بۇ.

لىكىن ماڭا يازمىغىنىڭىز بەك ئۇۋال بولدى دە ماڭا.
مەن ئەلنىڭ نەپرىتى ئەمەستىم يا....
ۋاقتى: 2014-6-16 14:23:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن...ئايشەمگۇل ھەدەمنىڭ قەلەم قۇۋىتى ھەقىقەتەن كۈچلۈككەن...
ۋاقتى: 2014-6-16 14:41:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەمگۈل ھەدىمىزمۇ كەڭ قورساق ،خىجىلچان ئۇيغۇر ئانىللىرىمىزنىڭ بىرسى ،بۇنى بۇ يازغان شىئىردىن كۆرۋالغىلى بولىدۇ . قانچىلىك كۆڭۈل ئاغرىقى تاتقىننقمۇ بىلگىلى بولىدۇ ھەم .شۇڭا قىرىنداشلار  ، ئاكا - ئۇكا ،ئاچا-سىڭىللار ،مىنىڭ تەكلىۋىم :مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پىتنە گەپلەر ۋە چەكتىن ئاشقان چاقچاقلارنى ئەمدى توختاتساق.
ۋاقتى: 2014-6-16 14:55:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alxir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 15:10  

ئۇف، ئەمدى ۋاقتىنچە شېئىر يازماي قولۇمدىكى بىر قانچە دېتالنى پۈتتۈرەي، ئاندىن قايتا قەلەم ئالارمەن.
بىلىپ - بىلمەي گۇناھ قىلىپ سېلىشتىن، پىتنە - پاساتقا ئارىلىشىپ قېلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن.
ۋاقتى: 2014-6-16 15:37:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلاندىكى شائىرە سىز، سىزگە قول قويماي
تۇرالمايمىز!!
ھە راس، ئىسمىڭىزنى ھاجەرگە ئۆزگەرتىپتىكەنسىزغۇ؟ يا مەن خاتا كۆرۈپ
قالدىممۇ،،
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-6-16 20:11:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا،قەلەم قۇۋۋىتىڭىز شۇنداق ياخشىكەن.بۇنۇڭلۇق بىلەن شىئېرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
ۋاقتى: 2014-6-16 23:48:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى سىزدەك ياخشى يازىدىغان بىرەر مۇئەللىمنىڭ قۇلىدا بىرەر يىل ئوقۇغان بولسام بەلكىم ھازىر مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان بۇلىشىم مۇمكىنتى ....
ۋاقتى: 2014-6-17 03:02:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توختىتايلى چاقچاقنى پىتنە بولۇپ چاقمىسۇن،
ئېشىپ كەتسە سۆزىمىز توشقان بولۇپ قاچمىسۇن.
يامان كۆزلەر تىكىلىپ غەرەز بولۇپ باقمىسۇن،
تۆھمەتلەرمۇ كەينىدىن گەزنە بولۇپ ياقمىسۇن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-17 08:26

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش