روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1503|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر]ھەمشىرلىرىمگە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-20 11:33  

‏ھەمشىرلىرىمگە

ھالىم چوڭ دەپ ئېشىۋالمايمىز،
قوغلاپ باق دەپ قېچىۋالمايمىز.
كېتىپ قالسا ياراتماي بىزنى،
چىدىماستىن يېتىۋالمايمىز.
.
ھىچكىم ئەمەس تېپىلماس خورما،
كەتسە كەتسۇن بولدى ئاھ ئۇرما.
قىممىتىڭنى بىلمىسە ئۇلار،
سەن ئۆزۈڭنى قەدىرسىز قىلما.
.
ئالتۇن ئەسكى تۆمۈر بولمايدۇ،
بىرى چۆرۈپ  تاشلىغان بىلەن.
قىممىتىڭ ھەم يوقاپ قالمايدۇ،
كۆزى كورلار بىلمىگەن بىلەن.
.
بىچارە دە ئۇنداق كىشىنى،
ئۆزىنى سۆيگەن ياردىن ئايرىلدى.
بەخىتلىكمەن دىگىن خوش دىسە،
قەدرىڭ بىلمەس كىشى يوقالدى.
.
سەبىرلىك بول،ھىكمەتلەر كۆپتۇر،
رەببىمىزدىن ئۈمۈدسىز بولما.
تەقدىر قىلغان يارىڭ كەلگۈچە،
سەن شەيتانغا يول ئېچىپ قويما.
.
ئۇزۇن دىسەڭ ئۇزۇن ئالەمدۇر،
قىسقا دىسەڭ بىر ئىككى كۈنلۈك.
سەبىر قىلىپ ھەر سىناقلارغا،
ئىمان بىلەن مەغرۇر يۈرگۈلۈك.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-5-8 21:37:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رازى بولسۇن، ھەمشىرىڭىز بولمىساممۇ ئوقۇۋالدىم.

باھا سۆز

ئاللا......يامان بوپتۇ!  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-5-8 21:56
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-8 21:56:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alxir يوللىغان ۋاقتى  2014-5-8 21:37
ئاللاھ رازى بولسۇن، ھەمشىرىڭىز بولمىساممۇ ئوقۇۋالدىم. ...

ئاللا......يامان بوپتۇ!
ياخشى يېزىپسىز

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-15 10:24

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش