روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1257|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاڭلا،يۈرىكىم!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-20 11:31  

ئاڭلا،يۈرىكىم!   
كۆنەي دىسەڭ نازۇك يۈرىكىم،   
شۈكۈر،سەبىر قىلىشقا كۆنگىن
كۆنۈپ قالما بىرەر ئىنسانغا،  
‏ھامان تاشلاپ كېتىدۇ بىلگىن.

‏ئىنسان ئاجىز ساڭىلا ئەمەس،   
ئۆزىگىمۇ ئىگە بولالماس.   
ئىشەنچىڭنى باغلا ئاللاھقا،   
سېنى ھەرگىز ئۈمۈدسىز قويماس.  

‏مەيلى پات پات خىيال سۈرۈپ قوي،
رىئاللىقنى ئۇنۇتما بىراق،   
خام خىيالنى تونۇپ يەتكەنلەر،  
ئۈمۈدسىز بوپ قېلىشتىن يىراق.
         
‏ئاھ ۋاھ لارنى قويغىن يۈرىكىم،   
چىداملىق ھەم ئېغىر بېسىق بول،  
قورقۇپ كەتمە كەچمىشلىرىڭدىن،
كۆز قورقاقتۇر،باتۇرى جۈپ قول.   
      
‏ھەر سوقۇشتا ئەسلە ئاللاھنى،   
شۇنىڭدىلا ساغلام بولۇرسەن.   
ئاللاھىمنىڭ قۇدرەتلىرىدىن،   
ئىزنە ئېلىپ كۈچكە تولۇرسەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
tapan + 15 + 9 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ئالدىنقى: تىلغا گاداي
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-5 16:26:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ!نىمانچە تېز تەستىق سېلىنغان.ھارمىغايسىلەر!
ۋاقتى: 2014-5-5 17:09:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئىلھامىڭىزغا بەكلا كەپسىز . يارايسىز  داۋاملىق ئالاھ نى قىتىپ يىزىڭ  ئالاھنى مەدىلەڭ  شۇندىلا شىرلىرىڭىز تىخىمۇ پاسەھەتلىك -تىخىمۇ ياخشى چىقىدۇ .رەخمەت.كوپتىن كوپ رەخمەت
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-5-5 20:11:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېر بەك ياخشى چىقىپتۇ. ئەمما بىرىنچى كۈبلىتى بەكلا تۇنۇش تۇرىدۇ. ۋېي شىندا كۆردۈممۇ ياكى باشقا يەردىمۇ ئېسىمدە يوق.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-5 22:31:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈندىداردا كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن.شېئىرلىرىمنى ئادەتتە ئۈندىداردا يازىمەن.بۇ شېئىرمۇ دوستلىرىمغا بەك ياراپ كەتكەن.بىرىنچى كوپلىتنى ئايرىم تاراتقانلارمۇ،پۈتۈن تاراتقانلارمۇ بولدى.ئۆزۈم تاراتقاندا ئىمزانى قوشۇپ تاراتقان بىلەن باشقىلارنىڭ ئىمزانى ئۆچۈرۋىتىپ تارىتىشىغا قارشى تۇرمىدىم.
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-5-5 23:21:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2014-5-5 23:21:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2014-5-6 00:35:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزنى روھلان ئەھلىدىن ئايىمىغايسىز.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 07:31

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش