روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1437|ئىنكاس: 13
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر]كىشلەرگە دىگۈم بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-20 11:38  

‏كىشلەرگە دىگۈم بار
‏ئۆتمۈشنى ئويلىسام ئۆكسۈيدۇ يۈرەك،
بولسىمۇ قەلبىمدە شۇنچىلىك  نەپرەت.
نەپرەتكە ئورۇن يوق دەرلەر ئىكەنلەر،
ھۆكۈملەر سۈرمىگەن بولسا مۇھاببەت.

تۇيۇقسىز كېلىدۇ يوپۇرۇپ سەلدەك،
قورغانىم مۇستەھكەم بولسىمۇ خىيال.
يۈرەكلەر موجۇيدۇ ھەر بىر كەلگەندە،
بەزىدە توسۇشقا بولمايدۇ ئامال.

ئۆتمۈشكە ئاھ ئۇرۇش ناداننىڭ ئىشى،
ئويلىماي ،ئۇپراتماي ئۆزەمنى دەيمەن.
مەنىسىز خىيالدىن نە پايدا چىقار،
بوپتىلا ئۇمۇ بىر تەقدىركەن دەيمەن.

تەقدىردۇ ھەممىسى بىزگە پۈتۈلگەن،
بىراق شۇ تەقدىرگە سەۋەپ كەتمەمدۇ؟
ياندىكى ھېسىپنىڭ قەدرىنى قىلساق،
ئەتىكى ئۆپكىگە  ئېغىز تەگمەمدۇ؟!

مۇھاببەت، ئائىلە مۇستەھكەم قورغان،
قورغاننى شەيتانلار بۇزارمەن دەرمىش.
بەخىتلىك ئۆيىگە شۈكۈرلەر ئېيتماي،
بەزىلەر ۋاقىتسىز پۇشايمان يەرمىش...

ئىنسانكەن ھەممىدە بولىدۇ نۇقسان،
تۇرمۇشمۇ ئىگىز پەس بولۇپ قالىدۇ.
ئازدۇرۇپ ئىنساننى ۋەسۋەسە سېلىپ،
ئايرىسا شەيتانلار دۇمباق چالىدۇ.

رازى بول ئۆيۈڭدىن،بۇ قورغانىڭدىن،
شەيتانلار سۆزىگە سالمىغىن قۇلاق.
ئورنىغا كەلمەيدۇ ھەرنىمە قىلساڭ،
كۆزۈڭدىن ئاقسىمۇ قۇرىماس بۇلاق.

كىشلەرگە دىگۈم بار شۈكۈر ئېيتىڭلار،
تىرىشماي تەقدىردىن ئاغرىنىش گۇناھ.
بارىنى قەدىرلەپ،يوققا تىرىشساق،
مەڭگۈلۈك بەخىتنى بەرگۈسى ئاللاھ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-14 23:22:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
ۋاقتى: 2014-5-15 09:13:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەندە ئوقۇۋالدىم دە
ۋاقتى: 2014-5-15 09:29:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاللىڭىز نىمانداق  ئىشلەيدىغاندۇ دەيمە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-15 14:38:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەشتاق发表于2014-05-14 23:22:51
رەھمەت، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
ھەممىمىزگە ئامىن!
来自安卓客户端
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-15 14:39:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alxir发表于2014-05-15 09:13:57
ئەتىگەندە ئوقۇۋالدىم دە{:1_1:}
ئوقۇپ قويغانغىلا بولمايدۇ.ئاچىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلايسىز مۇنداق.كىيىن تۇرمۇش قۇرغاندا يىغلاپ قالمايسىز
来自安卓客户端

باھا سۆز

ۋاي بولىدۇ. قارىغاندا "ئايشەمگۈلنى ئالايمۇ 2" نى يازسام بولامدۇ نېمە؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-15 16:16
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-15 14:39:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالمىچى2发表于2014-05-15 09:29:24
كاللىڭىز نىمانداق  ئىشلەيدىغاندۇ دەيمە:lol:victory:
قاندىغا؟شېئىرىم بولۇپ قاپتىما؟ئانچە مۇنچە بولۇپ قالدى بولمىسا ھە؟
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-5-15 16:16:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgvl يوللىغان ۋاقتى  2014-5-15 14:39
ئوقۇپ قويغانغىلا بولمايدۇ.ئاچىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلايسى ...

ۋاي بولىدۇ.
قارىغاندا "ئايشەمگۈلنى ئالايمۇ 2" نى يازسام بولامدۇ نېمە؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-15 18:02:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alxir发表于2014-05-15 16:16:44


ۋاي بولىدۇ.:lol
قارىغاندا "ئايشەمگۈلنى ئالايمۇ 2" نى يازسام بولامدۇ نېمە؟;P
مەن ما روھلانغا كىرەيمۇ يا؟
来自安卓客户端

باھا سۆز

چاق چاق ۋاي. بىرى پۇل بەرسىمۇ يازماسمىنا.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-15 18:24
ۋاقتى: 2014-5-15 18:24:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgvl يوللىغان ۋاقتى  2014-5-15 18:02
مەن ما روھلانغا كىرەيمۇ يا؟
来自安卓客户端

چاق چاق ۋاي.
بىرى پۇل بەرسىمۇ يازماسمىنا.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-15 06:59

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش