روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 656|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تىلغا گاداي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-20 11:28  

‏تىلغا گاداي
ئۆز ھالىم سۆزلىمەك بوپ بۇكەمگىچە،
توقۇدۇم پۈچەك شېئىر تالاي - تالاي.
كۈيلىمەك بولۇپ بىرلا ئاللاھىمنى،
قولۇمغا قەلەم ئالسام تىلغا گاداي.

ئاللاھىم سۈپەتلىرى بايان ئەتسەم،
ئاجىزدۇر بۇ قەلەمىم،قۇۋۋىتى يوق.
شۇنچىلىك ئۇلۇغدۇركى مېنىڭ رەببىم،
ئۇنىڭغا لايىقىدا ھىچبىر سۆز يوق.

مەن كۆرۈپ، ئاڭلىغان ھەم ئاڭلىمىغان،
جانسىز ھەم جانلىقلارنىڭ ئىگىسىدۇر.
شۇنچىلىك سېخى زاتكى ھەممە نىئمەت،
مىننەتسىز،ياردەمچىسىز،ئۇنىڭدىندۇر.

ھىچكىمدىن تۇغۇلمىغان،تۇغمايدۇ ھەم،
يىگانە بىردۇر پەقەت تەڭدىشى يوق.
ئالەمنى يارىتىشتا،باشقۇرۇشتا،
ئۆزگىگە مۇھتاج ئەمەس،شىرىكى يوق.

ياراتتى بىز ئىنساننى بۇ دۇنياغا،
ئىبادەت قىلسۇن دىدى بىر ئۆزىگە.
ئەۋەتتى پەيغەمبەرلەر دەۋەت ئۈچۈن،
كىرگۈزمەك بولۇپ ئۇنىڭ ھەق سۆزىگە.

ۋە بىراق ئۇنتۇشتى تېز بەزى ئىنسان،
ئەھدىنى،ئامانەتنى نەفسى ئۈچۈن.
كۆرمىدى،ئاڭلىمىدى ھەقىقەتنى،
ئۆزىنى ئالداپ ئۆتتى دۇنيا ئۈچۈن.

ئاللاھنى سۆيدۈم دەيدۇ،بىراق كۆرسەڭ،
گۇناھتىن يانماي يەنە ئاسىي بولۇر.
شەيتاننى ئۆچ كۆرىدۇ،بىراق يەنە،
نەفسى ئۈچۈن شۇ مەلئۇننىڭ قۇلى بولۇر.

ئەگەربىز ھەقىقەتتىن ئازماي دىسەك،
قۇرئان ھەم سۈننەتكە چىڭ ئەگىشەيلى.
ئۇچرىساق بۇ دۇنيادا ئەرزىيەتكە،
سەبىر قىپ ساۋاپلىقنى ياد ئېتەيلى.

ئاللاھنىڭ رەھمەتلىرى ياغمىسا گەر،
ھىدايەت قىلالمايدۇ ھىچكىم بىزنى.
قورقۇنۇچ،ئۈمۈد بىلەن تىلەيلى بىز،
مۇستەھكەن ئىمان بىلەن ھىدايەتنى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +20 ئىناۋەت +25 تەڭگە +25 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
نەۋرۇز + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
alxir + 5 + 5 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ياخشى يېزىپسىز ،
ۋاقتى: 2014-5-5 12:18:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رازى بولسۇن، قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز ھارمىغاي.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-5 12:24:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2014-5-5 13:13:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، ياخشى ئەسەرلىرىڭىز ئۆزۈلۈپ قالمىسۇن
ۋاقتى: 2014-5-5 13:39:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي- ۋاي ۋاي بەك ياخشى يىزىپسىز .مەن ئالاھنى مەدىلەپ يازغان شىرىلارنى كورسەم ،بەكلا خوش بولوپ كىتىمەن.ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق شىرىلار يىزىلىشى كىرەك .ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭوشلوق ،تۇمۇشىڭىزنى باياشات .كوڭلۇڭىزگە ئىنساپ-بەرسۇن .قەلىمىڭىز مەڭگۇ ئالاھ ئۇچۇن توختاپ قالمىسۇن .....سىزگە كوپ رەخمەت
ھەممىڭلارغا رەھمەت.ھەممىمىزگە ئامىن!ئېيتقىنىمدەك شېئىرلىرىم پۈچەكرەك،شۇنداق بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم.بىراق ھەرقايسىڭلارنىڭكىنى كۆرگىلى ھېچ يىتىشىپ بولالمايۋاتىمەن ۋاقتىم بولسىلا ئۆزەمنىڭكىگە دۈم چۈشۈپ.ئالدىمىزدا كۆرۈپ تەلىم ئالىمەن ئىنشائاللاھ
ۋاقتى: 2014-5-5 20:16:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەببىمىز مەدېھلەنگەن پاساھەتكە تۇيۇنغان بۇ شىېئرىڭىزنى ئوقۇپ سىزگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم قېرىندىشىم. ئاللاھ بىر گۈلىڭىزنى ئون قىلسۇن قولڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن. رەھمەت سىزگە . تېخىمۇ تېرىشىڭ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-5 22:35:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاساھەت دىگەن بۇ سۆز ياراشمىدى بۇ شېئىرغا.ئادەتتە باشقىلار تىلى ئاددى يېقىشلىق بوپتۇ دەپ ماختايدۇ.كۆپ يازمىغاچ تىللىرىم تاۋلانمىغان.
来自安卓客户端

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-20 00:15

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش