روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 870|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاگاھ بول ئىنسان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ayshemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-20 11:28  

‏ئاگاھ بول ئىنسان
‏ئاڭلا،ھەركىم ھەرنىمە دەيدۇ،كىشى دەردىنى بىلمەيدۇ.
كىشى دەردىنى بىلەر بولسا...كىشى ھالىگە كۈلمەيدۇ.

ئەجەپكى  شۇ نادان ئىنسان،كىشى ھالىنى سۆزلەيدۇ،
كېچە كۈندۈز تىنىم تاپماي،ئەيىپ تاپماقنى  كۆزلەيدۇ.

ئېتى رەھمان،ئۇلۇغ رەببىم،ياراتتى ئىنساننى ھېكمەتتە،
بىرى ئېگىز بىرى پاكار،يارالدى پەرىقلىق  خىسلەتتە.

يارالمىشى پۈتۈلگەندۇر،دۇچاركەن ھەر خىل قىسمەتكە،
پېقىر بولدى بەزى ئىنسان،ئېرىشتى بەزىسى شۆھرەتكە.

پۇلى بولدى،مالى بولدى...ئويلىماس بۇلارنى كىم بەردى،
كۆرۈپ جامالىنى  ئەينەكتە، قەلىبلەرگە كىبىر قوندى...

ئېيتاركەن ئۇ پاكار دومباق،پوكۇنچى  ئۇزۇن جىرتاق.
ماۋۇسى  يۈزى چوقۇر،ئاۋۇسى توۋا  ئەجەپ قىسماق.

ئۇنىڭ ئاشنىسى بارمىش...نوقۇپ بېقىن  كۇسۇرلاشلار..
ئالدىڭدا كۈلۈپ ئېيتماس،كەينىڭدە ئاي ھاي پىچىرلاشلار...

يېتىپ كەلسە ساڭا  كۈلپەت،ئۇنىڭغا بولغۇسى پۇرسەت،
ھالىڭ سورار خۇددى دوستۇڭدەك،بىراق باردۇر بۆلەك مەقسەت.

غەيۋەت باشلار ،ھېرىپ  ـ ئاچماي،ئىشەنسە بىرى خوشلۇقتا،
سۆزلەپ يۈرەر  بىرى بۇنى، سۈرۈشتۈرمەي گومۇشلۇقتا.

كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭمۇ ئىنسان ئاشۇ ئىللەتنى ئۈستۈمدە؟
قانداق چىداپ ئازار بەردىڭ چىنەدەك نازۇك كۆڭلۈمگە؟

تىلىڭ يىققىن ئەي نادان ئىنسان، يازار ئۈستۈڭدە پەرىشتە،
ئاگاھ بولماي يۈرىۋەرسەڭ بولارسەن بىر كۈن شەرمەندە.

كېرىلمىگىن ئالدىمدا ھەرگىز سەنمۇ بىر ئاجىز بەندە،
ئۆلەر بولساڭ ئەجلىڭ كېلىپ، بولمايدۇ ھىچكىم ياردەمدە.

سەن چوڭ كۆرگەن مالۇ دۇنيا ،قالۇر دۇنيادا كىملەردە،
پايدا بىرۇر پەقەت ئەمەل ،قىلساڭلا  ئىخلاس  نىيەتتە.

پاناھ تىلە قوغلاندى شەيتاندىن،ئۇنىڭ ۋەدىسى يالغاندۇر،
دەۋزەختىن باشقىسى بىلسەڭ، بىز ئۈچۈن ئامانلىقتۇر.

زىكىردىن قالمىسۇن تىلىڭ،شۇندا پاكىز بولۇر قەلبىڭ،
كىبىرلىكتە غادايما ئەسلا،يامان كۆرەر ئۇلۇغ رەببىڭ.

بۇدۇنيادا ياشايدىكەن،ھەر قىسما تۈرلۈك ئىنسانلار،
كېتەر ھەممە قالماس ھىچكىم،يۈدۈپ  گۈزەل ئارمانلار.

بەزى ئىنسان تونۇپ ھەقنى،ئېرىشتى شۇ   ھىدايەتكە،
بەزىسى دەيدۇ "مەن بىرلا!"،ئەگەشتى قوغلاندى شەيتانگە.

تەپەككۇر قىلمىغان ئىنسان،قالۇر زۇلمەت جاھالەتتە،
ئېچىپ ئۇيقۇ،تۆكەر ياشلار... ھېساپ كۈنى قىيامەتتە.

ئاگاھ بولغىن شۇڭا ئىنسان،قوي بولدى كىشى ھالىنى،
تۆۋبە قىلغىن،تىرىش ھەرچاغ،كۆرمەككە ئاللاھ جامالىنى.
كېيىنكى: تىلغا گاداي
ئالدىنقى: گۈلنازىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كۈندە يوللاپ تۇرۇڭ
ۋاقتى: 2014-5-5 14:35:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[كىبىرلىكتە غادايما ئەسلا،يامان كۆرەر ئۇلۇغ رەببىڭ.]ھەقىقەتەن  ياخشى يىزىپسىز. مۇشۇ يەرىنى بەكلا ياختۇرۇپ قالدىم،رەخمەت سىزگە [ئاللاھنى مەدىلەپ بىرنى يىزىۋىتىڭە خوش بولاي] ھە راس [رەببىڭ]ئەمەس رەببىم

ۋاقتى: 2014-5-5 20:19:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا خېلىدىن بېرى قەلىمىڭىزنى تاۋلاپ يازمىللىرىڭىزنى ‹‹ئەلدىن ئاياپ›› كىلۋاتقان شائىرەكەنىسىز. ئەسەرلىرىڭىز بىر بىردىن ئسىل ئادەمگە باشقىچە زوق بېرىدىكەن.
ۋاقتى: 2014-5-5 20:19:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يازمىللىرىڭىزنى دائىم يوللاپ تۇرۇڭ.
ۋاقتى: 2014-5-5 23:04:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بۇيانقى تېمىلىرىڭىزدىن تولىمۇ زوق ئالدۇق. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. كۆز تەگمىگەي.
مەنمۇ بەك ياقتۇردۇم.
ۋاقتى: 2014-9-10 19:09:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەك ياقتۇردۇم.
كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرغىنىغا رەھمەت!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-24 05:20

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش