روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1120|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تۇرمۇش ئۈچۈن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

             تۇرمۇش ئۈچۈن

ئۆمۈر ھاسىلاتىم شۇ بولدىكىن تۇرمۇش ئۈچۈن،
ئويلىسام چىڭ چەكتىم جاپا تۇرمۇش ئۈچۈن.
لېكىن ھەي!...تاپقىنىم شۇلدۇر يەنە جەبرە-كۈلپەت،
ئۆرە بولسام مىڭ يىقىلدىم تۇرمۇش ئۈچۈن.

مەن تۇغۇلسام تەتۈر ئىكەن شۇنداق جاھان،
دادام،بوۋام تا قەدىمدىن ئىكەن دېھقان.
ماڭىمۇ شۇ پۈتۈلگىنى توپا-تامان،
تەغدىرگە تەن بىرىپ باقتىم تۇرمۇش ئۈچۈن.

قوللىرىمنى تۈگەل يېرىق-قاداق باسقان،
خوددى تاينى_«كىچىك»،دېمەي ھارۋا قاتقان.
ئىلاجىم يوق بۇ جاپانى تارتماي ھامان،
لەۋلىرىمنى چىڭ چىشلىدىم تۇرمۇش ئۈچۈن.

ياخشى كۈنگە ئېرىشەي دەپ تولا قاتراپ،
ئارامى يوق غىچچاڭشىدىم ھەپتە-ئايلاپ.
ئۆز-ئۆزۈمگە ئېيتىپ كەلدىم_«قويما يىغلاپ»،
چىدام ھەمرا ھامان كەلدى تۇرمۇش ئۈچۈن.

كۈلكىسى ئاز،يىغىسى كۆپ جاھان شۇنداق،
يىغا-يىغلاپ كۈلەلمىسەم قىلاي قانداق؟
سۇئال قويدۇم،دېدى دانا:_قىسمەت ئاشتاق،
«قىسمەت» نى تەن ئالدىم ئاخىر تۇرمۇش ئۈچۈن.

ئىلىم-ئېرپان ئىزدەپ بىر چاغ ئىرادەتتە،
خەلقىم ئۈچۈن بولاي خىزمەت-مالامەتتە.
لېكىن ئارمان بولدى گۇمران تالاپەتتە،
«ئارمان» ئۇنتۇپ يۈرۈپتىمەن تۇرمۇش ئۈچۈن.

قارا قىشتا يەرگە كەتمەن چېپىپ باقتىم،
مۆرىتى كەلسە توپا دېمەي «داق» تا ياتتىم.
تامچىلارغا لاي ئېتىپ ھەم خىشمۇ ئاتتىم،
ھەرنە قىلسام قىلدىم يەنە تۇرمۇش ئۈچۈن.

تەنە-دىشۋار نەھەققىمۇ ھەم چىدىدىم،
تەندە ماغدۇر قالمىسىمۇ ۋايسىمىدىم.
«_تويە بەندە،ياشىغانغا!» دەپ باقمىدىم،
سانسىز سەۋىر قىلدىم يەنە تۇرمۇش ئۈچۈن.


غۇربەتچىلىك ھامان تاشتەك جانغا پاتار،
تۈندە يېتىپ سۈرسەم خىيال تاڭلار ئاتار.
سۆزلىمە بەس! قايغۇڭ ئۆزۈڭگە گۆر قازار.
ئۈنسىز ياشا،مەۋجۇدلىقىڭ_تۇرمۇش ئۈچۈن.

     2013-يىل 12-دېكابىر.

مەنبە: قەلىمىم.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +12 تەڭگە +8 بايلىق +8 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
جام + 20 + 12 + 8 + 8 + 7 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

كېيىنكى: كەلگۈدەك
ئالدىنقى: دوپپا كىيەيلى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-31 00:23:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىڭىزنى  يېرىم  قىلماڭ .
ۋاقتى: 2014-5-31 00:27:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن. قوللىرىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن.

باھا سۆز

رەھمەت،تۇرمۇش كارتىنلىرىمدىن بىر پارچە خالاس.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-31 00:31
ۋاقتى: 2014-5-31 00:29:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي تۇرمۇش- ھەي تۇرمۇش!
ھەقىقەت ئىسىل، ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان شېئىر ئىكەن، يارايسىز، قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن!
بۇ دۇنياغا كەلگەن ھەر بىر ئادەم چوڭ بولۇپ، مەيلى نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولمىسۇن شۇ بىرلا مەقسەت- تۇرمۇش ئۈچۈن تاكى تېنىقتىن قالغۇچە تىپىرلايدىكەن، ھەرخىل قىسمەت- ھەرخىل كۈنلەرگە داخىل بولىدىكەن، ئاخىرىدا يەنە شۇ تۇرمۇش ئۈچۈن ھەممىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئارمان بىلەن بۇ گۈزەل دۇنياغا تويماستىن توساتتىن كېتىپ قالىدىكەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-31 00:31:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2014-5-31 00:27
ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن. قوللىرىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن.

رەھمەت،تۇرمۇش كارتىنلىرىمدىن بىر پارچە خالاس.
ۋاقتى: 2014-5-31 08:05:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئ‍ىىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ , رەخمەت
Android  يانفۇندا يوللانغان
ۋاقتى: 2014-5-31 11:48:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ.
ۋاقتى: 2014-5-31 15:16:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي تۇرمۇش . كىچىك ۋاقتىمدا تىزراق چوڭ بولسام دەيتتىم .لېكىن چوڭ بولۇپ كۈندىن كۈنگە مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى ھېس قېلۋاتىمەن .8 ياشلىق ۋاقتىمنى شۇنداق سېغىنىمەن. بەزى ئارزۇلارغا ئادەم تۇرمۇشنىڭ ئېغىر بېسىملىرى تۈپەيلى يېتەلمەيدىكەن ئادەم. شېئىرلىرڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ.
ۋاقتى: 2014-5-31 20:31:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-31 20:56  

بۇ شېئىرى ئەمىلىيەتكە ماسلاشقان ھالدا بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
ۋاقتى: 2014-6-1 00:49:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا ئۈچۈن بولۇپ پاتپاراق،
ئىنسان ئۆتەر تويماي ئاشۇنداق.
ھاياتلىقتا تويمىغان كۆزنى،
تويدىرىدۇ پەقەتلا تۇپراق.

شىئىر بەك ئىسىل چىقىپتۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-21 08:10

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش